مېسسىغا تەۋە ئەشۇ بىر يىل--2012

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-25 13:07:19

دوڭچيۇدى تورى 24-دېكابىر خەۋىرى:

2012-يىلى، مېسسى بۇرۇن باشقىلار يارىتالمىغان، كېيىن باشقىلارنىڭ بۇزۇشى تەس بولغان رېكورت ياراتتى، ئارگېنتىنالىق چولپان بۇ بىر يىلدا 69 مەيدان مۇسابىقىدە 91 توپ كىرگۈزدى.

4-يانىۋار، بارسېلونانىڭ شۇ بىر يىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى، كوماندا دوختۇرى مېسسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ كۈنى مېسسى زۇكام بولۇپ قالغان ئىدى، يەنە ئازراق قىززىپ قالغان، بۇ ئۇنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈردى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن، مېسسى گۇاردىئولا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گۇاردىئولا ئۆزىنىڭ مېسسىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ مېسسىنى زاپاس ئەزالار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

بۇ شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىدى، ئوساسۇنا مېھمان مەيداندا بارسېلونا بىلەن رىقابەتلىشەتتى. ئۇ قىش شامىلى جاندىن ئۆتىدىغان كېچە ئىدى، لېكىن توپ مەستانىلىرى ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن نوكەمپونى ئىللىتتى.

ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئوساسۇناغا ۋاكالىتەن يان يولدا توختىماي بۆسۈپ ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتقىنى بېلگىيەنىڭ سابىق توپچىسى رولاند راماخ ئىدى، كەينىدىن ئۇ سىۋانسى كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلگەن، ھازىر ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىدىكى داللاس كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ.

راماخ: «نوكەمپودا بارسېلونا بىلەن رىقابەتلەشمەك تەسكە توختايدۇ، ئۇلارنىڭ نوكەمپودىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس. بۇ مەيدانمۇ ئىنتايىن چوڭ، ئىنتايىن ھەيۋەت. نوكەمپو ئېنگلاندتىكى مەيدانلاردىن كۆپ ھەيۋەت. بۇ يەر كونا تىراففورد مەيدانىغا ئوخشىمايدۇ، ھەقىقەتەن بەك چوڭ، 100 مىڭغا يېقىن ئادەم سىغىدۇ. بۇ يەردە سىز پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ھېسسىياتقا ئېرىشىسىز. بۇ يەردە مۇسابىقىلىشىشنىڭ نەتىجىسى ئادەتتە مېھمان مەيدان كوماندىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ».

خۇددى راماخ دېگەندەك، بارسېلونا بالدۇرلا ئىككى توپ ئەۋزەللىككە ئېرىشتى. مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا مېسسى مەيدانغا چىقتى. يېرىم سائەتنىڭ ئىچىدە مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزدى. گەرچە بارسېلونا 0:4 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېسسى ئىككى قېتىملىق توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر توپتا، مېسسى قارشى تەرەپ توپچىلىرىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن ئالۋېس بىلەن پاسلاشتى، كەينىدىن ئۇ يېقىن ئارىلىقتا قاپقىغا تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، لېكىن ئۇنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىلمەكتەك ئىلىپ تەپكەن توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە سۈركىلىپ چىقىپ كەتتى. ئەگەر بۇ توپ كىرگەن بولسا، بەلكىم شۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر كىرگەن توپ بولۇپ باھالىنىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ بىر تالانت ئىگىسى تاماملىيالايدىغان ئىپادە، بىلىش كېرەككى، ئۇ ئاغرىق ھالەتتە تۇرۇپ مۇشۇ ھەرىكەتنى تاماملىدى.

راماخ: «ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆگەن ھېسسىيات ئىنتايىن ئالاھىدە. ئۇ ھەر قېتىم قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىنى بىتچىت قىلىپ توپ كىرگۈزۈش ئامالىنى تېپىپ چىقالايدۇ. ئۇ ئالدىڭىزغا كەلگەندە، سىز ئۆزىڭىزنى خۇددى مومىياغا ئوخشاش كالامپاي ھېس قىلىسىز. قانداق قىلغاندا ئۇنى توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز».

ئەلۋەتتە، مېسسىنىڭ سېھرىي كۈچىدە گۇمران بولغان يالغۇز ئوساسۇنالا ئەمەس، بۇ ئەپسانىلەرچە بىر يىلنىڭ باشلىنىشى خالاس.

«رىۋايەتنىڭ مۇقەددىمىسى»

دامىيا ئابېللا(Damia Abella) مېسسىنى ئىنتايىن چۈشىنىدۇ. ئوساسۇنانىڭ بېكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابېللا نوكەمپودىكى ئاشۇ مەيدان شاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. لېكىن بارسېلونامۇ ئۇنىڭ «كونا ئائىلىسى»، 2004-يىلى 11-ئايدا، ئابېللا نوكەمپودا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت دېربىسىدا ئۆزىنىڭ بارسېلونادىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان. شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ئۈچ توپ پەرقى بىلەن خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان، ئابېللا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.

