CBA بىرلەشمىسى 34-ئايلانما: شىنجاڭ 108:120 شەنشى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-01 23:45:32

جىبو 8 تورى خەۋىرى،

2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە CBA بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 34-ئايلانمىسىدىكى مۇسابىقىلەر باشلاندى، شىنجاڭ قەدىمى شەھەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەنشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كونتېرىدا نومۇر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، كىچىك چەتئەللىك ئەزا دارىئۇس ئادامىسنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنىڭ ياردىمىدە 108گە قارشى 120 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ۋە يېقىنقى ئۈچ مەيداندا ئۇدا غەلىبە قىلدى.

تۇنجى كونتېر مۇسابىقە باشلىنىپلا شەنشى كوماندىسى «ئالماس» لەقەملىك چوڭ چەتئەللىك ئەزاسى لۇئىس سىكولانىڭ يېتەكلىشى ۋە رېن جۈنۋېينىڭ گار ئاستىدىكى بوي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ 6:12 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، شۇنداقلا ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى گاردىن قايتقان توپنى تالىشىش جەھەتتىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنى بېسىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى بولۇپ قىسقا توختاشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شىنجاڭ بۇ مەزگىلدە دارىئۇس ئادامىسنىڭ يەككە ھۇجۇمىغا تايىنىپلا نومۇرنى قوغلاپ ماڭدى، بىرىنچى كونتېر يېرىملاشقاندا شەنشى كوماندىسى سىكولانى ئالماشتۇرىۋېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا كىچىك چەتئەللىك ئەزا ۋېللىي ۋاررېننى مەيدانغا چىقاردى. ۋاررېن مەيدانغا چىققاندىن كېيىن شەنشى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى تېخىمۇ راۋانلىشىپ 15:28 نەتىجە بىلەن 13 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ھالقىلىق پەيتتە يۈ چاڭدۇڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ «قاننى توختاتتى»، ئارقىدىنلا لى گېن قاۋۇل بەدىنىگە تايىنىپ گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ قارشى تەرەپنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ 2+1 شەكلىدە نومۇر ئالدى بۇنىڭ بىلەن پەرق يەتتە نومۇرغا كىچىكلىدى. بىرىنچى كونتېر مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر مىنۇت 40 سېكۇنت قالغاندا ئادامىس ئالمىشىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئاۋگۇستو لىما مەيدانغا چىقتى. بىراق شۇنىڭدىن كېيىنلا شەنشى كوماندىسى ئىككى قېتىملىق ئۈنۈملۈك ھۇجۇم ئارقىلىق نومۇر پەرقىنى 12گە چوڭايتتى. شەنشى كوماندىسىنىڭ بىرىنچى كونتېردىكى ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھۇجۇمىدا شىرئەلىجاننىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئەسى قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى پۈشتەك ئاۋازىنى بېسىپ چۈشۈرگەن ئۈچ نومۇرلۇق توپى نەتىجىنى 33:24كە ئۆزگەرتتى، تۇنجى كونتېر مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ توققۇز نومۇر ئارقىدا قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۇنجى كونتېردا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى ئانچە راۋان بولالمىدى، شۇنداقلا ئادامىسنىڭ يەككە ھۇجۇمىغا بەكرەك تايىنىۋالدى.

