خانلىق مادرىدتىن تازىلانغان توپچىلار ئىچىدە كىمگە ئەڭ ئۇۋال بولغان؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-08 11:47:01

دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى:

خانلىق مادرىد كوماندىسى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە پۇتبول ساھەسىدىكى كۆپ ساندىكى توپچىلار بۇنداق كۈچلۈك كوماندىغا كۈچ قوشۇپ شان-شەرەپكە نائىل بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. مەيلى شان-شەرەپ جەھەتتىن بولسۇن، ۋە ياكى ئىقسادىي جەھەتتە بولسۇن دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئاز بىر قىسىم كوماندىلارنى خانلىق مادرىد بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. شۇنداقلا خانلىق مادرىد كوماندىسى تارىخىدا يەنە نۇرغۇنلىغان رىۋايەت تۈسىنى ئالغان توپچىلارمۇ ئۆتكەن. ھازىرمۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا گىگانت توپچىلار ئاز ئەمەس، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان خانلىق مادرىد كوماندىسى يۆتكىلىش بازىرىدا پۇل خەجلەپ كۆپلىگەن داڭلىق توپچىلارنى سېتىۋېلىپ كوماندىنىڭ دەرىجىسنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلدى.
لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا، خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى بولغان بەزى توپچىلارنىڭ تازىلانغانلىقى ۋە ياكى باشقا كوماندىلارغا سېتىپ بېرىلگەنلىكى بىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، خانلىق مادرىد كوماندىسى يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى توپچىلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى بېرنابۇ مەيدانىدىن يىراقلاشتۇرغان، لېكىن ھازىر ئەسلىگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بەلكىم خانلىق مادرىد كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىمۇ ئۇلارنى باشقا كوماندىلارغا سېتىپ بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلغاندۇ، خۇددى مەستانىلەرنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق خانلىق كوماندىسىدا كۆرگىسى بار بولغانلىقىغا ئوخشاش. بىز تۆۋەندە ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى تۇرۇپمۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان 10 داڭلىق توپچى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:

10.كامبىئاسسو
كامبىئاسسو ئەينى ۋاقىتتىكى تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ھەر ۋاقىت كوماندىنىڭ غەلبىسىنى ئويلايدىغان ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ۋە مەستانىلەرنىڭ ئەيبىبلىشىگە ئۇچراپ كەلدى، چۈنكى ئۇ چاغدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مەستانىلىرى كۇلۇب رەئىسى فېلورېنتىنونىڭ كوماندىغا تېخىمۇ داڭلىق گىگانت ئوتتۇرا مەيدان چولپىنى سېتىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. كامبىئاسسو دەل ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى تۇرۇپمۇ كۇلۇبنىڭ داڭلىق چولپان سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان توپچىلارنىڭ بىرى، 2003/2004-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ ئارگېنتىنالىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كامبىئاسسونى ھەقسىز ھالەتتە خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا يولغا سېپ قويدى. لېكىن كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىگەن بۇ توپچى خەلقئارا مىلان كوماندىسدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. شۇنداقلا خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا 10 يىلدىن ئارتۇق كۈچ چىقىرىپ نۇرغۇنلىغان چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تېخى «ئۈچ شاھلىق»نى كەلتۈرۈشتەك گۈزەل مىنۇتلارمۇ بار. 2010-يىلى، كامبىئاسسو خەلقئارا مىلان كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ئەينى ۋاقىتتا كامبىئاسسو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونىلۇق لوڭقىسىنى ئۆزى ئىلگىرى ئالتە يىل ئىلگىرى كۈچ قوشقان خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئېگىز كۆتۈرگەن ئىدى.