12 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا، ئابېللا بارسېلونا ۋە ئوساسۇنادىن باشقا يەنە سانتاندېر رىقابەت، خانلىق بېتىس ۋە مىدلېسبۇرگ كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن. ئۇ نېمىنىڭ مېسسىنى بۇنچىۋالا ئالاھىدە قىلىۋەتكىنىنى بىلىدۇ.

ئابېللانىڭ دېيىشىچە، پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق مېسسىنىڭ مۇشۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئىكەن. دەل مۇشۇ قىزغىنلىق، مېسسىدا شان-شەرەپكە بولغان ئېچىرقاش تۇيغۇسى پەيدا قىلغان، بۇمۇ ئۇنىڭ شۇنچە قەھرىتان قىشتىمۇ زۇكام تۇرۇپمۇ مەيدانغا چىقىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىنتىلىشىنى كونترول قىلالمايدۇ، توپ تېپەلمىسە، ئاغرىپ قالغاندىنمۇ بەكرەك ئازابلىنىدۇ.

ئابېللا: «مېسسى ھەقىقەتەن پۇتبولغا زور ئىشتىياق باغلىغان، ھەر خىل توپچىلارنىڭ ھەر خىل قىزىقىشى بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە پۇتبول پەقەت ئۇلارنى خىزمىتى خالاس. باشقا ۋاقىتلىرىدا ئۇلار پۇتبولغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا كېلەر مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ قايسى توپچىنى مۇداپىئە قىلىدىغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن يەنە بەزى توپچىلار بۇ كەسپىنى سۆيىدۇ، ئۇلار ئىزچىل پۇتبولغا پۈتۈن دىققىتىنى قارىتىدۇ. مېسسى دەل مۇشۇنداق توپچى، ھەتتا ئۆيىدىمۇ ئۇ پۇتبول بىلەن بىللە».

ئەمەلىيەتتە ئابېللا بىلەن مېسسى ئوخشاشلا 2004-يىلى بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار بارسېلونا ئىككىنچى سەپ كوماندىسى ۋە تەييارلىق كوماندىسىدا سەپداش ئىدى.

ئابېللا: «كوماندىدىكى ھەممەيلەن مېسسىنىڭ قالتىسلىقىنى تەرىپلىشىدۇ. بىز ھەممەيلەن ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قالتىس توپچى بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەشىق قىلغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا، سىز ئۇنىڭدا باشقىلاردا بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسىز».

«ئۇنىڭ تالانتى باشقا توپچىلاردىن پەرقلىنىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا سىڭىپ كىرىشىغا ئاساس سالدى، چۈنكى سەپداشلىرى مېسسىنىڭ كېلەر قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ، لېكىن ئىككىنچى سەپ كوماندىسىدا ھەممە سەپداشلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتىشى تەسكە توختايدۇ، شۇڭا بەزى چاغدا ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شەخسىيەتچىرەك بولىدۇ، لېكىن يالغۇز ئۆزىنىڭلا كۈچىگە تايىنىپ مۇسابىقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ».

«ئۇزغۇنلۇق بىر مەيداندا بەش توپ كىرگۈزۈش»

بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا مېسسى ماسلىشىشچانلىقنىڭ رولىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېنىدا شاۋى ۋە ئىنېستادەك قالتىس ياردەمچىلىرى بار. 2012-يىلى، بۇ ئۈچ توپچىدىن تەشكىللەنگەن ئۆتكۈر شەمشەر دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى، مېسسىمۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن رېكورت ياراتتى.

2012-يىلى 3-ئاي، مېسسى گىرانادا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن بولۇپ قالدى. ئۇ بۇزغان رېكورت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى يارىتىلغان، بۇ تارىخىي ئابىدىنى تىكلىگەندە ئۇ تېخى ئارانلا 24 ياشتا ئىدى.

دەل شۇ ئايدا، مېسسى لېۋېركۇسېن بىلەن بولغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بەش توپ كىرگۈزدى. بۇمۇ بۇرۇن كىشىلەر قىلىپ باقمىغان، كېيىنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەس بولغان بىر تۈرلۈك رېكورت.

گېرمانىيەدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشتا بارسېلونا 3:1 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغانىدى. نوكەمپوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن لېۋېركۇسېن گۇمران بولدى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە بارسېلونانىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان، لېكىن بۇ تاكتىكا كوماندىنىڭ مۇداپىئەسىدا نۇرغۇن يوچۇقلارنى پەيدا قىلدى، مېسسىمۇ دەل مۇشۇ بوشلۇقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بەش توپ كىرگۈزدى.

لېۋېركۇسېن توپچىسى لېناس: «ئۇ كۈنى مېسسىغا نىسبەتەن روژدېستۋو بايرىمى بىلەن باراۋەر بولدى، ئۇنىڭ بۇنچە كۆپ توپ كىرگۈزۈشى ئەلۋەتتە بىزنىڭ مۇداپىئەنى ياخشى قىلالمىغانلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك».

