Angelababyنىڭ بۇرۇنقى تۇرقى ھازىرقىدىن خېلىلا پىشقان كۆرۈنىدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2017-10-31 19:10:09

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى:

Angelababy داڭق قازانغاندىن كېيىن، ئۇ زادى ھۆسن تۈزەتكەنمۇ-يوق، دېگەن بۇ بىر مەسىلە ئىزچىل سىر بولۇپ كەلدى ھەتتا بۇنىڭغا قارىتا تالاش-تارتىشلارمۇ ئۈزۈلۈپ باقمىدى. يېقىندا ئۇنىڭ بىر  يۈرۈش كونا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭدىكى ئوبرازدىن ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە مودېللىق قىلىۋاتقاندىكى سۈرەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.

گەرچە كۆپ يىللار بۇرۇنقى Angelababy بولسىمۇ، بىراق قاراشتىنلا ھازىرقىدەك سۈزۈك ۋە چىرايلىق ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. سۈرەتتىكى ئۇ چېچىنى سېرىق رەڭگە بوياپ يەنە تېخى بۈدۈرە قىلغان بولۇپ، قېنىق رەڭلىك كۆز گىرىمى، لەۋسۇرۇخى ۋە قېنىق قىلىنغان گىرىمى بىلەن كۈلرەڭلىك ئۇزۇن مايكىسىغا گۈللۈك يوپكىسىنى ماسلاشتۇرۋالغان ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى ساغىرىپ قالغاندەك، ھازىرقىدىن خېلى كۆپ پىشقاندەك كۆرۈنىدۇ.

نېمىلا دېگەنبىلەن Angelababy مودېللىق ساھەسىدىن تەرەققىي قىلغاچقا، ئىزچىل مودىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلگەن. ھازىر سىز بەلكىم ئۇنىڭ سۈرەتتىكى تۇرقىدىن ھوزۇرلىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇ بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا ئەڭ مودا بولۇشى مۇقەررەر. بۇ خۇددى تاماشا چەمبىرىكىدە بىر مەزگىل مودېل بولغان «سىمارت» ياسىنىشىغا ئوخشايدۇ.

يۈز شەكلىدىن قارىغاندا، كونا سۈرەتتىكى Angelababyنىڭ يۈز شەكلى ھازىرقى Angelababyغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق بىر قىسىم ئىنچىكە تەرەپلەردە يەنىلا ئۆزگىرىش بولغان. بەلكىم بۇ ئۆزگىرىشلەر ياش پەرقى ۋە گىرىم ئۇسلۇبىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، Angelababyنىڭ ئېغىزىنى ئىچىپ كەينىگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەندىكى بۇ پارچە سۈرەت بىلەن ھازىرقى Angelababyدا ئاساسەن دېگۈدەك پەرق يوق. بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا، سۈرەتتىكى Angelababy ياشلىق باھارىنى نامايەن قىلغان بولسا، ھازىرقى Angelababy مەردانىلىكنى نامايەن قىلىدۇ.

تېرە رەڭگى جەھەتتە، كونا سۈرەتتىكى Angelababyنىڭ تېرىسى ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك ئاق ئەمەس، بىراق قارىماققا ئىنتايىن ساغلامدەك كۆرۈنىدۇ. بىلمىدۇق، ئەينى ۋاقىتتا قەستەن مۇشۇنداق تېرە رەڭگىدىكى گىرىمنى قىلغانمۇ ياكى Angelababyنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداقمۇ؟ 

ئەينى ۋاقىتتا خۇاڭ شياۋمىڭ ئۇنىڭ ھۆسن تۈزەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندا، ئۇنىڭ گىرىمىنى يۇىىۋەتكەندىن كېيىن تېرىسىنىڭ ئانچە ئاق ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇنداق Angelababyنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق Angelababy بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر دائىم ئۇنىڭغا يۈز چاپلىقى سوۋغا قىلىپ، ئايالىنىڭ تېرىسىنى بارغانسېرى ياخشى ئاسىرىغان. مانا مۇشۇنىڭدىنلا، ئۇنىڭ Angelababyنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋودتا تەرەققىي قىلغان توللىۋود ۋە كوللىۋود ئايال چولپانلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود ئايال چولپانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى روللىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايال چولپانلار بارغانسېرى كىيىنىشنى بىلىدىغان بوپتۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مايۈن راستىنلا ۋۇ جىڭ، چېن زىدەن ۋە لى ليەنجيې قاتارلىقلار بىلەن كىنو ئىشلەمدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋودنىڭ ئەڭ نادىر قىساس فىلىملىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سىز بۇ بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ قويۇلماي قالغىلى تاس قالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالىي مەكتەپنىڭ 21 ياشلىق ساھىبجامال ئوقۇتقۇچىسى توردا داڭق چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود فىلىملىرىدىكى ئەڭ غەيرىي ئېكران بىر جۈپلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015