رونالدونىڭ مېندېسنىڭ قىزىنى تاللىماسلىقى ھازىرقى قىز دوستى ئوغلىنىڭ ئاپىسى بولغانلىق سەۋەبىدىنمۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-08 15:24:30

ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ پەخىرى ھېسابلىنىدىغان كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسى پۇتبول دۇنياسىدىكى نۇرغۇن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى، بىراق بۇلانىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىگە تۇتقان ئۇسۇلى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، مېسسى بولسا 9 ياش ۋاقتىدا ئانتونېللا بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرلا ئايالنى ياخشى كۆرۈپ كەلدى، بىراق كىرىستىيانو رونالدو بولسا كىيىم ئالماشتۇرغاندەك نۇرغۇن قىزلارنى ئالماشتۇرۇپ بولدى.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، رونالدونىڭ ئىرىنا بىلەن بەش يىل مۇھەببەتلەشكىنى ناھايىتى قالتىس ئىش، بىراق ئىرىنا شۇنچە گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك بولسىمۇ، بىراق بەش يىلدىن كېيىن رونالدو بىلەن ئايرىلىپ كەتتى، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، يەنى رونالدو رۇسىيەلىك داڭلىق مودېلنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ باشقا قىزلار بىلەنمۇ ئارلاشقان.

رونالدو ئىرىنا بىلەن ئايرىلىپ بويتاقلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەتراپىدىن قىزلار ئۈزۈلۈپ باقمىدى، ھەتتا بۇلارنىڭ ئارىسىدا داڭلىق ۋاستىچى مېندېسنىڭ قىزىمۇ بار. مېندېسنىڭ قىزى رونالدو بىلەن خىلى يىقىنلاشقان، ھەتتا ئاخبارات ۋاستىلىرى مېندېس رونالدونىڭ ۋاستىچىسىلا ئەمەس بەلكى قىينئاتىسى دەپ خەۋەر تارقاتقان.

بىراق رونالدو مېندېسنىڭ قىزى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچىرىشىقا چىقىپلا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن، چۈنكى بۇ قىز كاتتا غوجايىن رونالدونىڭ ئىشتىھاسىغا ياقمىغان، چۈنكى رونالدونىڭ ئىشتىھاسى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. كېين رونالدو ھازىرقى قىز دوستى گېئورگىنا بىلەن يۈرگەن.

سىلەرمۇ بايقىغان بولىشىڭلار مۇمكىن، رونالدونىڭ قىز دوستى گېئورگىنانىڭ چىرايى رونالدونىڭ چوڭ ئوغلىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، شۇڭا گېئورگىنا كىچىك رونالدونىڭ ئۆز ئاپىسى دېگەن سۆز چۆچەكلەرمۇ تارقالغان. بىراق گېئورگىنا ئاران 20 ياشقا كىرگەچكە، كىچىك رونالدونىڭ ئاپىسى بولۇش ئىھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، بىراق رونالدو يەنىلا بۇ پىرگازچىك قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. شۇڭا ياۋروپادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى، گېئورگىنا كىچىك رونالدونىڭ ئاپىسىغا ئوخىشىغاچقا، رونالدو ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رونالدو بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، گېئورگىنانىڭ تۇرمىشىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولدى، خۇددى ئاسماندىن ئامەت ياغقاندەكلا ئىشقا يولۇقتى، رونالدو بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن باشلاپ خىرىدارلارنىڭ ئاياغ سىنىشىغا ياردەملەشمەيدىغان، بەلكى شەخسىي ئايروپىلان بىلەن ساياھەت قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. كىچىك رونالدونىڭ قوشكىزەك ئىنى-سىڭلىسى تۇغۇلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئاپىسى ئاشكارىلانمىدى، بىراق گېئورگىنانىڭ ھامىلدار بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ھازىر گېئورگىنانىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا ئالتە ئاي بولدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ ئايدىن كېيىن رونالدو 4-بالىسىنى كۈتىۋالىدۇ، گېئورگىنامۇ رونالدونىڭ باللىرىنىڭ ئاشكارىلانغان تۇنجى ئانىسىغا ئايلىنىدۇ.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نوچىلىرى توققۇزتارادا تۇتۇشماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015