بۇ يىلدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 5 «غۇنچە»، سىز كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-09 19:59:19

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى:

2017-يىلنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يېرىم يىلدا، تاماشا ساھەسىدىكى «غۇنچە»لەر رول ئالغان تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى قالتىس بولۇپ، قاتناشقان ئۇنىۋېرسال پروگىراممىلىرىمۇ كۆپ ئالقىشلاندى. بۈگۈن بەزى تاراتقۇلار بۇ «غۇنچە»لەرنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسىنى ئېلان قىلدى. بىز ئالدىنقى بەشكە كىرگەن «غۇنچە»لەرنى كۆرۈپ چىقايلى:

5. ياڭ مى

بۇ يىل ياڭ مىنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى سەل تۆۋەنلىدى. ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى خېلى كۆپ ھەمدە يىل بېشىدىكى «ئۈچ ئۆمۈرلۈك سۆيگۈ چېچىكى» (三生三世十里桃花) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن يېقىندا قويۇلغان «باھار خەنجىرى» (绣春刀) قاتارلىق كىنولىرىغىچە كۆپ ئالقىشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى بۇرۇنقىدەك ئەمەس. نېمىلا دېگەن بىلەن، ھازىرقى «غۇنچە»لەرنىڭ رىقابىتى بەكلا كۈچلۈك ئەمەسمۇ!

4. ليۇ شىشى

ليۇ شىشى كىچىككىنە پەرق بىلەن ياڭ مىنى يەڭگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئالدىنقى ئۈچكە كىرەلمىدى. بۇ يىل ليۇ شىشىنىڭ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدىن بىر قانچىسى بار، بەكرەك ئالقىشلانغىنى چېن ۋېيتىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان «غايىب رىشتە» (醉玲珑)دۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ دېڭ چاۋ بىلەن ھەمكارلاشقان يېڭى كىنوسى «ئاداچى» (心理罪之城市之光) پات ئارىدا قويۇلىدۇ.

3. جاۋ لىيىڭ

جاۋ لىيىڭنىڭ ئۈچىنچى بولۇشى سەل تاساددىپىيلىق، لېكىن قانداقلا بولسۇن، ئۇ باش رول ئالغان «چۇچياۋ رىۋايىتى» (楚乔传) نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى، كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭ رولچىلىق ماھارىتىگە قايىل بولۇشتى.

جاۋ لىيىڭ قاتناشقان «72 قالىق» (قالىق-راۋاق) (七十二层奇楼) پروگراممىسىمۇ قاتناشقۇچىلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇ «ساددا، ئاقكۆڭۈل قىزچاق» دەپ تەرىپلەندى.

ھازىر جاۋ لىيىڭ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى ئۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە بىر كىنوسىنى كۆپچىلىككە سۇنىدۇ، ئۇنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسىمۇ شۇ چاغدا قايتىدىن ئۆرلىشى مۇمكىن.

2. جېڭ شۇاڭ

جېڭ شۇاڭ ھەققىدە تالاش-تارتىشلار ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئۇنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى يەنىلا يۇقىرى، «داڭلىقلارنىڭ چۆچىكى تولا» دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. جېڭ شۇاڭنىڭ بۇ يىلقى «كەتمەيدىغان ياز» (夏至未至) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، شۇنداقتىمۇ رولچىلىق ماھارىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرمىسە بولمايدۇ.

بۇندىن باشقا، جېڭ شۇڭا مەستانىلىرى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كىتاب چىقاردى. نۇرغۇن تورداشلار كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى.

ئەلۋەتتە، ئالقىشلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە سۈپەتلىك تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، باشقىچە روللارغىمۇ چىقىپ ياكى باشقىچە ئوبرازلارنى يارىتىپ باقسا بولىدۇ. 

1. دىلرابا

دىلرابانىڭ بىرىنچى بولۇشىنى ھەممە ئويلىغان، چۈنكى ئۇ بۇ يىل راستىنلا ئالقىشلاندى، بىر قانچە تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىلا ئەمەس، كىنولاردىمۇ باش رول ئالدى. ئۇندىن باشقا، ئۇنۋېرسال پروگراممىلارغىمۇ قاتنىشىپ، ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ تونۇلۇپ كەتتى. 

ئۆز نۆۋىتىدە ئەلنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان دىلرابا كۆرۈرمەنلەرگە داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلماقتا. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئەنجىلىنا جۇلى بالىلىرى بىلەن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىلىمدە ئەر ئارتىسلاردىن يۇقىرى ھەق ئالغان بوللىۋود ئايال ئارتىسلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۈگۈنكى ئۆمۇر يۇلتۇزى-جەنۇبىي ھىندىستان كىنو خانىشى شىرىيا ساران

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان 14 پارچە قىزىقارلىق رەسىم

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شاھرۇھ خان قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلەش ئالدىدا تۇرامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېگىزلىكى 205 سانتىمېتىر، پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 133 سانتىمېتىر كېلىدىغان رۇسىيەلىك مودېل

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەمەلىي يېشىدىن كۆپ كىچىك كۆرۈنىدىغان بوللىۋود چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان دىلرابانىڭ گۈزەل سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامىرخان بىلەن پرىيانكا چوپرا فىلىمدە باش رول ئالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015