كورېيە تىياتىرلىرىدىكى ئەڭ ماسلاشقان ئېكران بىر جۈپلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-11 10:50:45

 

20180111090659784.jpg/

 

ئېغىر ئۇيقۇدا (当你沉睡时)

ئوبراز نامى:نام خوڭجۇ بىلەن جۇڭ جېچان

ئاكتىيور نامى:بې سۇجى بىلەن ئى جوڭسۇك

ھەر ئىككەيلەننىڭ تېرىسى سۈتتەك ئاپئاق بولۇپ، قامەتلىك يىگىت بىلەن گۈزەل نازىنىن، ئىككەيلەن بىرگە تۇرسا گويا بىر رەسىم كەبى تەسىر بېرىدۇ. ئى جوڭسۇك مەيلى كىم بىلەن بىرگە چىقسۇن بىر خىل ماسلىشىدىغان سېھرى كۈچى بار.

قۇياش ئەۋلادى(太阳的后裔)

ئوبراز نامى: يو شىجىن بىلەن كاڭ مۇيون

ئاكتىيور نامى:سوڭ جۇڭكى بىلەن سوڭ خيېكيو

ئاچا-ئىنى مۇھەببىتىنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى، قوش سوڭ ئەر-خوتۇنلار مەيلى رەڭگى-رۇخسارى، بوي ئېگىزلىكى ۋە مىجەز-خۇلقى جەھەتتىن شۇنداق ماسلاشقان، تىياتىردىكى دوختۇر بىلەن ئوفېتسىر مۇھەببىتىدىن رېئاللىقتىكى ئەر-خوتۇنلارغا ئايلانغان. «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دېگەندەك كەسپىدىمۇ ئىنتايىن ماسلاشقان ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

ئۈچ خىل يول(三流之路)

ئاكتىيور نامى: پاك سېجۇن بىلەن كىم جىۋون

ئوبراز نامى: كو دوڭمان بىلەن چوي ئارا

تۇرمۇشنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان ئىككى ئادەتتىكى ئادەم ئادەتتىكى ئاددى ھاياتىغا ئالاھىدە تۈس قوشقان، ئاق ئاتلىق شاھزادە بىلەن كۈل قىزنىڭ ھېكايىسىغا سېلىشتۇرغاندا، كىچىكىدىن يېقىن ئۆتكەن دوستلارنىڭ كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك سېھرىي كۈچى ئەلۋەتتە بار-دە!

 

كۈچتۈڭگۈر قىز دو بوڭسۇن(大力女子都奉顺)

ئوبراز نامى: ئەن مىنخيوك بىلەن دو بوڭسۇن

ئاكتىيور نامى: پاك خيۇڭشىك بىلەن پاك بويوڭ

قارشى يولدا ماڭىدىغان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار، كېلىشكەن سالاپەتلىك لىدىر ئەمەلىيەتتە غەلىتە بىر توخۇ يۈرەك، ئوماق قىزچاق بولسا بىر پالۋان. گەرچە ئۇلار بىر يەرگە  كەلسە توخۇدەك چوقۇشسىمۇ بىراق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت خۇددى بىر داستان.

 

 W ئىككى ئالەم(W两个世界)

ئاكتىيور نامى: ئى جوڭسۇك بىلەن خان خيوجۇ

ئوبراز نامى: كاڭچېئول بىلەن ئو يونجۇ

فىلىم ۋەقەلىكى كاللىنى ئاچىدۇ، كۆرۈرمەنلەرگە بېرىدىغان تەسىرى ئۆزگىچە، فىلىم تەپسىلاتلىرى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، رەسىملىك ژۇرناللاردىكى مۇھەببەت ھېكايىسىگە ئوخشاش بۇ فىلىمدىكى بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببىتى ئىختىيارسىز سىزنىمۇ ئەسىر قىلىۋالىدۇ.

 

غەلىتە دادا(爸爸好奇怪)

ئاكتىيور نامى: ئى جۇن بىلەن ئى يۇرى

ئوبراز نامى: ئەن خېبى بىلەن بيەن خۇئىڭ

يەنە بىر تىياتىردىكى مۇھەببەتتىن رېئاللىقتىكى ئاشىق-مەشۇقلارغا ئايلانغان بىر جۈپلەر! دەرۋەقە 52 قىسىملىق تىياتىر 16 قىسىملىق تىياتىرلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاسان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنى تارقىتالايدۇ.

 

 

مىراسخورلار(继承者们)

ئاكتىيور نامى: كاڭ مىنخيۇك بىلەن جوڭ سۇجوڭ

ئوبراز نامى: يۈن چانيوڭ بىلەن ئى بونا

بۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئېكران بىر جۈپلىرى، ئىككەيلەننىڭ ئېگىز بويلۇق فىگورىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرىي ماسلىشىپ كەتكەن. مېھرى ئىسسىق يىگىت بىلەن كۈنلەمچى ياۋايى قىزچاقنىڭ مۇھەببىتىمۇ شۇنداق ياخشى بىرىككەن.

