شىنجاڭ كوماندىسى مەشقاۋۇلى: شىرئەلىجان ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-10 17:39:42

تېڭشۈن تەنتەربىيەسى خەۋىرى:

1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA بىرلەشمىسى 26-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 116:123 نەتىجىدە شاڭخەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى غوللۇق ئەزاسى شىرئەلىجان مەيدانغا چىقمىدى، مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى مەشقاۋۇلى لى چيۇپىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلاپ، شىرئەلىجاننىڭ ئۆيىدە ئارام ئالغان بەزى ئىشلار توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىرئەلىجان مەشىق مەيداندا پەيدا بولغان، لېكىن قىسقىغىنا ئوپچە مەشىقتىن كېيىن ئۇ يالغۇز مەشىق قىلغان.

لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجان مەيدانغا چىقمىدى، شۇنداقلا 12 كىشىلىك تىزىملىككىمۇ تاللانمىدى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەشقاۋۇل لى چيۇپىڭ زىيارتنى قوبۇل قىلىپ: «شىرئەلىجان ئۆيىدە ئارام ئالغاچ ئويلىنىۋاتىدۇ» دېدى، ياندىكى لى گېنمۇ «ئۇنىڭ تىزىدا يارىسى بار» دەپ قوشۇپ قويدى.

ئالدىنقى قېتىم مېھمان مەيداندا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە جەريانىدا، شىرئەلىجان ۋە مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا ئازراق زىددىيەت كۆرۈلگەن، بەلكىم مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسى شىرئەلىجانغا چارە كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015