لېناس ئىلگىرى گېرمانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 3 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ باققان، لېكىن يارىلىنىش سەۋەبلىك 27 يېشىدىلا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ مەيداندىكى پاسلىشىش، توپ كونترول قىلىش ۋە بوشلۇقتىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ پۇتبول ئانالىز قىلىش شىركىتى قۇرۇپ چىقتى. لېناس مېسسىنىڭ بوشلۇقتىن قانداق قىلىپ شۇنچىلىك ئۈنۈملۈك پايدىلانىغانلىقىغا قىزىقىپلا قالدى.

قارشى تەرەپ 442 سەپ شەكلى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشسا، مېسسىنىڭ قارشى تەرەپتىكى تۆت بېك تۆت ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئارىلىقىدا بوشلۇق تېپىۋېلىشى خۇددى بىز ئادەتتە قورسىقىمىز ئاچسا تاماق يەپ، ئۇسسىساق سۇ ئىچكەندەكلا ئاسانغا توختايدۇ. مېسسىدىن باشقا، ئۆزىلمۇ بۇ جەھەتتە تۇغما ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇلار بۇ بوشلۇقلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇستا.

لېناس: «مېسسى ئىنتايىن ئەقىللىق توپچى، توپ ئالغاندا ئۇ ھەر دائىم ئۆزى بىلەن رەقىبى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى ئانالىز قىلالايدۇ. بۇنداق توپچىنىڭ بوشلۇققا بولغان سەزگۈسى باشقا توپچىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ئۇ باشقا توپچىلار بىلەن ئىككى مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە ئارىلىق ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە چەبدەس ھەرىكىتى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ سۈرئىتى ۋە توپ كونترول قىلىش قابىلىيىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. سىز ھەتتا ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمايسىز، چۈنكى ئۇنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز».

لېناسمۇ مېسسىنىڭ سۈرئىتىگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. مېسسى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ سۈرئىتىنى كاللىسىغا كەلتۈرمەيدۇ، بەلكىم بۇ ئۇنىڭ بويىنىڭ پاكار بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پۇتبول مەيدانىدىكى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرلىرى دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم سىز بىرىنچى بولۇپ كىرىستىيانو رونالدو ياكى بېلنى ئېسىڭىزگە ئېلىشىڭىز مۇمكىن.

رونالدو بىلەن بېلنىڭ يان تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ ھۇجۇم قىلىدىغان خۇسۇسىيىتىگە ئوخشىمايدىغىنى، مېسسى ئۆزىنىڭ سۈرئەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان رايونلاردا ئىشقا سېلىشنى ياقتۇرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن پاسلىشىپلا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى گۇمران قىلالايدۇ.

لېناس: «مېسسى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئوتتۇرىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇندا ئۇ ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىق تېخىمۇ چوڭ، چۈنكى ھەر تەرەپتىكى توپچىلار ئۇنى قىستاپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇ بەكرەك ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ، لېكىن ياخشى يېرى، بۇ ئورۇن قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا تېخىمۇ يېقىن».

مېسسى قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا يېقىنلاشقاندا، رەقىبى چوقۇم ئۇنىڭ ھالىدىن «ئالاھىدە» خەۋەر ئېلىشى كېرەك. لېكىن لېۋېركۇسېنغا مەشقاۋۇل بولۇپ 2012-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇققا قاتناشقان مەشقاۋۇل روبىڭ دۇرتنىڭ بىلدۈرىشىچە، مېسسىنى تىزگىنلەش مۇمكىن ئەمەسكەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر تۈركۈم قالتىس سەپداشلىرى بار.

دۇرت ئىلگىرى توپچىلىرىغا مەيداندا بارسېلونا توپچىلىرىغا بېسىم بېرىشنى تاپىلىغان، بۇ ھەتتا بارسېلونا قاپقىچىسى ۋالدېسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ شۇ ئارقىلىق سەپداشلىرىنىڭ مېسسىغا پاس يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تىزگىنلىمەكچى بولغان.

دۇرتمۇ ئۆزىنىڭ توپچىلىرىغا مېسسى توپ ئالغان ھامان ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

دۇرت: «مۇداپىئەدىكى توپچىلار چوقۇم خەلقئارالىق شاھمات تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئوخشاش، چوقۇم رەقىبىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىشى كېرەك. لېكىن شاھمات تاختىسى بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنىڭ پەرقى بولىدۇ، شاھمات ئوينىغاندا سىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نەچچە مىنۇت تەپەككۇر قىلالايسىز، لېكىن پۇتبول مەيدانىدا سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋاقتىڭىز پەقەتلا نەچچە سېكۇنت. ئەگەر شاۋى پاسنى مېسسىغا بەرمەي ئىنېستاغا تاشلىسا، سىز چوقۇم شۇنىڭغا قارىتا قارار چىقىرىشىڭىز كېرەك، ئۇلار زادى كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلماقچى؟ ئەگەر مېسسىغا تاشلىسا يەنە بىر خىل تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇر بولىسىز، يەنە كېلىپ سىزنىڭ ۋاقتىڭىز پەقەتلا نەچچە سېكۇنت، شۇڭا بۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ».