9.سىنېيدېر
2007-يىلى، سىنېيدېر ئاجاكېس كوماندىسىدىن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى، سىنېيدېر خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن 2007-يىلى ۋە 2008-يىلى خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا بۇ ئىككى پەسىللىك مۇسابىقىدە سىنېيدېرنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىراق، كۇلۇب رەئىسى فېلورېنتىنو يەنىلا بۇ گوللاندىيەلىك توپچىنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىدى، كېيىن فېلورېنتىنو قايتا بىر قېتىم داڭلىق چولپان سېتىۋېلىش ئىستىراتىگىيىسىنى ئىشقا سېلىپ كرىستىيانو رونالدو، كاكا، بېنزىما قاتارلىق داڭلىق توپچىلار كوماندىغا قوشۇۋالغاندىن كېيىن، سىنېيدېرنى خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا سېتىپ بەردى. لېكىن ئارىدىن پەقەتلا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سىنېيدېر ئىسپانىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان مادرىد شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، فېلورېنتىنو بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرستىپ قويدى، چۈنكى خانلىق مادرىد كوماندىسى سىنېيدېرنى خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا سېتىپ بېرىپ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا سنېيدېر مورىنىھو يىتەكچىلىكدىكى خەلقئارا مىلان كوماندىسىنىڭ يادرولۇق توپچىسى بولۇپ بولغان ئىدى، شۇنداقلا سىنېيدېر دەل خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا سىنېيدېرنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ئىپادىسىنى كۆرگەن فېلورېنتىنو ئۆزىنىڭ سىنېيدېرنى ساتقانلىقىدىن پۇشايمان قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنېيدېر يەنە تۈركىيە بىرلەشمىسىدىمۇ كۆپلىگەن چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى، ھەمدە 2010-يىللىق ۋە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2- ۋە 3-لىكنى قولغا كەلتۈردى. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا مىلان كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولۇپ، مورىنھو خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىقىغا تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا، خانلىق مادرىد كوماندىسى سىنېيدېرنى قايتا بېرنابۇ مەيدانىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان، لېكىن سىنېيدېر ئۆزىنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىسى ساقلانغان خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇ تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلغان.

8.ھىگۇايىن
خانلىق مادرىد كوماندىسىدا 7 پەسىل توپ تەپكەندىن كېيىن، داڭلىق ھۇجۇمچى ھىگۇايىن 2013-يىلى رەسمىي ھالدا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ناپولى كوماندىسىغا قوشۇلدى، كېيىن يەنە يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ناپولى كوماندىسىدىن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا قوشۇلدى. ھىگۇايىن خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى، ھىگۇايىننىڭ ياخشى ئىپادىسى بەلكىم خانلىق مادرىد كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ خاتا قارار چىقارغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ھىگۇايىن خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغان كېيىنكى تۆت پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئايرىم-ئايرىم 24 توپ، 29 توپ، 38 توپ، 32 توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ھەممىمىزگە ئايان بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمى ناھايىتى تۆۋەن بولىۋاتىدۇ، بېنزىما يەنىلا ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالمىدى، بېلنىڭ كۆپ يارىلىنىشى ئۇنىڭ توپ كىرگۈزىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ناۋادا ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى ھىگۇايىن ھازىر داۋاملىق خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بولغان بولسا، ئۇ چوقۇم خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئەڭ جېق توپ كىرگۈزگەن توپچىسىغا ئايلانغان بولاتتى. چۈنكى ھىگۇايىننىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە  قوشۇلغاندىن كېيىن بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە ئەڭ ئاز توپ كىرگۈزگەن توپ سانى 24، ئويلاپ باقايلى، ناۋادا ھىگۇايىن ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرسا، ئۇنداقتا ئۇ قانچىلىك دەرىجىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇپ كېتەر. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ھىگۇايىن بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 12 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، بۇ پەسىل ئۇ يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن تازىلانغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

7.كاسىللاس
قاپقىچى ئورنى يېقىندىن بۇيان خانلىق مادرىد كوماندىسىنى تولىمۇ ئاۋارە قىلغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ، خانلىق مادرىد كوماندىسى ئىزچىل ھالەتتە مانچېستېر بىرلەشمىسى قاپقىچىسى دېھىيانى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ سودىسىنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن ھازىر خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ زاپاس قاپقىچىسى كاسىللا ھەرگىزمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ، ناۋادا ناۋاس يەنە بىر قېتىم يارىلىنىپ قالسا خانلىق مادرىد كوماندىسى ئالدىدىكى مۇھىم مۇسابىقىلەردە چوڭ ئاۋارچىلىققا يولۇقۇشى مۇمكىن. ھازىر كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى خانلىق مادرىد كوماندىسى چوقۇم ئەينى ۋاقىتتا كوماندىدىن تازىلىغان داڭلىق قاپقىچى كاسىللاسنى ناھايىتى سېغىندى، گەرچە كاسىللاس ياشتا خېلى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئىككى قاپقىچىسىدىن ھەرگىزمۇ قېلىشمايدۇ. 2015-يىلى، كاسىللاس خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىپ پورتو كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى، گەرچە كاسىللاسنىڭ پورتو كوماندىسىدا ئېرىشكەن نەتىجىلرىنى خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى ۋاقتى بىلەن سېلشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىشى ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۆزىنىڭ پىشقەدەم مۇنەۋۋەر قاپقىچىسىنى باشقا كوماندىغا يولغا سېلىپ قويغىنى بىلەن ھازىرغىچە قاپقىچى ئورنىغا ياخشى بىر تولۇقلاش ئېلىپ بارالمايۋاتىدۇ. كاسىللاس خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 16 پەسىللىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغان چاغدىكى كۆز يېشى ھېلھەم مەستانىلەرنىڭ يادىدا بولىشى مۇمكىن، شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى كاسىللاس خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى كەسپىي ھاياتىغا ياخشى خاتىمە بېرەلمىدى، ناۋادا ئەينى ۋاقىتتا خانلىق كوماندىسى ئۇنى داۋاملىق كوماندىدا ئېلىپ قالغان بولسا، سىزچە ئۇلار ھازىرقىدەك قاپقىچى ئورنىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرار بولغىيمىتى؟

