ئايالى كۈچلۈك چولپان ئائىلىلىرى چوقۇم ئاجرىشىپ تۈگەللىنەمدۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-11 12:35:30

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، :

لى شىياۋلۇ بىلەن جىيا نەيلىياڭ: بەزىلەر شۇنداق دەيدۇ، جىيا نەيلىياڭنىڭ مۇھەببىتى بەك تۆۋەن ئورۇندا. «ياشلىق سارىيى» پىروگىراممىسىدا لى شىياۋلۇدىن سىز ئۆي ئىشى قىلامسىز دەپ سورىغاندا لى شىياۋلۇ يېقىندا ئازراق ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتقان، جيا نەيلىياڭنىڭ ئۆي ئىشى قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا لى شىياۋلۇ ئۇنىڭ ئۆي ئىشىنىڭ ھەممىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خې جيې، خې زىمىڭ: خې جيې 2005-يىلى «شادىمان قىزلار» غا قاتنىشىپ 4 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ مەملىكەت ئىچىدە بىر مەھەل داڭق چىقاردى، خې زىمىڭ بولسا 2006-يىلى رەسمىي كىنو ساھەسىگە كىردى، ئىككەيلەن تويدىن كېيىن ئىزچىل بىر-بىرىگە ئامراقلىقىنى نامايەن قىلىدىغان بىر جۈپلەر ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئاجرىشىش ۋەقەسى ھەممىلا يەردە غۇلغۇلىغا ئايلاندى.

يى نېڭجىڭ، چىن خاۋ:چىن خاۋ يى نېڭجىڭدىن 10 ياش كىچىك، ئىككەيلەننىڭ بىللە بولۇشى ھېچكىمنىڭ كۆزىگە سىغىمىغان، لېكىن يى نېڭجىڭ تويدىن كېيىن ناھايىتى بەختلىك ھالىتىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. ئىككەيلەننىڭ بالىسىمۇ بولدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بەختلىك ئۆتۈپ كەتكەي.

سەي شاۋفېن بىلەن جاڭ جىن:ئىككەيلەن بىللە بولغاندا سەي شاۋفېن TVB نىڭ گۈلى ئىدى، جاڭ جىن بولسا بىر سىياقداش ئارتىس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەق ھەممىسى جاڭ جىننى «يۇمشاقباش»، «خوتۇنىنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدۇ» دېيىشتى. ھازىر جاڭ جىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كەسپىتە تەرەققىي قىلدى، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىمۇ ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ما يىلى، ۋېن جاڭ:ما يىلى ۋېن جاڭدىن 8 ياش چوڭ، ئۇلار «كۈرەش» نى ئىشلەۋاتقاندا ما يىلىنىڭ نامى چىقىپ، ھەممىگە تونۇلۇپ بولغان ئارتىس ئىدى، لېكىن ۋېن جاڭنىڭ ھېچقانچە نامى يوق ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن ما يىلى بولسىلا ئۆزۈمنى نەگىلا بارسام بەختلىك ھېس قىلىمەن دېگەن ۋېن جاڭ يولدىن چىقىش ۋەقەسى بىلەن ئۆز ئابرويى ۋە بەختىنى بىر قوللۇق ۋەيران قىلدى.

لى شىياڭ، ۋاڭ يۆلۈن:ھەممە ئادەم ئىككەيلەن بىللە بولغاندا ھەمىشە لى شىياڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ دەيدۇ، ۋاڭ يۆلۈن قىسىلىپ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ قالىدۇ.

لېكىن ۋاڭ رېژىسسورنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككەيلەننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاقە ئۇسۇلى بار ئىكەن، لى شىياڭ خوشال بولسىلا ئۇ ھەممىگە رازى ئىكەن.

شيې نا، جاڭ جيې:شيې نا بىلەن جاڭ جيې بىللە بولغان دەسلەپكى ۋاقتلاردا نۇرغۇن تورداش «جاڭ جيې شيې ناغا تايىنىپ ئانداق قىلغان، مۇنداق قىلغان» دېگەن گەپلەرنى تارقاتقان. سۆز-چۆچەك تارقالغان بولسىمۇ لېكىن ئىككەيلەن يەنىلا توي قىلدى، ھازىر بالىسى بولۇش ئالدىدا، جاڭ جيې كۈنبويى شيې ناغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

ياڭ مى، لىيۇ كەيۋېي:ياڭ مى تاماشا ساھەسىگە كىرگەندىن تارتىپ ئۆسەك سۆزلىرى ئۈزۈلۈپ باقمىدى، ئۇنىڭ ليۇ كەيۋېي بىلەن بولغان نىكاھمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ليۇ كەيۋېي تاماشا ساھەسىدە شۇنچە ئۇزۇن يۈرگەن بولسىمۇ لېكىن باشقىلارغا ئېسىدە قالغۇدەك ياراتقان ئوبرازى ئاساسەن يوق. ياڭ مى ئۆزى رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى داڭلىنىپلا قالماي يەنە بايرىقى ئاستىدىكى سەنئەتكارلارمۇ قاتتىق تونۇلدى.

جاڭ فېڭدەن، خوڭ شىن:جاڭ فېڭدەن ئىلگىرى ئايالىنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك نامى بارلىقىنى كۆڭلىگە ئازراقمۇ ئالمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان، شۇنداقلا يەنە خوڭ شىننى ماختاپ:«ئۇنىڭ ئائىلە قارىشى ياخشى، ۋاپادار، ئائىلىدىكىلىرىگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلىدۇ، ماڭىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزى ئىشەنچلىك، ئومۇمەن بىر ياخشى ئايال» دەيدۇ.