ئەگەر سىز 11 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ مېسسىنىڭ 2012-يىلى كىرگۈزگەن بارلىق توپىنى كۆرۈپ چىقىشنى خالىسىڭىز، ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرىدا بىر ئالاھىدە فورمۇلا بارلىقىنى ھېس قىلالايسىز: مېسسى ھەر قېتىم قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى يېنىنىڭ ئوڭ يولىدا توپ ئېلىپ، بىر ئارىلىق يۈگۈرگەندىن كېيىن قاپقىغا تەپمەكچى بولغاندەك يالغان ھەرىكەت ئىشلەپ رەقىبىنى ئالدايدۇ، ئاندىن سول پۇتى بىلەن توپنى قارشى تەرەپنىڭ سول تۆۋەن بۇلۇڭىغا تېپىپ كىرگۈزىدۇ. روببېننىڭ كىرگۈزگەن توپلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يوسۇندا، رەقىبى ئۇلارنىڭ نېمىنى ساقلاۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ توسۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

لېناس: «مۇھىم بولغىنى، مېسسى نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىپلا قالماي، يەنە قايسى ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ بىلىدۇ. مۇداپىئەچىگە نىسبەتەن بۇنداق توپچىنى توسماق ئىنتايىن تەس. سىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سول پۇتىدا ھەرىكەت ئىشلەيدىغىنىنى بىلىسىز، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ سول پۇتىنىلا مۇداپىئە قىلسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ سەۋىيەسىمۇ يامان ئەمەس. ئۇ سىزنى ئالداپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن توپنى سول پۇتىغا تەڭشەپ كېلەلەيدۇ».

«ئۇنىڭ ئاداپ ئۆتۈش ماھارىتى يۇقىرى، ھەرىكىتى چەبدەس، ناھايىتى تېزلا بەدىنىنى بۇرىيالايدۇ. رونالدونىڭ ئالداپ ئۆتۈش ماھارىتىمۇ قالتىس، لېكىن ئۇ مېسسىدەك چەبدەس ئەمەس. ئۇ تەخمىنەن ئىككى مېتىر بوشلۇقتا ئاندىن بەدىنىنى 90 گىرادۇس بۇرىيالايدۇ، لېكىن مېسسىغا پەقەت بىر مېتىر بولسىلا كۇپايە، بۇ مېسسىنىڭ ئالاھىدە يېرى».

لېناس بارسېلونا بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدىكى بىر قىزىقارلىق ئىشىنى تىلغا ئالدى، گەرچە ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى يېتەرلىك، يەنە كېلىپ مۇداپىئەسىمۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم بولسىمۇ، لېكىن مېسسىنى توسۇپ قېلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان.

لېناس: «مەن نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلارنى مۇداپىئە قىلىپ باققان، ئۇلار بەدەن سوقۇشتۇرۇشقا ئاكتىپ، سىز بىلەن بەدەن سوقۇشتۇرۇشتىن قاچمايدۇ، ھەم شۇ ئارقىلىق سىزگە: مەن ئۆزۈمگە ئىنتايىن ئىشىنىمەن دېگەن سىېگنالنى بېرىشكە ئۇرىنىدۇ، لېۋاندوۋىسكى دەل شۇنداق، قېدىرامۇ ئىلگىرى ماڭا شۇنداق سېگنال بەرگەن».

«مېسسىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ بۇ خىل تىپتىكى توپچى ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. پۇتىغا توپ تەگمىگەندە مەيداندا يۈگۈرگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن يۈگۈرگەن ئارىلىقى ۋە سىجىللىقى باشقا توپچىلاردىن ئاز، قارىماققا ئۇ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس كىچىك بالىدەك كۆرىنىدۇ. لېكىن توپ پۇتىغا چۈشكەندە، سىز ئۇنىڭ دەررۇلا خوشاللىق تاپقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز، ئۇ چاغدا سىز ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز».

«رونالدو بىلەن بولغان رىقابەت»

خۇددى ھېچكىم مېسسىنىڭ سەۋىيەسىگە بارالمايدىغاندەك، رونالدودىن باشقا.

مېسسى ئۇدا تۆت يىل ئالتۇن توپقا ئېرىشكەن. 2012-يىلى ئۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 4-قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2013-يىلى 1-ئايدىكى سىيۇرختا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، مېسسىنىڭ 2012-يىلى كىرگۈزگەن توپ سانى پېلې(1958-يىلى 75 توپ كىرگۈزگەن) ۋە گېرد مۇللېر(1972-يىلى 85 توپ كىرگۈزگەن)دىن ئېشىپ كەتتى.

