ۋاسكېتبول ئويناشنىڭ سەككىز تۈرلۈك پايدىلىق تەرىپى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-12-31 21:15:00

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى

تەنھەرىكەت تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئادەتتىكى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە ۋاسكېتبول نۇرغۇن ياشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، جەمئىيىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ياشلار شۇنچە جاپا چېكىپ ۋاسكېتبول مەشىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ۋاسكېتبول ئويناشنىڭ زادى قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

1. بەدەننى كۈچەيتىدۇ

 NBA ۋاسكېتبولچىلىرىنىڭ قاۋۇل بەدەنلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ، چېنىقىش ئۆيلىرىدە چېنىققاندىن باشقا ۋاسكېتبول ئويناشمۇ بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋاسكېتبول ئويناش ئارقىلىق بوي ئېگىزلىكىنى ئۆستۈرگىلى، ئۆپكىنىڭ ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلمى ئاساسقا ئىگە. ۋاسكېتبول ئويناش ئارقىلىق يەنە سېمىزلەر ئورۇقلاش مەقسىتىگە، ئورۇقلار بەدىنىنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تالاش-تارتىش تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت بولۇپ، ۋاسكېتبول ئويناش سىزنىڭ قاۋۇل بەدىنىڭىزنى ۋە قەيسەر ئىرادىڭىزنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

2. ئىجتىمائى ئالاقىنى كېڭەيتىدۇ.

ئۆيدە تېلىفونغا قاراپ ئولتۇرغۇچە كىيىملىرىڭىزنى ۋە ۋاسكېتبول ئايىغىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ، ۋاسكېتبول مەيدانىغا بېرىپ بىر دەم توپ ئويناڭ، سىز مەيداندا ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ۋاسكېتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشالايسىز، ئادەتتە ۋاسكېتبولغا ئامراق ياشلارنىڭ مىجەزى بىر قەدەر ئوچۇق-يورۇق ۋە مەرت كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئاسانلا دوستلىشىپ كېتەلەيسىز.

3.بەدەننىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى ياخشىلايدۇ.

ۋاسكېتبول ئويناش ئارقىلىق سىز بەدىنىڭىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىقتىدارلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلالايسىز، ۋاسكېتبول ئويناش سىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنى ياخشىلايدۇ، كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، پۇت-قوللىرىڭىز تېخىمۇ جانلىق ۋە ماسلىشىشچان قىلىدۇ، ئىشتىھايىڭىزنى ئاچىدۇ، ئۇيقۇڭىزنى ياخشىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنكاس قايتۇرۇش، كۆزىتىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىڭىزگە زور نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.

4. روھى جەھەتتە تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرىدۇ

مۇسابىقە مەيدانىدا غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاسكېتبول ئوينايدىغانلار غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتكە كۆنۈپ قالغاچقا ھەر قانداق مەغلۇبىيەتنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ، ۋاسكېتبول ئويناش يەنە سىزنى تېخىمۇ باتۇر، تەۋەككۈلچىلىككە جۈرئەت قىلالايدىغان، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تاۋلايدۇ. رىقابەت تەنتەربىيىسىگە قاتنىشىپ باققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەغلۇپ بولغان كەچۈرمىشى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ھاياتمۇ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر بىلەن گىرەلەشكەن بولىدۇ. مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالايدىغان، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان، مەغلۇبىيەتتىن قورقمايدىغان ۋە مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرالايدىغان كىشىلەرلا ئاخىرى غەلىبە قىلالايدۇ.

5. سىېھرى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

سىزنىڭ ۋاسكېتبول سەۋىيىڭىز مەلۇم دەرىجىگە يېتىپ، مەيداندىكى رەقىبلىرىڭىزنى «بوزەك» قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە سىزگە چوقۇم بەزى يات جىنىسلارنىڭ نەزەرى چۈشۈشكە باشلايدۇ. مەكتەپلەردىمۇ كېلىشكەن ئوغۇللار ئەڭ كۆپ يىغىلغان ئورۇن ۋاسكېتبول مەيدانى، چىرايلىق قىزلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان ئورۇن كۇتۇپخانا بولىدۇ. ئادەتتە قىزلار ۋاسكېتبول ئوينىيالايدىغان ئوغۇللارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.

6.ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ.

ۋاسكېتبول ئويناش مېتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاقىتتا ۋاسكېتبول ئوينىسڭىز ئىچ پۇشۇقىڭىز يوقاپ كېتىدۇ. چۈنكى مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن سىزنىڭ پۈتۈن زېھنىڭىز ھۇجۇم، مۇداپىئە قىلىش، سەپداشلىرىڭىزنى ھىمايە قىلىش ۋە بوش ئورۇنغا يۈگۈرۈش قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىدۇ. تازا قېنىپ بىر مەيدان ۋاسكېتبول ئويناپ، چىلىق-چىلىق تەرلىگەندىن كېيىن، راھەتلىنىپ بىر يۇيۇنۇۋالسىڭىز ھارغىنلىقىڭىز يوقاپ يېنىكلەپلا قالىسىز.

7. كۆڭۈل غەشلىكىنى يوقىتىدۇ.

بىرەر ئىشتىن كۆڭلىڭىز غەش بولغاندا ۋە نېمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي ئىچىڭىز پۇشقاندا مەيدانغا بېرىپ ۋاسكېتبول ئويناڭ. چىرايلىق بىر قېتىملىق ھۇجۇم سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ.ناۋادا سىز ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچى ياكى كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان خىزمەتچى بولسىڭىز چوقۇم ۋاسكېتبول ئويناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. چۈنكى خىزمەت مۇھىم، بىراق سالامەتلىك تېخىمۇ مۇھىم.

8. كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

كوللېكتىپ ھەمكارلىق ھازىرقى زاماندىكى ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ۋاسكېتبولمۇ ئەزەلدىنلا بىر كوللېكتىپ تەنھەرىكەت تۈرى، بىر ۋاسكېتبولچى ياكى بىر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى چوقۇمكى مۇشۇ كوماندىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئىقتىدارى، تاكتىكىسى ۋە مىجەزى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، ئادەتتە ۋاسكېتبول ئوينايدىغانلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىمۇ باشقىلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015