قەشقەر «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى» بولدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-05 13:58:24

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: 31- يانۋارنى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان بىر كۈن بولدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ كۈندە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، قەشقەر قاتارلىق 15 شەھەرگە تۇنجى تۈركۈمدىكى «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى» ۋىۋىسكىسىنى تارقاتتى؛ بىر بۆلەك پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرى «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى»نىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە ھەمدە باش نازارەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، پۇتبول كەسپىنى ھەقىقىي كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ قىلىشىغا تاپشۇردى؛ لياۋنىڭ، سىچۈەن، شېنجېن قاتارلىق ئۈچ شەھەردە پۇتبول بىلەن يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تاللاش بازىسى قۇردى؛ «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھەققى ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ياشلار پۇتبول مەشىق ئاپپاراتى ۋە تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

«ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى 2017-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلانغان، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ھەمدە ئۇلارنى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۈجمەل بولۇۋاتقان، تەسكە چۈشۈۋاتقان، توسالغۇ بولۇۋاتقان نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ياردەملەشكەن.

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىق مەركىزىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى»گە ئىلتىماس سۇنۇش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، باھالاش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ 25-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جەمئىي 24 شەھەر ئىلتىماس سۇنغان. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلگىرىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، باھالىغۇچىلار ئىلتىماس سۇنۇلغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، داليەن، ۋۇخەن، چېڭدۇ، چىڭداۋ، شېنجېن، گۇاڭجۇ، يەنبيەن، قەشقەر، مېيجۇۋ، سۇجۇ، گۇيجۇ، پۇتودىن ئىبارەت 15 ئورۇن تۇنجى بولۇپ «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى» قىلىپ بېكىتكەن.

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دۇ تاۋسەي مۇنداق دېدى: «بۇندىن كېيىن كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى ياشلار مەشىق سىستېمىسى، ئۆلكە-شەھەر تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ياشلار مەشىق سىستېمىسى، شەھەرلەرنىڭ ياشلار مەشىق سىستېمىسى، تەنتەربىيە مائارىپى بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپ پۇتبولى ياشلار مەشىق سىستېمىسى، جەمئىيەتتىكى كۇلۇبلارنىڭ ياشلار مەشىق سىستېمىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ سىستېمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ياراملىق مايسىلارنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەربىيەلەپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلار مەشىق بازىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، چوڭ ھەم كۈچلۈك بولغان جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى بەرپا قىلىمىز. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يېتەكچى كۈچ بولغان، ئۆلكە، رايون، شەھەر بىرلىكتە قۇرغان، مەملىكەت ئىچىدە بىر تۇتاش ئۆلچەمگە ئىگە بىر تۈركۈم ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشىق مەركىزى قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، جۇڭگودىكى ياراملىق پۇتبولچىلارنىڭ ‹خەزىنە›سىنى ئاچىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھەرقايسى جايلاردىكى «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى»گە سىياسەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە يار-يۆلەك بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارغا ئاجىرىتىدىغان راسخوت ياردىمىنىمۇ كۆپەيتىدىكەن؛ جايلاردىكى ياشلار مەشىق مەركىزىدە تۇرۇشلۇق باش نازارەتچى ۋە مەشقاۋۇللارنى ئەۋەتىپ، بىۋاسىتە تېخنىكىلىق ياردەمدىمۇ بولىدىكەن؛ جايلاردىكى «ياشلار پۇتبول مەشىق مەركىزى» جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىكى ئاستىدا، پۇتبولچىلارنى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام مەشقاۋۇللىرىنى تەربىيەلەش، ئاكتىپلىق بىلەن ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆز رايونىدىكى ياكى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەيدىكەن.

بۇرۇن ياشلار پۇتبول مەشىق ئاپپاراتى ۋە تەربىيەلەش ئورۇنلىرى جىق زىيانلارنى تارتقان. چۈنكى ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلار 18 ياشقا توشقاندىن كېيىن ۋاسىتىچىلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى تەربىيەلەپ چىققان ئاپپارات ياكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى بىلەن كەسپىي توختام تۈزۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ خىل خاھىشتىن كېلىپ چىققان جاراھەت ۋە ئەكس تەسىرنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. بىراق ھازىر بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھازىر «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پۇتبولچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە يۆتكىلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىنى تۈزىتىپ ۋە تولۇقلىغان «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە تەربىيەلىنىش ھەققى ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى» نى ئېلان قىلدى. بۇ «پىكىر» جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىنىڭ مەشىقلىنىشى ۋە يۆتكىلىش ماددىلىرىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015