ئۆتكەن 25 يىلدا، «كاتالونىيە كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا مەسئۇل فوتوگرافى بولۇپ كېلىۋاتقان جوردىي كېترىنا مېسسىنىڭ تارىخىي مىنۇتلىرىنى ئەڭ كۆپ خاتىرىگە ئالغان فوتوگراف بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كېترىنا مېسسىنىڭ ھەر خىل ھالىتىنى كۆرۈپ باققان، لېكىن سىيۇرختىكى شۇ كېچىدە، مېسسىنىڭ كىيگەن كىيىمى كېترىنانى ھەيران قالدۇردى. مېسسى ئۇچىسىغا يۇمىلاق چېكىت باستۇرۇلغان كاستۇم بۇرۇلكا كىيىپ، يەنە گالىستۇك تاقىۋالغان ئىدى. بۇ مېسسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللىرى، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشىمۇ ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى ئورنىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدى.

كېترىنا: «مېھمانساراينىڭ زالىدا مېسسىنى كۆرگىنىمدە ئۇ پىنجىك كىيىۋاپتىكەن، شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈمدە، قاراڭلار، مانا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى دېگەنىدىم. رونالدو ھالقا تاقايدۇ، بەزى توپچىلار بىلەيزۈك تاقايدۇ ياكى بوينىغا مارجان ئېسىۋالىدۇ، خۇددى كىنو ئارتىسلىرىدەك. لېكىن مېسسى ئوخشىمايدۇ».

«بەزىدە مېسسىنى كۆرگىنىڭىزدە كاللىڭىزغا، بۇ باراي دېسە ئۆيىمۇ يوق ياش يىگىت نەگىمۇ بارىدىغاندۇ دېگەن ئۇقۇم كېلىپ قالىدۇ، ئۇ لېبرون جامېس ياكى كىرىستىيانو رونالدودەك دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپان ئەمەس. ئادەتتە سىز مېسسىنى گىگانت چولپاندەك ھېس قىلمايسىز، تاشقى قىياپەتكە قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ».

خانلىق مادرىد بىلەن بولغان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدە، مېسسى ئۆمۈرلۈك رەقىبى رونالدوغا يولۇققاندىمۇ نۇرغۇن ئەستە قالغۇدەك توپلارنى كىرگۈزدى.

2012-يىلى 4-ئاي، ھەممە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسى يېتىپ كەلدى. بۇ چېمپىيونلۇققا تاقىشىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە. بۇنىڭ ئالدىدا ئېرىشكەن 11 مەيدان غەلبىسى ئارقىلىق، بارسېلونا خانلىق مادرىد بىلەن بولغان 10 نومۇرلۇق پەرقىنى 4 نومۇرغا ئازلاتتى، شۇڭا بۇ قېتىم نوكەمپودا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەزىپىگە ئايلاندى.

ئەمەلىيەتتە، مورىنھو ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا خانلىق مادرىدنىڭ مەشقاۋۇللۇق قامچىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بارسېلونا نۇرغۇن قېتىم بۇ ئەشەددىي رەقىبىنى يەر چىشلەتكەن، مورىنھومۇ بارسېلونانىڭ تىزگىنلىيەلىگۈدەك بىر ئامال تاپالمىغانىدى. 10 قېتىملىق دۆلەت دېربىسىدە، مورىنھونىڭ كوماندىسى پەقەت بىر قېتىملا غەلىبە قىلىپ باقتى. ئۇ ئالدىنقى يىلىدىكى شاھ لوڭقىسى ھەل قىلغۇچى، خفنلىق مادرىد رونالدونىڭ قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا كىرگۈزگەن كاللا توپى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مېسسىنى تىزگىنلەش ئامالىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. «ئالاھىدە بىرەيلەن: مورىنھونىڭ دۇنياسىنىڭ ئىچكى سىرى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى دېگو توررېسنىڭ تەسۋىرلىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچىغا نىسبەتەن، مورىنھونىڭ كوماندىسى «قاتتىق ۋە يۇمشاق» ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باققانىكەن.

مورىنھو بەدەن سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق مېسسىنى ۋەھىمىگە سېلىشنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ئۈنۈمى ئەكىسچە بولدى، بۇ خىل ئۇسۇل مېسسىنى تېخىمۇ جەڭگىۋار قىلىۋەتتى. 2012-يىلى 1-ئايدا بېرنابۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت دېربىسىدا، پېپې مېسسىگە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ، تاشقى دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

شۇڭا مورىنھو باشقا بىر خىل ئۇسۇلنى قوللانماقچى بولدى.

دېگو توررېس: «ئۇ توپچىلىرىنىڭ مېسسىنى نەزەرگە ئىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى، مەسىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ۋە چېچىغا چېقىلىش ئارقىلىق ئۇنى غەزەپلەندۈرمەكچى بولدى، چۈنكى شۇندىلا مېسسىنىڭ دىققىتىنى چاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر مېسسىنىڭ ئىنكاسى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇلار مېسسىنى مۇسابىقە كەيپىياتىدىن ئايرىپ چىقىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. مېسسى باشقىلارنىڭ بېشىغا چېقىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئادىتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالونسو بىلەن ئاربېلوئا مېسسىنىڭ بېشىغا چېقىلغان، بۇنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ھەتتا پېپې دەسسىگەندىنمۇ ئېغىر بولغان».