ئىككىنچى كونتېردا ھەر ئىككى تەرەپ ئىككىدىن چەتئەللىك ماھىرىنى مەيدانغا چىقاردى، بىراق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمىدا ئادامىس سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىدا تۆت مىنۇتقا سوزۇلغان «نومۇر قەھەتچىلىكى» كۆرۈلدى، بۇ ئارىدا شىنجاڭ كوماندىسى لىمانىڭ جازا توپىغا تايىنىپ بىرلا نومۇر ئالدى، ئىككىنچى كونتېر مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت بولغاندا لىما گار ئاستىدىن تولۇقلاپ ھۇجۇم قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى كونتېردىكى تۇنجى ھەرىكەتلىك ھۇجۇم نومۇرىنى ئالدى، ئارقىدىنلا ئادامىسمۇ تېز سۈرئەتتە گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ قارشى تەرەپنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ 2+1 شەكلىدە نومۇر ئالدى، ئادامىسنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تېز ھۇجۇمىدىن كېيىن نەتىجە 37:30 غا ئۆزگىرىپ، شىنجاڭ كوماندىسى پەرقنى يەتتە نومۇرغا كىچىكلەتتى. ئىككىنچى كونتېر مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بەش مىنۇت 54 سېكۇنىت قالغاندا ئادامىس قارشى تەرەپنىڭ تۈز يۆنىلىشلىك پاس يولىنى ئۈزىۋېلىپ قارشى مەيدانغا تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ كىردى ۋە توپنى گار تاختىسى ئارقىلىق قاڭقىتىپ ئارقىسىدىن يېتىشىپ كەلگەن لىماغا ھۇجۇم پاس چىقاردى، لىما بۇ توپنى زەرپ بىلەن گارغا بېسىۋەتكەندە پۈتۈن مەيدان قايناپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىمۇ باشقىچە روھلىنىپ كەتتى، ئارقىدىن ئادامىسنىڭ 2+1 شەكلىدە ئالغان نومۇرى پەرقنى ئۈچ نومۇرغا كىچىكلەتتى، كېيىنكى ھۇجۇمدا لىما 45 گىرادۇسلۇق يۆنىلىشتە بۆسۈپ كىرىپ توپنى گارغا بېسىۋەتتى. ئىككىنچى كونتېر مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئۈچ مىنۇت 23 سېكۇنىت قالغاندا ئادامىسنىڭ كىرگۈزگەن ئۈچ نومۇرلۇق توپى نەتىجىنى تۇنجى قېتىم تەڭلەشتۈردى، بىراق ئارقىدىنلا بىر قېتىم ھۇجۇمدىكى 24 سېكۇنتلۇق مۇخالىپ ۋە بىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى، شەنشى كوماندىسى بۇ ئىككى قېتىملىق سەۋەنلىكنى نومۇرغا ئايلاندۇرىۋالدى. ھالقىلىق پەيتتە شىرئەلىجاننىڭ 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭدىن كىرگۈزگەن ئۈچ نومۇرلۇق توپى پەرقنى بىر نومۇرغا كىچىكلەتتى، ئىككىنچى كونتېر مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر مىنۇت 24 سېكۇنىت قالغاندا نەتىجە ئىككىىنچى قېتىم 46:46 بولۇپ تەڭلەشتى. بىر نەچچە قېتىملىق يۈزمۇ-يۈز ھۇجۇمدىن كېيىن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىدە ئادامىس ئۇدۇل تەرەپتىن پۈشتەك ئاۋازىنى بېسىپ چۈشكەن ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 51:53 قىلىپ ئۆزگەرتتى، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم نومۇردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئىدى.

ئالدىنقى مەيداندا ھەر ئىككى كوماندا بىر كونتېردىن توپنى ياخشى ئوينىدى، بىراق شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈنلەي نومۇر قوغلاش ھالىتىدە ماڭدى.