 

ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى كىم بوكجۇ(举重妖精金福珠)

ئاكتىيور نامى: نام جۇخيۇك بىلەن ئى سوڭيۇڭ

ئوبراز نامى: جۇڭ جۇنخيۇڭ بىلەن كىم بوكجۇ

ئىككى مودېل سەھنىدە تۇرسا قايسىسى بەكراق كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ؟ گەرچە ئىككەيلەن رېئاللىقتا ئاخىرغىچە بىرگە ماڭالمىغان بولسىمۇ، تىياتىرنىڭ تاتلىقلىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمىگەن، كىم يىگىتلەرنى ئورۇق قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ دەيدۇ؟ مەن سېمىز بودەكلەرنى ياخشى كۆرىمەن.

 

 

ھېچقىسى يوق، بۇ مۇھەببەت(没关系是爱情啊)

ئوبراز نامى: جاڭ جېيول بىلەن جى خىسۇ

ئاكتىيور نامى: جو ئىنسۇڭ بىلەن كوڭ خيوجىن

مۇكەممەل تاشقى قىياپەتكە ئىگە ناتىق يازغۇچى بىلەن كۆرۈنۈشتە مۇز چىراي بىراق كۆڭلى ياخشى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت سۆزلىنىدىغان بۇ فىلىمدە مىجەزى غەلىتە بىر جۈپ ياشنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئىككەيلەن فىلىمدە دەرىجىدىن تاشقىرى ماسلىشىپ كەتكەن.

 

تەنھا ئالۋاستى ئىلاھ(孤单又灿烂的神-鬼怪)

ئاكتىيور نامى: گوڭيۇ بىلەن كىم گوئېن

ئوبراز نامى: كىمشىن بىلەن جى ئېنتاك

فىلىمدىكى بۇ بىر جۈپلەرنىڭ چىرايىدىن تارتىپ بوي-بەستىگىچە شۇنداق ماسلاشقان بولۇپ، كىم گوئېن خانقىزمۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالىدىغان ئارتىس بولغاچ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ رولىنى ئالسا بەئەينى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى بولىدۇ، چوڭلارنىڭ رولىنى ئالسا بەئەينى چوڭلارنىڭ ئۆزى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بىزنىڭ «ئەزرائىل ئالۋاستىمىز» گوڭيۇمۇ رول ئېلىشقا بەك ئۇستا!

 

ماشىنا ئادەم ئەمەس(不是机器人啊)

ئاكتىيور نامى: يۇ سۇڭخو بىلەن چې سۇبىن

ئوبراز نامى: كىم مىنگيۇ بىلەن ئاجى3

ھازىر قويۇلۇۋاتقان بۇ تىياتىردىكى بىر جۈپلەرنىمۇ تورداشلار ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قېلىشقان، مەيلى چىراي ياكى فىگور جەھەتتىن شۇنداق ماسلاشقان.

سىلەرمۇ كۆرگەن كورېيە تىياتىرلىرىڭلاردىكى بىر جۈپلەردىن قايسىلىرىنى ئەڭ ماسلاشقان دەپ قارايسىلەر؟ كۆز قارىشىڭلارنى كەڭتاشا ئىنكاستا بايان ئەيلىگەيسىلەر!

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ
  • چولپانلاردىن چىرايلىق ۋاستىچىلار
  • 2018-يىل يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل 13 كۆرۈنۈش
  • 2018-يىلى «ئېكران زومىگىرى»گە ئايلىنىدىغان گۈزەل چولپانلار
  • كىنو-تىياتىرلاردا ھازىرغىچە بايقالغان 40 يوچۇق (1)
  • ياڭ مى، تاڭ يەن، baby لاردىنمۇ گۈزەل چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
  • ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئۈچۈن قىسىمدا 18 ئاي مەشىق قىلغان
  • 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپي مودېل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بوللىۋود چولپانلىرى ئانۇشكا ۋە ۋىراتنىڭ بومبايدىكى كاتتا توي چېيىغا قاتناشتى
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى
  • ياپونىيەدىكى 20 ياشلىق ئارغۇن قىز «ئالەمدىكى 1-ئوماق» دەپ تەرىپلەندى
  • دىلرابا يېڭى كىنوسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى
  • «ئىپارخان»نىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرغىچە توي قىلمىدى
  • شياڭگاڭدىكى 6 نەپەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس
  • ئىۋانكانىڭ ھارغىن كۆزلىرى گۈزەللىكىگە يەنىمۇ «ھۆسن» قوشتى
  • 2018-يىلى بوللىۋودقا كىرىدىغان يېڭى ئارتىسلار
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارا گۇرۇھ ئەۋلادلىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • مالايسىيالىق 16 ياشلىق قىزنىڭ چىرايى دىلرابا بىلەن Angelababy غا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەنە مازغاپ تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىلى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا ئەڭ كۆپ چىققان كورېيەلىك ساھىبجامال--ئىم يۈنئا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» ئۆزىنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى بىز توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بوللىۋود ئاشىق - مەشۇقلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ساھىبجامال ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دىسنېي مەلىكىسىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايال چولپانلارنىڭ 18 ياش ۋاقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىۋانكا ئەزەلدىن شۇنداق چىرايلىقمۇ ياكى ھۆسن تۈزەتكەنمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خەلقئارالىق نازىنىن دېڭ ۋېندىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشى قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015