مورىنھومۇ رونالدونى تېخىمۇ «ۋەھىمىگە» سېلىشقا ئۇرۇنغان. چۈنكى نەچچە يىللاردىن بۇيانقى شەخسىي مۇكاپاتلاردا پورتۇگالىيەلىك بۇ توپچى ئىزچىل مېسسىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا بولۇپ كەلدى، بۇمۇ رونالدونىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇردى.

مورىنھو بىلەن رونالدونىڭ ۋاكالەتچىسى مېسسىنى «پاكىنەك» دېيىش ئارقىلىق، رونالدونىڭ جەڭگىۋارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاتماقچى بولدى (بۇ يەردە مۇشۇ پاكىنەككىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويدۇڭمۇ، قويە سېنى دېگەندەك مەنە چىقىدۇدە، شۇ ئارقىلىق رونالدونىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قوزغاتماقچى بولغان).

كېترىنادا مېسسىنىڭ خانلىق مادرىدقا توپ كىرگۈزگەن ۋاقىتتىكى بىر پارچە رەسىمى بار، بۇ رەسىم 2012/2011-پەسىللىك ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا تارتىلغان. رەسىمدە مېسسنىڭ توپ كاسىللاستىن ھالقىپ ئۆتۈپ بولغان، رونالدو بولسا قوغلاپ يېتىشەلمەي يەرگە تىزلىنىپ قالغان.

كېترىنا: «بۇ پارچە رەسىم شۇ دەۋردىكى خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋەزىيىتىنى يارقىن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. گەرچە بۇ بەلگە خاراكتېرلىك رەسىم ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن مېسسىنىڭ رونالدودىن قالتىسلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. رەسىمدە رونالدو ئۈمىدسىزلەنگەن ھالەتتە يەرگە تىزلىنىپ قالغان. بىلىش كېرەككى، شۇ ۋاقىتتا رونالدو ئۇزۇن ئارىلىقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، كوماندىنىڭ مۇداپىئەسىگە ياردەملەشكەن. لېكىن ئۇ نەچچە يىلدا بارسېلونا ھەقىقەتەن ھۆكۈمران ئورۇندا ئىدى».

لېكىن 2012-يىلى 4-ئايدىكى ئاشۇ دۆلەت دېربىسىدا بارسېلونادا بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلدى. دېگو توررېسىنىڭ دېيىشىچە، مۇسابىقىدىن بۇرۇن، ئاساسلىق سەپ شەكلىگە تاللانغان توپچىلار توغرىسىدا مېسسى بىلەن گۇاردىئولا ئوتتۇرىسىدا ئازراق تالاش-تارتىش بولغان. ئەينى چاغدا گۇاردىئولانىڭ تېللوغا بولغان ئامراقلىقى پېدرو ۋە فابرېگاستىن ئېشىپ كەتكەن، بۇمۇ مېسسىنىڭ چۈشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دېگو توررېس: «مۇسابىقىدىن بۇرۇن، بارسېلونانىڭ مېھمانسارىيىدا مېسسى بىلەن گۇاردىئولا قىزىرىشىپ قالدى، گۇاردىئولا مېسسىغا: تېللو مەيدانغا چىقىشى كېرەك، دېدى».

مېسسى شۇ ئاچچىقىدا ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆزىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن يەنىلا مەيدانغا چىقىشنى قارار قىلدى. توپچىسىنىڭ باشقىچە قاراشتا بولۇشى گۇاردىئولانى ھالسىرىتىپ قويدى، ئەڭ ئاخىردا ئۇمۇ كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى. كېيىن بىزمۇ بۇنىڭ ئاقىلانە تاللاش بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، چۈنكى كوماندىغا مەشقاۋۇل بولغان 4-پەسىلدە گۇاردىئولادا ھەقىقەتەن ھارغىنلىق ئەكىس ئەتتى، قارىماققا ئۇ توپچىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى كونترول قىلالمايدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇتەخەسسىسى باراگونىڭ «مېسسى» ناملىق كىتابىدا دېيىشىچە، ئەينى چاغدا مېسسى خانلىق مادرىد توپچىلىرىغا پەقەت ئۆزى يالغۇز مۇسابىقىلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەن.

دېگو توررېس: «مېسسى خۇددى رازى ئەمەستەكلا». ئاخىرىدا خانلىق مادرىد 1:2 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى. 20 ياشلىق تېللو مۇسابىقىدە بىر قانچە توپ كىرگۈزۈش پۇرسەتلىرىنى كەتكۈزۈپ قويدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا فابرېگاس ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىدە رونالدو ئۆزىل تاشلىغان پاسنى قوبۇل قىلىپ، ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزدى. كەينىدىن بىلباۋ ئاتلېتكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، خانلىق مادرىد بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشنى مۇقىملاشتۇردى.