ئۈچىنچى كونتېردىكى تۇنجى ھۇجۇمدا شىرئەلىجاننىڭ خېلىلا يىراقتىن ئاتقان توپى گارغا يەتمەي قالدى، قارشى تەرەپ چىرايلىق ماسلىشىپ ئىككى نومۇر ئېلىپ نەتىجىنى 4-قېتىم تەڭلەشتۈردى، بىراق ئارقىدىنلا لىما گار ئاستىدىن ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالدى، شەنشى كوماندىسىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كېيىن ئادامىس يەنە بىر قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى ۋە 55:58 بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، كېيىنكى قېتىملىق ھۇجۇمدا شىرئەلىجان لىماغا ئىنتايىن چىرايلىق ھۇجۇم پاستىن بىرنى بەردى،كېيىنكى ئىككى ھۇجۇمدا شەنشى كوماندىسىدىن لىيۇ گۇەنسېن ۋە شىنجاڭ كوماندىسىدىن قىرانبېك بىردىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى. لىمانىڭ گاردىن قايتقان توپنى تالىشىشتىكى بىر ھەرىكىتىنى رېپىرلار قايتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق قائىدىگە خىلاپ دەپ ھۆكۈم قىلدى، ئارقىدىن سىكولانىڭ گار ئاستىدىكى پىشقان قەدەم ھەرىكىتى لىمانىڭ قىسقىغىنا 30 سېكۇنىت ئىچىدە ئىككى قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىراق ئارقىدىنلا ئۇمۇ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدە قارشى تەرەپنى ئىككى قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. سىكولا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چۈشمىگەن توپىنى ئېلىپ سۈن مىڭياڭنىڭ يۈزىگە جەينەكلىۋەتتى ۋە توپنى ئارقا مەيداندىن ئېلىپ كىرىپ تېز ھۇجۇم ئارقىلىق ئىككى نومۇر ئالدى.سىكولانىڭ يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمى نەتىجىنى بەشىنچى قېتىم 63:63 قىلىپ تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا لىما ۋە سىكولا ئىككىدىن نومۇر ئالدى،بۇ مەزگىلدە لىمانىڭ گاردىن قايتقان توپنى تولۇقلاپ ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئېلىشى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئارقىدىن ئادامىس 45 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭدىن يەنە بىر ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ،65:70 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى بەش نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.سىكولا ئىككى جازا توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن ئادامىس بىلەن لىما بوشلۇقتا كۈچ ئۇلاپ توپ بېسىش ماھارىتىدىن بىرنى كۆرسىتىپ مەيدان كەيپىياتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈردى، بىراق لىما بۇ كونتېردا ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپ بولۇپ قالدى، لىما سىكولانىڭ توپىنى تورىۋالغاندىن كېيىن يۈ چاڭدۇڭ قايتۇرما ھۇجۇم ئارقىلىق گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ ئىككى نومۇر ئالدى ۋە 67:74 نەتىجە بىلەن 7 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، شەنشى كوماندىسى قىسقا توختاشنى تەلەپ قىلدى.قىسقا توختاشتىن كېيىن 3-كونتېر مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 4 مىنۇت 33 سېكۇنىت قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ كىچىك چەتئەللىك ئەزاسى ۋاررېن بىلەن شىرئەلىجاننىڭ ئارىسىدا ئازراق سۈركىلىش كۆرۈلدى بىراق چوڭ توقۇنۇش چىقمىدى. رېپىرلار سىن كۆرۈنۈشىنى قايتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن ۋاررېننىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن بۇنى ئادەتتىكى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت دەپ ھۆكۈم قىلدى، شەنشى كوماندىسىدىن يۈەن شۈەينىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپى ۋە ۋاررېننىڭ 2+1 شەكلىدە نومۇر ئېلىشىدىن كېيىن شەنشى كوماندىسى 74:76 نەتىجە بىلەن پەرقنى ئىككى نومۇرغا كىچىكلەتتى. كىچىك جۇگېلىياڭ لى چىيۇپىڭ ئون نومۇرغا يېقىنلاشقان پەرقنىڭ بىردەمدىلا ئىككى نومۇرغا كىچىكلىگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال قىسقا توختاشنى تەلەپ قىلىپ قاراتمىلىق تاكتىكا ئورۇنلاشتۇردى. قىسقا توختاشتىن كېيىن لىما يەنە بىر قېتىم ئادامىسنىڭ چۈشمىگەن توپنى تولۇقلاپ گارغا بېسىۋەتتى.بەدەن تىركىشىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، گار ئاستىدىكى «پوروخ ھىدى» كۈچەيگەچكە مەشقاۋۇل لى چىيۇپىڭ شىرئەلىجاننى چۈشۈرىۋېلىپ لى گېننى مەيدانغا چىقاردى. ئارقىدىن ئادامىس  بىر قېتىم، قارشى تەرەپتىن ۋاررېن بىر قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى.ئۈچىنچى كونتېر مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 44 سېكۇنىت قالغاندا شەنشى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋاررېن بىر تېز ھۇجۇم ئارقىلىق 2 نومۇر ئېلىپ نەتىجىنى يەتتىنچى قېتىم 83:83 قىلىپ تەڭلەشتۈردى، ئۈچىنچى كونتېردىكى ئاخىرقى ھۇجۇمدا شىنجاڭ 24 سېكۇنتلۇق مۇخالىپ قىلدى، بىراق شەنشى كوماندىسى قىسقىغىنا بىر نەچچە سېكۇنتتىمۇ چىرايلىق ماسلىشىپ ئىككى نومۇر ئالدى، ئۈچىنچى كونتېر مۇسابىقە 83:85 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى، شىنجاڭ كوماندىسى بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم ئىككى نومۇر ئارقىدا قالدى.

