ياۋروپادىكى بەش زەردار كۇلۇب 70 مىليون ياۋرو باھادا بېنزىمانى قوشۇۋالماقچى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-25 13:06:52

بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى:

ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خانلىق مادرىد «دۆلەت دېربىسى»دا 0-3 نەتىجىدە بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، كوماندىدىكى بىرىنچى بولۇپ تازلايدىغان ئادەمنى بېكىتكەن، ئۇ دەل كوماندىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بېنزىما بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەر يىلى يازدا خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىشى ئېنىق بولۇپ قالغان.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خانلىق مادرىد بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بىنزىمانى سىنايدىغان مۇسابىقە قىلغان، ئەگەر ئىپادىسى ياخشى بولسا داۋاملىق ئېلىپ قالىدىغان، ئىپادىسى ياخشى بولمىسا كوماندىدىن تازلايدىغان بولغان، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ مۇسابىقىدە بېنزىمانىڭ قالتىس بىر كاللا توپىنى تېرستېگېن توسىۋالغان.

بۇ پەسىل بېنزىما 20 مەيدان مۇسابىقىدە ئاران 5 توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2 توپ كىرگۈزدى، ئىلگىرى رونالدو توپنى كۆپ كىرگۈزگەچكە، بېنزىما بىرەر توپ كىرگۈزەلمىسە ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەن، بىراق بۇ پەسىل خانلىق مادرىد بېنزىمانىڭ كۆكىرەك كىرىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بىراق فىرانسىيەلىك بۇ چولپاننىڭ ئىپادىسى كۈتكەن يەردىن چىقمىغان.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خانلىق مادرىد بېنزىمانى سېتىشنى قارار قىلغاچقا، پارىژ سانت گېرمان، ئارسېنال، مانچېستېر شەھىرى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق بەش زەردار كۇلۇب ئۇنى قوشۇۋېلىشقا تەييارلانغان، شۇڭا بېنزىمانىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 70 مىليون ياۋرودىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئەگەر بىرەر كۇلۇب مۇۋاپىق باھا قويسا، خانلىق مادرىد 1-ئايدىلا بېنزىمانى ساتماقچى، چۈنكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قىلىش تەس بولغاچقا، ئۇلار ئاسېنسىئونى بېنزىمانىڭ ئورنىدا ئاساسلىق ئەزا قىلماقچى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015