دېگو توررېس: «خانلىق مادرىد بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، لېكىن مورىنھو مېسسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئالاھىدە كەشىپىيات يارىتالمىدى. مەسىلە گۇاردىئولا بىلەن مېسسى ئوتتۇرىسىدا چىقتى، ئۇلاردا بىر-بىرگە قارشى پىسخىكا شەكىللىنىپ قالدى».

«مېسسى بىلەن قاپقا لىمى»

ئۈچ كۈندىن كېيىن، بارسېلونا نوكەمپودا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدىكى رەقىبى چېلسىنى كۈتۈۋالدى، سىتانفورد كۆۋرۈكى مەيدانىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشتا بارسېلونا 1:0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغانىدى. بارسېلونا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج، چۈنكى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى خەلقئارا مىلانغا ئۇتتۇرۇپ قويغان كارتىنا ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا.

مۇسابىقىنىڭ 37-مىنۇتىدا، چېلسى كاپىتانى سانچېزنىڭ كەينىدىن پۇت سالغانلىقى ئۈچۈن قىزىل كارتا جازاسى بېرىلىپ مەيداندىن ئايرىلدى، چېلسى ئون ئادەم بىلەن تىركىشىشكە مەجبۇر بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بارسېلونا ئىككى توپ كىرگۈزدى، لېكىن رامېرىسنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياغلىشىش ئالدىدا كىرگۈزگەن توپى ئۇلارنى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.

كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى ۋەزىيەت چېلسىنىڭ بارسېلونا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى بىلەن تەرەققىي قىلدى. پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ مۇھىم دەقىقە مۇسابىقىنىڭ 49-مىنۇتىدا يېتىپ كەلدى، ئىلگىرى چېلسىغا توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان مېسسى توپنى نۇقتا توپ چېكىتىگە قويۇپ تېپىشكە تەييارلاندى، بۇ پەيتتە پۈتۈن مەيدان تىمتاسلىققا چۆمدى. مېسسى توپنى ئوڭ ئۈستى بۇلۇڭغا قارىتىپ تەپتى، توپ قاپقا توغرا لىمىغا تېگىپ قاڭقىپ چىقتى.

شۇ ۋاقىتتا كېترىنا قاپقىنىڭ كەينىدە تۇرغان ئىدى، كېترىنا مەنىسى چوڭقۇر بولغان بۇ پارچە رەسىمنى تارتىۋالدى (يۇقارقى رەسىم ئەمەس). رەسىمدە ئىنېستا، ماتا ۋە دىروگبا قاتارلىقلار بار، لېكىن باش پېرسوناژ مېسسى بولسا ئۇلارغا ئوخشىمىغان بىر ھېسسىياتتا.

مېسسىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن گاڭگىراش ئالامەتلىرىنى كۆرۈۋالالايسىز. شۇ يىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە مېسسى 10 قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ ھەممىنى كىرگۈزگەن. قارىماققا، ئۇ بايا يۈز بەرگەن بۇ تاسادىپىيلىققا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.

كېترىنا: «مېسسى توپنىڭ قاپقا توغرا لىمىغا تېگىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆردى. نورمال ئەھۋالدا ئۇ بۇنداق پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمايتتى، توپ لىمغا تەگمەسلىكى كېرەكتى. مېسسى خۇددى ئۆزىگە: مەن قانداقسىگە توپنى ئۇ يەرگە تېپىمەن؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس دەۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ يالغۇز مېسسىنىلا ئەمەس، ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى».

«مېسسى بىلەن گۇاردىئولانىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىشى»

ئۇزغۇنلۇقتىن شاللانغان ئۈچىنچى كۈنى، گۇاردىئولا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارسېلونادىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گۇاردىئولا بىلەن بىللە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان توپچىلارمۇ گۇاردىئولانىڭ بۇ قارارىدىن ھەيران قېلىشتى. كەلگۈسىدىكى بىر ئايدا كوماندا شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بۇمۇ گۇاردىئولانىڭ بارسېلوناغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان تۆت يىل جەريانىدىكى چېمپىيونلۇق لوڭقا سانىنى 14 كە ئايلاندۇردى.

شۇ يىلى 12-ئايدا، مېسسى بىلەن سەپداشلىرى يەنە بىر قېتىملىق تىراگېدىيەگە يولۇقتى. گۇاردىئولانىڭ ئورنىغا مەشقاۋۇللۇققا تەيىنلەنگەن ۋىلانوۋا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، كوماندىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلدى.

«مېسسى: پۇتبول تالانت ئىگىسى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى رامىرو مارتىن: «بۇ شۇمخەۋەرنى بارسېلونا توپچىلىرى قوبۇل قىلالمىدى، مېسسى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىمۇ بۇ خىل كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى». بۇ خىل روھىي-ھالەت كېيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىلەرگىچە يامرىدى، بۇمۇ مېسسىنىڭ بارسېلونادا تۇنجى قېتىم ھېچقانداق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن مۇسابىقە پەسلى بولۇپ قالدى. 2014-يىلى 4-ئاي، ۋىلانوۋا كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.

