ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تەنتەربىيە >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-13 17:00:06

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،:

ئامېرىكىنىڭ رىۋايەتلىك بوكس شاھى مايۋەزېر ئەزەلدىن بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن داڭق قازانغان. بوكس ساھەسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى سەل-پەل «يىغىشتۇرۇش» ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسچە بىردە ھەشەمەتلىك پىكاپىنى كۆز-كۆز قىلسا، بىردە داچىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئىككى كۈندە بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ زېرىكمىدى. يېقىندا، ئۇ يەنە دۆلىتىمىزگە كېلىپ، سەددىچىن سېپىلىغا چىقىپ، ئاتايىن چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق بازىسىغا كېلىپ، 11000 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ئىئانە قىلدى ھەمدە 2016-يىل ئىيۇلدا تۇغۇلغان مۈشۈكئېيىقنى بېقىۋالدى.

مايۋەزېرنىڭ كەسپىي ھاياتى، پوچىلىق بىلەن بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر بوكس شاھىنىڭمۇ ئوغلى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. يېقىندا تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئوغلى زىئون مايۋەزېرنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتا ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا دادىسىنى تارتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

2017-يىل ئاپرېل ئېيىدا، زوئىن مايۋەزېر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىرلىكتە لاسۋېگاستىكى بىر بەزمىخانىدا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن. نەق مەيداندىن ئۇنىڭ ناھايىتى خۇشال ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا مايۋەزېر نەق مەيدانغا كېلىپلا قالماستىن يەنە تېخى «قىزىل گۈل» ئېسىلغان بېنېز ماركىلىق پىكاپنى ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق رەپ ناخشىچى Young Thug نەق مەيدانغا كېلىپ، زوئىنغا ناخشا ئېيتىپ بەرگەن.

بەكرەك ئوينىۋەتكەن بۇ بايۋەتچە مايۋەزېر جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، نەق مەيداندا پۇل چېچىپ، كەيپىياتنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەن.

مايۋەزېر ئوغلىنى باغرىغا باسماقچى بولدى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق: مايۋەزېر ئوغلىنىڭ بايلىق كۆز-كۆز قىلىشى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار ئايال ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» رونالدو يېڭى قىز دوستىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي سورۇندا ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ-ﭘﺮېتى ﺯﯨﻨﺘﺎ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015