مېسسى كەسپىي ھاياتىدىكى 42-قېتىملىق «قالپاق ئويۇنى»نى تاماملىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 13:58:42

بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئوينالدى، بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا قىلچە رەھىم قىلماستىن ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىنى 5-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلدى، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ داڭدار ھۇجۇمچىسى مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئويناپ، ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى، نۆۋەتتە مېسسى ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن كېيىن 5 توپ كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مەرگەنلەر ئارىسىدا 1-ئورۇندا تۇرماقتا.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى مۇسابىقىنىڭ 25-مىنۇتى، 34-مىنۇتى ۋە 66-مىنۇتلىرىدا بىردىن توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى، بۇ مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى 42-قېتىملىق قالپاق ئويۇنى تاماملىشى، بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 38 قېتىم قالپاق ئويۇنىنى تاماملىشى  ھېسابلىنىدۇ، تاكى ھازىرغا قەدەر مېسسى 708 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 571 توپ كىرگۈزگەن، ھەمدە 231 ياردەم پاس چىقارغان.

ئۇنىڭدىن باشقا مېسسى ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا 18 توپ كىرگۈزگەن، بۇ نەتىجىسى بىلەن كاتالۇنىيە رايون دېرىبىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىغا ئايلانغان، تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسىنىڭ كىرگۈزگەن 3-توپىغا بارسېلونا كوماندىسىدىكى ھەممە ئەزالار قاتناشقان.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015