مېسسى بىلەن گۇاردىئولامۇ نۇرغۇن ئېگىز-پەسلىكلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. مارتىن: «مەن گۇاردىئولا بىلەن مېسسى توغرىلىق كۆپ پاراڭلاشقان، بەزىلەر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى دەيدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايمەن. گۇاردىئولا مېسسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ، ئۇ مېسسىنى ياقتۇرىدۇ، شۇنداقلا مېسسىغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىشنى بىلىدۇ. خۇددى ھەر قانداق خىزمەت جەريانىدا خالىي بولالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بىر قىسىم تالاش-تارتىشلار بولغان، لېكىن ئىككىلىسى سوغۇققانلىق بىلەن پىكىرلىشەلەيدۇ».

مېسسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا گۇاردىئولاغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرگەن، ئۇ گۇاردىئولانىڭ ئۆزىنىڭ توپچىلىق كەسپىي ھاياتىغا ھۆسىن قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.

گۇاردىئولا ئۆزىنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بىر ھەپتىدىن كېيىنكى ئىسپانىيەلىكلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، مېسسى توپ كىرگۈزگەندىن بېرىپ گۇاردىئولانى قۇچاقلايدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا 0:4 نەتىجىدە بىر شەھەردىكى رەقىبى ئىسپانىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ، مېسسى تۆت توپ كىرگۈزىدۇ.

بۇ مېسسىغا تەۋە بىر يىل، بۇ كۆرىنىش بولسا مارتىننىڭ بۇ يىلغا بولغان ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىسى. 2012-يىلى 6-ئاي، ئارگېنتىنا 3:4 نەتىجىدە بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىدۇ، مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە «قالپاق ئويۇنى» ئوينايدۇ. لېكىن مارتىننىڭ قارىشىچە، بۇنداق نەتىجىمۇ مېسسىنىڭ ئەينى چاغدا گۇاردىئولانى قۇچاقلىغىنىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرمەيدۇ.

مارتىن: «مېنىڭ نەزىرىمدە مېسسى بىلەن گۇاردىئولانىڭ قۇچاقلاشقان شۇ دەقىقىلىرى ئەڭ گۈزەل كارتىنا. ئۇ دۇنيادا بىرلا ھېسابلىنىدىغان بىر ئېمپىرىيەگە بولغان ئېھتىرام. بۇ خۇددى قالتىس بىر قېتىملىق ئويۇننى تاماملىغاندىن كېيىن، ئوركېستىرنىڭ دېرىژورى بىلەن شۇ ئوركېستېرنىڭ چولپان دەرىجىلىك كىچىك ئىسكىرىپكىچىسىنىڭ مەھكەم قۇچاقلاشقىنىغا ئوخشايدۇ».      

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • دۇنيا لوڭقىسى تەشۋىقات ئەلچىسى پارىژ سانت گېرماننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى
  • «تەڭرىتاغ شىرى» شىرئەلىجان مۇختەر توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان ھېكايىلەر
  • رۇسىيەدىكى قاۋۇل ئايال تەنھەرىكەتچىنىڭ تۇرمۇش سۈرەتلىرى
  • WBO يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە نەزەر: زۇلپىقار قايتىپ كەلدى!
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى
  • ۋاسكېتبول مەيدانىدىكى ساھىبجامال رېپىر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى
  • بوكس شاھى زۇلپىقار بىلەن بىرگە مودا ساھەسىگە نەزەر سېلىڭ
  • كىرىستيانو رونالدونىڭ ئۆز قەلىمىدە يېزىلغان ماقالە
  • ئاسىيا ئاياللار ۋالىبول مۇنبىرىدىكى ساھىبجامال--ئالتۇنبېكوۋا سابىنا
  • دۇنيا بوكس سەھنىسىدىكى ئەڭ قالتىس 10 بوكسچى
  • «يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال توپچى» ساھىبى--مارتېنىس
  • «بوكس شاھى» تايسوننىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ئايال كىم؟
  • مەمەتتۇرسۇن چوڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!
  • بوكس ئەزىمىتىمىز زۇلپىقار مۇھەممەدئېلى بىلەن تونۇشۇڭ
  • ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ھىندىستانلىق رەقىبىگە ئۇتتۇردى، خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتتى
  • ئوغلانىمىز زۇلپىقار بۈگۈن ھىندىستانلىق ۋىجىندىر سىڭگى بىلەن جەڭ قىلىدۇ(كۆرۈش ئادرېسى)
  • رونالدو: ئەگەر ئىسىمىم كىرىستىيانو رونالدو بولمىغان بولسا سوتقىمۇ چاقىرتىلمىغان بولاتتىم
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوكس ساھەسىدىكى 5 چوڭ شاللاق ئەر، پەقەت تايسونلا ئەمەس!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زۇلپىقاردىن سىنگ بىلەن قايتا ئېلىشىشقا ئىلتىماس: يوقاتقانلىرىمنى مۇشت بىلەن ئۇتىمەن!

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى» زۇلپىقارغا ئالتۇن كەمەرنى قايتۇرۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015