ئاخىرقى تۆتىنچى كونتېر مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن كىچىك چەتئەللىك ماھىرىنى مەيدانغا چىقاردى، تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمدا يۈ چاڭدۇڭ گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ ئىككى نومۇر ئېلىپ نەتىجىنى 8- قېتىم 85:85 قىلىپ تەڭلەشتۈردى.ئارقىدىنلا سۈن مىڭياڭمۇ ئوتتۇرا ئارىلىقتىن توپ ئېتىپ ئىككى نومۇر ئالدى، شەنشى كوماندىسىنىڭ كېيىنكى ھۇجۇمىدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسى ئۇلارنى 24 سېكۇنتلۇق مۇخالىپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، ئارقىدىن شەنشى كوماندىسى چوڭ چەتئەللىك ئەزاسى سىكولانى مەيدانغا چىقاردى، لى گېننىڭ بىر قېتىملىق تېز ھۇجۇمدا نومۇر ئېلىشىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى قايتىدىن تۆت نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. شەنشى كوماندىسى قىسقا توختاشنى تەلەپ قىلدى.قىسقا توختاشتىن كېيىن سىكولا گار ئاستىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نومۇر ئالدى، بىراق ئارقىدىنلا يۈ چاڭدۇڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن جاۋاب قايتۇردى. كېيىنكى قېتىملىق ھۇجۇمدىكى ئادامىسنىڭ ئىنتايىن قاتتىق مۇداپىئەدىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بەدەن بۇراپ 2+1 شەكىلدە نومۇر ئېلىشى پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا رېپىرمۇ بۇ توپنى تېخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ھەرىكەت دەپ ھۆكۈم قىلدى، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نومۇر پەرقىنى چوڭايتىشىغا ياخشى پۇرسەت بولدى، شىنجاڭ كوماندىسى 87:96 نومۇر بىلەن توققۇز نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ئارقىدىن شەنشى كوماندىسىدىن لىيۇ گۇەنسېنمۇ 2+1 شەكلىدە نومۇر ئالدى، بىراق جازا توپى چۈشمىگەچكە پەرق يەنىلا يەتتە نومۇرنى ساقلىدى، ئارقىدىن لىيۇ گۇەنسېن يەنە بىر قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، پەرق تۆت نومۇرغا كىچىكلىدى.ھالقىلىق پەيتتە قىرانبېك 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭدىن ئۆزىنىڭ بۇ مەيداندىكى تۇنجى ئۈچ نومۇرلۇق توپىنى كىرگۈزدى. كېيىنكى ھۇجۇمدا شەنشى كوماندىسىدىن سىكولا ئۆز ھۇجۇمىدا ئادامىسنى ئىتتىرىۋېتىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە ھۆكۈمگە قايىل بولماي ئادامىس بىلەن ئازراق تىل ئۇرۇشى قىلدى، ئادامىسنىڭ جازا توپى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نومۇرىنى 100گە يەتكۈزدى، ئادامىس كېيىنكى ئىككى جازا توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن پەرقمۇ سەككىز نومۇرغا چوڭايدى، ئارقىدىن  لى گېننىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپى شىنجاڭ كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم 11 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، شەنشى كوماندىسى قىسقا توختاشنى تەلەپ قىلدى. قىسقا توختاشتىن كېيىن سىكولانىڭ ئىككى قېتىملىق جازا توپى پەرقنى توققۇز نومۇرغا كىچىكلەتتى،بىراق ئارقىدىنلا لى گېن يەنە بىر قېتىم پۈشتەك ئاۋازىنى بېسىپ چۈشكەن ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى. ئارقىدىنلا شەنشى كوماندىسى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا 5 نومۇر ئېلىپ نەتىجىنى 100:108 گە ئۆزگەرتىپ، پەرقنى يەنە بىر قېتىم سەككىز نومۇرغا كىچىكلەتتى. بۇ مەزگىلدە شەنشى كوماندىسىدىن ۋاررېن ئارقا-ئارقىدىن گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئالغاچقا شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر قېتىم قىسقا توختاشنى تەلەپ قىلىپ مۇداپىئە تاكتىكىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. قىسقا توختاشتىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىدىن لى گېن گار ئاستىغا بۆسۈپ كىرىپ ئىككى نومۇر ئالدى، ئارقىدىنلا شىرئەلىجان قارشى تەرەپ تۆۋەن سىزىقتىن باشلىغان توپنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئۈزىۋالدى، بۇ توپ شەنشى كوماندىسىنىڭ نومۇر قوغلاش ئاكتىپچانلىقىغا ۋە پۈتۈن مەيدان نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. پۈتۈن مەيدان ۋاقىت توشۇشقا ئىككى مىنۇت قالغاندا شىنجاڭ كوماندىسى 102:114 نەتىجە بىلەن 12 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. شەنشى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىدىكى بىر قېتىملىق سەۋەنلىكتىن كېيىن ئۇلارغا قالغان پۇرسەت بارغانسېرى كىچىكلىدى. چۈنكى شىنجاڭ كوماندىسى بۇ سەۋەنلىكتىن پايدىلىنىپ يەنە ئىككى نومۇر ئېلىپ پەرقنى 14 نومۇرغا چوڭايتتى. نەتىجە مۇقىملاشقاندىن كېيىن لى چيۇپىڭ ئادامىس ۋە يۈ چاڭدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى غوللۇق ماھىرنى مەيداندىن چۈشۈرىۋالدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 108گە قارشى 120 نومۇر بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

