كورېيەدە بىر ئائىلىدىن 3 چولپان ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن قىزىمۇ ئۆلۈۋالماقچى بولدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-13 14:34:19

يېقىنقى يىللاردا كورېيەدە بىر بۆلۈك چولپانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالدى، كورېيەلىك چولپان جاڭ جايىئون ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىپ، 10 نەچچە پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان، ئۇنىڭدا 100 دىن ئارتۇق ئەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى يېزىلغان.

يەنە ئىنتايىن ئالقىشلىق چولپان چوي جىنسىلنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىمۇ بار، لېكىن ئادەمگە غەلىتە تۇيۇلىدىغان يېرى ئۇنىڭ ئىنىسى چوي جىنيوڭ، بۇرۇنقى يولدىشى چوي سونمىن، ئالدىنقى ۋاستىچىسى پاك شاڭھو قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقا ئۆلۈۋالغان. چوي جىنسىلنىڭ چولپانلىق يولى راۋان بولغاندا ئۇ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىپ، چوي جىنيوڭ بىلەن توي قىلغان. ئۆيدە ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا يولدىشى ئاشنا ئوينايدۇ، يەنە ئۇنىڭغا زوراۋانلىق قىلىدۇ، ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇ بالىلىرىنىڭ بېقىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

2008-يىلى ئەن گۈەنسوڭ ئۆلۈۋالىدۇ، بىرەيلەننىڭ كۆرسىتىشىچە، چوي جىنسىل ئۇنىڭغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرغان ئاندىن ئۇنى قەرزنى قايتۇرۇشقا قىستاپ، ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن، لېكىن چوي جىنسىلمۇ ئۆلۈۋېلىپ، ۋەسىيەتنامىسىدە مۇنداق يازغان: «دۇنيادىكى ئادەملەردىن بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم، نېمە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزكەن ئۇ؟ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىشلارنى سۆرەپ ئەكىلىپ، نېمىشقا مېنى قىينايدىغاندۇ؟» بۇنىڭدىن چوي جىنسىلنىڭ قانچىلىك ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

چوي جونسىل ئۆلۈپ كېتىپ 3 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى چوي جىنيوڭمۇ ئۆلۈۋالغان، كورېيەلىك چولپانلار جۇڭگولۇق چولپانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەر دائىم كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، بەلكىم ئۇ ھەدىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۆلەنچۈكسىز قالغاندەك ھېس قىلغان، تۇرمۇش بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرىپ بولالماي ئۆلۈۋېلىشنى تاللىغاندۇ.

چوي جىنسىل ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي چوي سونمىنمۇ ئۆلۈۋالغان، چوي جىنسىلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا ياخشى كۈن بولمىغان، ھەر كۈنى ھەر خىل بەس-مۇنازىرىلەرگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغان، چوي جىنيوڭنىڭ ئۆلۈمى مۇنازىرىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە ئېلىپ چىققان، ئاخىرىدا چوي سونمىنمۇ ئۆلۈمنى تاللىغان.

چوي جىنسىل ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بالىلىرى مومىسىنىڭ بېقىشىغا قالغان، لېكىن بۇ يىل 8-ئايدا قىزى چوي جۈنھى مومىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇزۇن يىل خورلاپ، ئەركىن بولۇشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن خامۇشلۇق كېسىلى بولۇپ قېلىپ، دائىم ئۆلۈۋېلىشنى خىيال قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭدىن بىر ئائىلىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىسخىك ساغلاملىقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئەنجىلىنا جۇلى بالىلىرى بىلەن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىلىمدە ئەر ئارتىسلاردىن يۇقىرى ھەق ئالغان بوللىۋود ئايال ئارتىسلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۈگۈنكى ئۆمۇر يۇلتۇزى-جەنۇبىي ھىندىستان كىنو خانىشى شىرىيا ساران

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدىغان 14 پارچە قىزىقارلىق رەسىم

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شاھرۇھ خان قورقۇنچلۇق فىلىم ئىشلەش ئالدىدا تۇرامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېگىزلىكى 205 سانتىمېتىر، پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 133 سانتىمېتىر كېلىدىغان رۇسىيەلىك مودېل

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەمەلىي يېشىدىن كۆپ كىچىك كۆرۈنىدىغان بوللىۋود چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان دىلرابانىڭ گۈزەل سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامىرخان بىلەن پرىيانكا چوپرا فىلىمدە باش رول ئالامدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015