6.ئېتو
ئەينى ۋاقىتتىكى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئېتونى ماللوركا كوماندىسىغا 4 مىليون 400 ياۋرو ھەق بىلەن سېتىپ بېرىشى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. ئېتو خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قارىتا ئاداۋەتلا قېلىپ قالغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتتى دەپ قاراشقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كېيىن نۇرغۇنلىغان چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئېتو ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسدە تۇرىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قاپقىغا توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ناھايىتى نەپىس، شۇنداقلا مۇداپىئەچىلەرنىڭ قارا چۈشى ھېسابلىناتتى. كېيىن ئۇ بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن نوكەمپو مەيدانىدىكى ھالقىلىق شەخىسكە ئايلاندى، شۇنداقلا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە كۆپلىگەن توپلارنى كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى. كېيىن ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ شانلىق دەۋرىنى ياراتتى. ئېتونىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۇنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كەسپىي ھاياتىدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتو 2005-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى تاللاشتا 3-بولغان ئىدى.

5.ئۆزىل
ئۆزىل خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى شەخسىي ئىپادىسىنى كۆزدە تۇتساقمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن داڭلىق توپچى كاكانى زاپاس ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى، ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى مەشقاۋۇلنىڭ ئۇنى قەدىرلەپ ئىشلىتىشىگە ھەقىقەتەن لايىق ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئۆزىلنىڭ مۇنەۋۋەر بولغان ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى كاكانىڭ زاپاس بولۇپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۆزىل خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇنچە كۆپ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىدى، لېكىن ئۇنىڭ شەخسىي ئىپادىسى ھازىرمۇ ناھايىتى ياخشى بولماقتا. 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ئۆزىل ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 19 ياردەمچى پاس چىقىرىپ داڭلىق توپچى ھېنرىنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ياردەمچى پاس چىقىرىش نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى. ئۆزىلنىڭ ھازىرقى ياخشى بولغان ئىپادىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ھازىرمۇ ياۋروپادىكى زەردار كوماندىلاردا توپ تېپىشكە تامامەن ماس كېلىدۇ، بۇ يىل قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئۇنىڭ ئارسېنال كوماندىسىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئارسېنال كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئانچى كۆپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى. ھازىر خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئۆزىلنىڭ ئورنىدا ئىسكو ۋە ئاسېنسىئو قاتارلىق توپچىلار توپ تېپىۋاتىدۇ، لېكىن ناۋادا خانلىق مادرىد كوماندىسى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىلنى ساتمىغان بولسىمۇ، ھازىر ئۆزىل يەنىلا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇم تەشكىللۈگىچىنىڭ بىرى بولالايتى.

4.دىمارىيا
دىمارىيا 2010-يىلى بېفىنكا كوماندىسدىن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى. كېيىن ئۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بەش پەسىل توپ تەپكەندىن كېيىن يۇقىرى سوممىلىق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن مانچېستېر كۇلۇبىغا قوشۇلدى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ دىمارىيانى سېتىش قارارى ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇراتتى. دىمارىيا مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا ئارانلا بىر پەسىل توپ تەپكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىكى ئىپادىسى مەستانىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى، ھازىر دىمارىيا پارىژ كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى بۇرۇنقىدەكلا ناھايىتى ياخشى بولماقتا. دىمارىيانىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە پەسلىدە، بېلنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلۇشى ئۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرستىنى ئازلىتىۋەتتى، لېكىن دىمارىيا شۇ ئازغىنە پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسى ئاللىبۇرۇن تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بېلنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى كۆپلىگەن ۋاقتى كېسەل كارۋىتىدا ئۆتىۋاتىدۇ، لېكىن دىمارىيا بولسا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئاز بولمىغان چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى. ۋېلىشلىق چولپان بېلنىڭ كۆپ قېتىم يارىلىنىشى خانلىق مادرىد كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دىمارىيانى سېتىش قارارىدىن پۇشايمان قىشلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەردە دىمارىيا داۋاملىق خانلىق مادرىد كوماندىسىدا قېلىپ قالغان بولسا، بەلكىم بۇ ئارگېنتىنالىق توپچى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردىن ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن ئىدى.