شىنجاڭ كوماندىسىدىن دارىئۇس ئادامىس 49 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 13 قېتىم ھۇجۇم پاس بېرىپ، ئۈچ قېتىم توپ ئۈزىۋالدى، ئاۋگۇستو لىما 22 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، يۈ چاڭدۇڭ 15 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، لى گېن 15 نومۇر، قىرانبېك 10 نومۇر ئالدى، شىرئەلىجان گەرچە بەش نومۇر ئالغان بولسىمۇ بىراق ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ھۇجۇم پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ ئۈزىۋالدى.

شەنشى كوماندىسىدىن لۇئىس سىكولا 33 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ۋېللىي ۋاررېن 23 نومۇر، بەش قېتىم ەاردىن قايتقان توپ ئېلىپ 8 قېتىم ھۇجۇم پاس بەردى، يەن پېڭفېي 17 نومۇر تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، لىيۇ گۇەنسېن 10 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى

شىنجاڭ كوماندىسى بىرىنچى كونتېردا 24 نومۇر، ئىككىنچى كونتېردا 29 نومۇر، ئۈچىنچى كونتېردا 30 نومۇرغا، تۆتىنچى كونتېردا 37 نومۇرغا ئېرىشتى.

شەنشى كوماندىسى بىرىنچى كونتېردا 33 نومۇر، ئىككىنچى كونتېردا 18 نومۇر، ئۈچىنچى كونتېردا 34 نومۇر، تۆتىنچى كونتېردا 23 نومۇر ئالدى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: سۈن تۇڭلىن، ئابدۇسالام، يۈ چاڭدۇڭ، قىرانبېك، دارىئۇس ئادامىس

شەنشى كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: ۋاڭ خۇڭ، جاڭ زېلۇڭ، رېن جۈنۋېي، شىڭ جىچىياڭ، لۇئىس سىكولا

شىنجاڭ كوماندىسى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى 35-ئايلانمىدا بېيجىڭ بېيكۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015