رونالدو قىز دوستى بىلەن توي قىلىشىنى ئويلىشىۋاتىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-29 15:29:50

دوڭچيۇدى تورى 29-دېكابىر خەۋىرى،:

جورجىنا رودرىگۇز كىرىستىيانو رونالدوغا قىز بوۋاق تۇغۇپ بېرىپ بىر يېرىم ئايدىلا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولدى. ئۇ يېقىندا رونالدونىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس بىر يىلىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن كېچىلىك مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەسىمدىن ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ بالا تۇغۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

23 ياشلىق بۇ مودىلنىڭ بەدەن شەكلىنى بۇنچە تېز ئەسلىگە كەلتۈرۋالغىنىغا ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى تاراتقۇلارمۇ ئۇ ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاندىن بايقىغان. بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن جورجىنا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كۆپ قېتىم چېنىقىۋاتقان ۋىدىئولىرىنى چىقارغان، لېكىن نۇرغۇن دوختۇرلار ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنداق چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رونالدونىڭ ئاپىسى ۋە بارلىق تۇغقانلىرى رونالدو ئۇيۇشتۇرغان بۇ كېچىلىككە قاتناشتى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى روژدېستۋو بايرىمىدىن باشلاپلا بىللە بولۇپ كەلگەن.

ئۆتكەن بىر يىل رونالدو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن غەلبىلىك بولدى. رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى 5-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، خانلىق مادرىدنى بەش شاھلىققا ئېرىشتۈردى: ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى. شەخىي تۇرمۇشى جەھەتتە رونالدومۇ مول-ھوسۇللۇق بىر يىلنى باشتىن كەچۈردى: بۇ يىل يازدا بىر قىز بىر ئوغۇل قوشماق پەرزەنت (ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش ئۇسۇلى بىلەن) يۈزى كۆردى، 12-نويابىر جورجىنا ئۇنىڭغا يەنە بىر قىز بوۋاق تۇغۇپ بەردى، بۇمۇ رونالدونىڭ 4-بالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جورجىنا مۇشۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىزچىل تويلۇق ئۈزۈكىنى تاقاپ كەلدى، پورتۇگالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رونالدو بىلەن جورجىنا توي مۇراسىمىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ بولغانكەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رونالدونىڭ جورجىنا بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىك خەۋىرى تارقىلىشقا باشلىدى، جورجىنامۇ كۆپ قېتىم بېرنابۇغا بېرىپ مۇسابىقە كۆردى، كۆپ قېتىم مادرىد كوچىلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. رونالدومۇ 1-ئايدىكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى جەزملەشتۈردى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015