3.روببېن
روببېن پۇتبول ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي يەنە بەلكى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز توپچىلارنىڭ بىرى. روببېن كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىۋاتقان ۋاقتىدا ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يان ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ ھازىرمۇ بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇداپىئەچىلەرنىڭ قارا چۈشى بولۇپ كەلمەكتە. 2009-يىلى خانلىق مادرىد كوماندىسى فېلورېنتىنونىڭ داڭلىق چولپان سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سەۋەبىدىن روببېننى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا سېتىپ بەرگەن. 9-يىلىدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ سودىنى ئەسلىگىنىمىزدە، خانلىق مادرىد كوماندىسى روببېننى قولدىن چىقارغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدىكى ئىپادىسىنى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك توپچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. روببېن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا 2013-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە شەخسىي شان شەرەپلەرگىمۇ نائىل بولدى. ئەلۋەتتە، خانلىق مادرىد كوماندىسىمۇ كېيىن سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغان بېلنى كوماندىغا قوشۇۋالدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆپ قېتىم يارىلىنىشى يەنىلا بىزگە روبېننى ئەسلىتىدۇ.

2.سېدورف
سېدورف ئەينى دەۋىردىكى مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان پىشۋالىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنداق توپچىغا ھەرقانداق بىر كوماندىنىڭ ئېرىشكۈسى كېلىدۇ. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سېدورفقا ئىگە بولىشى ئەسلىدە چوڭ بىر ئامەت ئىدى، لېكىن خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىغا بولغان قارىشى ۋە تەلىپى باشقا كوماندىلارغا ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار گوللاندىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان پىشۋاسى سېدورفتىن 1999-يىلى ۋاز كەچكەن ئىدى. لېكىن خانلىق مادرىد كوماندىسى ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ خاتا قارار چىقارغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، چۈنكى سېدورف كېيىن قوشماق مىلان كوماندىلىرىدىكى ۋاقتىدا دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى. سېدورف كەسپىي ھاياتىدا تۆت قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كوللېكتىپ ۋە شەخسىي شان شەرەپلەرگە نائىل بولغان. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سېدورفتىن ۋاز كېچىشى ماكېلېلېنىڭ ئىشلىردىكى خاتالىققا ئوخشاش چوڭ سەۋەنلىك ھېسابلىنىدۇ، ئويلاپ باقايلى ناۋادا ئىككى توپچى بىرلىكتە خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كۈچ قوشقان بولسا خانلىق مادرىد كوماندىسى ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى ھە، لېكىن بۇ پەقەتلا بىر پەرەز خالاس.

1.ماكېلېلې
خانلىق مادرىد كوماندىسىغا بېكخامنىڭ قوشۇلىشى، ماكېلېلېنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسدىكى ئورنىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، پەقەتلا ئۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىشلتەك تاللىشىلا قالغان بولغاچقا، ئۇ چېلسى كوماندىسىغا قوشۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا ماكېلېلېنى چېلسى كۇلۇبىغا سېتىپ بېرىش ھەقىقەت ئىنتايىن مەغلۇبىيەتلىك سودا بولغان ئىدى، كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسى ماكېلېلېنىڭ ئورنىغا ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق توپچى زىدانىنى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، ماكېلېلېنىڭ ئورنى ھەقىقىي مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رەسمىي تولۇقلىنىپ كېتەلمىدى. فېلورېنتىنو ئەينى ۋاقىتتا زىدانىنى قوشۇۋالغان چاغدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ زىدانىنى ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇپ ماكېلېلې توغرىسدا ھېچقانداق ئۆكىنىش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھەمدە ئۇنى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دەپ سۈپەتلىدى. لېكىن ماكېلېلې چېلسى كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن مورىنھونىڭ قول ئاستىدا ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ رەئىس فېلورېندىنونىڭ گېپىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق رەددىيە بەردى. شۇنداقلا ماكېلېلى پۇتبول ساھەسىگە ھەقىقىي ئارقا بەل توپچىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى، خۇددى ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ئارقا بەل توپچىسىنى «ماكېلېلې تىپىدىكى ئارقا بەل توپچىسى» دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش. ماكېلېلې خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چېلسى كوماندىسىدا مورىنھونىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەينى ۋاقىتتىكى خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ماكېلېلېنى چېلسى كوماندىسىغا سېتىپ بېرىشى ھەقىقەتەنمۇ نادانلارچە بولغان سودا ھېسابلىنىدۇ، كېيىن ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسى ئالونسو بىلەن قېدىرانى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئارقا بەل توپچىسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارقا بەل توپچىسىدىن قۇرۇق قالغان ئىدى. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ماكېلېلې خانلىق مادرىد كوماندىسدىن ئايرىلمىغان بولسا خانلىق مادرىد تېخىمۇ كۈچلىنىشى مۇمكىن ئىدى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015