ياڭ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دىلرابامۇ سەمىمىي تىلىكىنى يوللىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-12 15:14:28

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى:

12-سېنتەبىر، ياڭ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، تاماشادىكى غوللۇق چولپان شۇنداقلا ئىزچىل سوغۇققانلىق بىلەن ئىش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، تاماشادىكى يېرىمدىن ئارتۇق چولپانلارنىڭ بەخت تىلىشىگە ئېرىشتى. بۇ تىلەك سۆزلىرىدە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، قىزىقارلىق سۆزلەر بولۇپ، يەنە تېخى مەستانىلەرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى نامايەن قىلىنغان بىمەنە چاقچاقمۇ بار ئىدى.

ياڭ مىنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن قىزىل گۈل بولۇش سۈپىتى بىلەن دىلرابا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:00 بولغاندىلا، تىلەك سۆزىنى يوللاپ، ئۆزى بىر قوللۇق سىزغان يۈرەك تۇتۇپ تۇرغان كارتون رەسىمنى چىقىرىپ: «گۈزەل قىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئاۋۋالىقىدەكلا سىزگە تېلېفون قىلىمەن، سىزگە چىن يۈرۈكۈمنى سوۋغا قىلاي»، دېدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن دىلرابانىڭ تولىمۇ كەمتەر شۇنداقلا، ياڭ مىنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئوخشاشلا مەستانە سىڭلىچاق ئورنىدىكى مۇقەددەسمۇ ياڭ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ ياڭ مىنىڭ قول ئاستىدىكى سەنئەتكارلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندەك: «يەنە بىر يىلدىكى 912، ئەڭ گۈزەل سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ياڭ مى ئاچامنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىزگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن»، دېدى.  بەلكىم بۇمۇ ياڭ مىنىڭ قول ئاستىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ يۈرەك ساداسى بولسا كېرەك. دېمىسىمۇ، ياڭ مى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇلار بولسا، ئىزچىل ياڭ مىدىن مىننەتدار بولۇپ كەلدى.

قىزلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى داستان شەكىلىدە بايان قىلىشغا سېلىشتۇرغاندا، ياڭ مىنىڭ قول ئاستىدىكى ئەر سەنئەتكارلار بىۋاستىلا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ليۇ رۇيلىن ياڭ مىنىڭ بىر پارچە سۈرىىتنى ئاشكارىلاپ: «بىزنىڭ گۈزەل ئۆسمۈر ياڭ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن، ھەر كۈنى سىزنىڭ مۇشۇنداق كۈلۈپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

كېلىشكەن جاڭ بىنبىنمۇ: «بىزنىڭ ئوماق ئۆسمۈر ياڭ مى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ۋاقتىڭىز چىققاندا، بىرلىكتە ئوينايلى» دېگەچ، ياڭ مىنىڭ چىرايلىقلىقىنى ماختاپلا قالماستىن يەنە تېخى غوجايىنىنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇشنى ئويلىدى. بۇ يەردە بىزمۇ ئۇنىڭ «ئەقلى»گە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.

ياڭ مىنىڭ قول ئاستىدىكى سەنئەتكارلارلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇنلىغان دوستلار دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. جاڭ لەنشىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، چىن يۈرەكتىن چىققان تەبرىك سۆزلىرىنى يوللىدى.

ئۇنىڭ يېقىن دوستى جاڭ دادامۇ ياڭ مىنىڭ گۈزەل سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ: «ئەسلىدە ئۈچىمىزنىڭ سىنلىق كەسمە سۈرىتىنى يوللاي دېگەن، بىراق، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولغاچقا، يەنىلا چىرايلىق سۈرەتنى چىقىراي، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن»، دېدى.

بىراق غەلىتە قىلىقلارنى چىقىرىدىغان جاڭ دادا يەنىلا چىداپ تۇرالماي، ئۈچەيلەننىڭ «ھۆددىگەر ئايال» تۇرقىدىكى سۈرىتىنى يوللىدى. بىراق angelababyنىڭ تۇرقىغا قارىغاندا، ياڭ مىنىڭ تۇرقىنى ھەر ھالدا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان مەڭ بىلەن ئېغىزىغا سېلىنغان تاماكىمۇ ئالاھىدە قىزىقارلىق ئىدى.

«دەۋىر ئاچا-سىڭىللىرى»دىكى غەلىتە قىلىقلارنى چىقارغۇچى گو سەيجىمۇ دەل ۋاقىتىدا ياڭ مىنى «قارىلاش» يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ تۆتەيلەننىڭ چۈشكەن سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ: «ئەسلى ئىش مۇنداقتى، خانىم»، دېدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 يېقىن دوستلىرىنىڭ سۈرەتلىك تىلەك سۆزلىرىنى يوللىغىنىغا قارىغاندا، ئىنكاس رايونىدىكى تەبرىك سۆزلىرىمۇ دىققەتنى تارتاتتى. چېن شۆدۇڭ: «مېنىڭ ياڭ مىرىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، بىزنىڭ بىرلىكتە چۈشكەن سۈرىتىمىز يوقكەن، رەھمەت»، دېگەن بولسا، خې جيوڭ: «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

بۇ بەخت تىلەشلەر ئىچىدە ئەڭ غەلىتە، قىزىقارلىق بولغىنى يەنىلا مەستانىلەر لايىھەلىگەن ئېلان سۈرىتى بولۇپ، ئىزچىل مەستانىلىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈپ، ئۆز-ئارا قارىلىشىش شەكلىدە ئارىلىشىدىغان ياڭ مىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان مەستانىلەر ئۆمىكى مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈندە كوللىكتىپ تەبرىك سۆزى ئەۋەتىپ: «ياڭ مى ساھىبجامالنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن، بايلىقى ھەددى ھېسابسىز بولسۇن» دېدى. سۈرەتتىكى ياڭ مى تولىمۇ ئوماق بولۇپ، بىزمۇ ئۇنىڭ كۈندە خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئەنجىلىنا جۇلى بالىلىرى بىلەن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىلىمدە ئەر ئارتىسلاردىن يۇقىرى ھەق ئالغان بوللىۋود ئايال ئارتىسلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۈگۈنكى ئۆمۇر يۇلتۇزى-جەنۇبىي ھىندىستان كىنو خانىشى شىرىيا ساران

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان 14 پارچە قىزىقارلىق رەسىم

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شاھرۇھ خان قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلەش ئالدىدا تۇرامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېگىزلىكى 205 سانتىمېتىر، پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 133 سانتىمېتىر كېلىدىغان رۇسىيەلىك مودېل

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەمەلىي يېشىدىن كۆپ كىچىك كۆرۈنىدىغان بوللىۋود چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان دىلرابانىڭ گۈزەل سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامىرخان بىلەن پرىيانكا چوپرا فىلىمدە باش رول ئالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015