​چېڭلوڭنىڭ قىزى يەنە ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-12 18:25:44

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى:

12-سېنتەبىر، شياڭگاڭ تارتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋۇ چىلى بىلەن چېڭلوڭنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى ۋۇ جولىن يەنە بىر قېتىم ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ۋۇ چىلى قىزى ۋۇ جولىننىڭ دوست تۇتۇش مەسلىسىگە قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك بىر قېتىم تاكاللىشىپ قالغاندىن كېيىن، ۋۇ جولىن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ ئاپىسىنى تۇتقۇزغان. ئارقىدىن ۋۇ جولىن 2 ئايدىن كۆپرەك بالېنستا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى تاراتقۇلار ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ ئەپلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىدە يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولۇپ، ۋۇ جولىننىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولغان. ئىگىلىنىشىچە، ۋۇ جولىن بالنېستا ياتقان مەزگىللەردىلا ئوقۇشتىن توختاش رەسمىيتىنى بېجىرىگەن بولۇپ، ۋۇ چىلى ھەر ئايدا 17 مىڭ شياڭگاڭ پۇلىنى تۆلەپ، قىزىنىڭ خەلقئارالىق مەكتەپتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ۋۇ جولىننىڭ ئۆگىنىش نىيتى بولمىغاچقا، مەكتەپ تۇرمۇشىدىن قاتتىق زېرىككەن. ئارقىدىن ۋۇ چىلى ئۆيىدە قىزىغا دەرس تەكرار قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، بۇنىڭغا چىدىمىغان قىز يەنىلا ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن.

بۇ قېتىملىق ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشى 4-قېتىملىقى بولۇپ، 2015-يىل مارت ئېيىدا ۋۇ چىلى ۋۇ جولىننى ئۇرغاندا، مەكتەپ دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۇ 1-قېتىم ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن. 2-قېتىملىقى، 2015-يىل ئاپرېل ئېيىدا ۋۇ چىلىنىڭ ھاراق ئىچىشى سەۋەبلىك يەنە بىر قېتىم ماجرا يۈز بېرىپ، ۋۇ جولىن ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن. 3-قېتىملىقى بۇ يىلقى ۋۇ جولىننىڭ دېلو مەلۇم قىلىپ ئاپىسىنى تۇتقۇزغاندىكى ۋەقە.

ۋۇ جولىن بۇ قېتىم ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ تور چولپىنى A خانقىز بىلەن بىرگە ئۆتكەن بولۇپ، يەنە ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىۋالغان. ۋۇ جولىن بىلەن A خانقىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ زىددىيەتلىشىپ قېلىشىمۇ دەل مۇشۇ قىز سەۋەبلىك بولغان. بىراق ھازىر ۋۇ چىلى قىزىنىڭ كىم بىلەن دوست بولىشىغا ئارىلاشمايدۇ، پەقەت قىزى خۇشال بولسىلا بولدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋۇ جولىن A خانقىزنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، دائىم دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن بالكوننىڭ خەتەرلىك ئورنىدا ئولتۇرۋېلىپ، بىرلىكتە تاماكا چەككەچ ھاراق ئىچىشىدىغان بولۇپ، ھەمىشە نۇرغۇنلىغان تاماكا قالدۇقى قاتارلىق ئەخلەتلەرنى تاشلاپ قويىدىكەن.

بەزى تاراتقۇلىرى ۋۇ چىلىدىن قىزى ۋۇ جولىننىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىشنى سورىغاندا، ئۇمۇ ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋۇ جولىننىڭ ئۆيىدە تۇرمىغانلىقىغا خېلى بىر مەزگىللەر بولسىمۇ، بىراق ئانا-بالا ئىككەيلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقان. يەنە كېلىپ قىزىمۇ پات ئارىدا 18 ياشقا كىرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشىغا كۆپ ئارىلاشسا بولمايدىكەن. ۋۇ جولىننىڭ ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىگە قارىتا، ۋۇ چىلى مەكتەپتە چوقۇم ئوقۇش كېرەك، دېمەيمىز، ئۇ ھازىر كىچىك دوستلارغا ئورتاق تىلنى ئۆگىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

ۋۇ چىلى يەنە ھازىر قىزىغا پەقەت ئاساسىي خىراجەتنىلا بېرىدىغانلىقىنى، ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە قارىتا ئۆزىنىڭمۇ ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئىزچىل قىزىغا ئوچۇق تۇردىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ھازىر پەقەت تۇرمۇش ئۆگىنىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇ جولىن ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى بالىلارچىلىكمۇ بەختلىك ئەمەس. ئۆز ئاتىسى ئۇنى تونۇمىغاچقا كىچىك ۋاقىتىدىلا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ھەمدە يەكلىشىگە ئۇچرىدى؛ چوڭ بولغاندىن كېيىن، يەنە تېخى دوست تۇتۇش مەسلىسى سەۋەبلىك ئاپىسىنىڭ چۈشەنمەسلىكى بىلەن بۇرۇقتۇرمىلىق كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلىۋالماقچى بولدى. ۋۇ جولىننىڭ سول قولى ۋە بىلەكلىرىدە 10 نەچچىگە يېقىن يارا ئېغىزى بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىماي قالمايدۇ. ئۇ يەنە تېخى 18 ياشقا توشمايلا ھاراق ئىچىشنى تاماكا چېكىشنى ئۆگەندى. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسى ۋۇ چىلى ئۆگەتكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئەنجىلىنا جۇلى بالىلىرى بىلەن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىلىمدە ئەر ئارتىسلاردىن يۇقىرى ھەق ئالغان بوللىۋود ئايال ئارتىسلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۈگۈنكى ئۆمۇر يۇلتۇزى-جەنۇبىي ھىندىستان كىنو خانىشى شىرىيا ساران

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان 14 پارچە قىزىقارلىق رەسىم

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شاھرۇھ خان قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلەش ئالدىدا تۇرامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېگىزلىكى 205 سانتىمېتىر، پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 133 سانتىمېتىر كېلىدىغان رۇسىيەلىك مودېل

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەمەلىي يېشىدىن كۆپ كىچىك كۆرۈنىدىغان بوللىۋود چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان دىلرابانىڭ گۈزەل سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامىرخان بىلەن پرىيانكا چوپرا فىلىمدە باش رول ئالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015