لى ياپېڭ، ۋاڭ فېي: لى ياپېڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ خانىش دەرىجىلىك خانىمىنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ پىشانىسىدىن كەتمەيدىغان رېئال ئۆتمۈشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنى كۆڭلىگە بەك ئېغىر ئېلىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئاخىرىدا ئىككەيلەن يەنىلا بىللە بولالمىدى.

ئەي يوڭيى، جاڭ جىلىن:جاڭ جىلىن ئەي يوڭيى بىلەن توي قىلغاندا ئەي يوڭيى ئىككى نۆۋەتلىك شىياڭگاڭ ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى خانىشى بولۇپ بولغان، جاڭ جىلىن تۈزۈك نامى چىقمىغان ئارتىس ھەم ناخشىچى ئىدى.

لىڭ شىياۋسۇ، ياۋ چېن:ئىلگىرىكى «مەكتەپتىكى مۇھەببەت» دىن «ئۈلگىلىك ئەر-خوتۇن» بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ياۋ چېن «ۋۇ لىننىڭ غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھالى» بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇپ كەتتى، لىڭ شىياۋسۇ «يۇمشاقباش» ئاتالدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئاجرىشىپ كېتىش بىلەن خاتىمىلەندى. لىڭ شىياۋسۇنىڭ ھازىرقى خانىمى تاڭ يىفېينىڭ بىلدۈرىشىچە:«بىرەيلەن لىڭ شىياۋسۇنى پۈتۈن دۇنياغا تېگىشىپ بېرەي دېسىمۇ ئۇنى دۇنياغا تېگىشمەيمەن.»

مېي تىڭ، يەن پو:ئەينى يىلى مېڭ تىڭ يەن پو بىلەن توي قىلىشنى ئويلاشقاندا ئائىلىدىكىلىرى قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن. يەن پو ئۇ چاغدا لى شىياۋرەن بىلەن نىكاھدىن ئاجراشقان بولۇپ، ئۇ چاغدىكى مېي تىڭنى ھەممە بىلىدىغان داڭلىق ئارتىس ئىدى. يەن پومۇ تېخى رېژىسسور ئەمەس ئىدى. مېي تىڭ يولدىشىنىڭ تۇنجى فىلىمى «ئاسپىرىن» غا مەبلەغ سالغان، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا مەبلەغنى قايتۇرۇۋالالمىغان، يەن پونىڭ يولدىن چىققان قىلمىشى ئاشكارىلانغان، ئاشىنىسى بىلەن نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ «پەس ئەر» لىكىنى ھەقىقىي ئىسپاتلىغان.

فەن بىڭبىڭ، لى چېن:ئىزچىل «فەن بېگىم» بولۇپ كەلگەن ئۆزىگە خان فەن بىڭبىڭنىڭ لى چېن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈشى كۆپ ئادەمنىڭ كۆزىگە سىغماغلىق. فەن بىڭبىڭنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇملۇق. لېكىن ئۇ لى چېن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئاجىزلاپ كەتتى، يەنە «شىياۋفەن» دەپ ئاتىلىدىغانمۇ بولۇپ قالدى. زىيارەتنى قۇبۇل  قىلغاندا ئۇ:«فەن بېگىمگە قارىغاندا مەن شىياۋفەننى تېخىمۇ يېقىملىق ھېس قىلدىم» دېگەن.

دېڭ جيې، جاڭ گولى: ئېيتىلىشىچە ئەمدى بېيجىڭغا كەلگەن جاڭ گولىنىڭ تاماكىسىنىمۇ دېڭ جيې ئەپ بېرىپتىكەن. يېڭى بېيجىڭغا كەلگەندە جاڭ گولىنىڭ پۇلى بولمىغاچقا دائىم دېڭ جيېنىڭ پۇلىنى خەجلىگەن ئىكەن. ئەينى ۋاقتتا دېڭ جيېنى ۋاڭ شىفېڭ رولى بىلەن ھەممە ئادەم تونۇپ كەتكەن بولۇپ، جاڭ گولىنىڭ تۈزۈك نامى چىقمىغان ئىكەن.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ
  • چولپانلاردىن چىرايلىق ۋاستىچىلار
  • 2018-يىل يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل 13 كۆرۈنۈش
  • 2018-يىلى «ئېكران زومىگىرى»گە ئايلىنىدىغان گۈزەل چولپانلار
  • كىنو-تىياتىرلاردا ھازىرغىچە بايقالغان 40 يوچۇق (1)
  • ياڭ مى، تاڭ يەن، baby لاردىنمۇ گۈزەل چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
  • ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئۈچۈن قىسىمدا 18 ئاي مەشىق قىلغان
  • 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپي مودېل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بوللىۋود چولپانلىرى ئانۇشكا ۋە ۋىراتنىڭ بومبايدىكى كاتتا توي چېيىغا قاتناشتى
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى
  • ياپونىيەدىكى 20 ياشلىق ئارغۇن قىز «ئالەمدىكى 1-ئوماق» دەپ تەرىپلەندى
  • دىلرابا يېڭى كىنوسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى
  • «ئىپارخان»نىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرغىچە توي قىلمىدى
  • شياڭگاڭدىكى 6 نەپەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس
  • ئىۋانكانىڭ ھارغىن كۆزلىرى گۈزەللىكىگە يەنىمۇ «ھۆسن» قوشتى
  • 2018-يىلى بوللىۋودقا كىرىدىغان يېڭى ئارتىسلار
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارا گۇرۇھ ئەۋلادلىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • مالايسىيالىق 16 ياشلىق قىزنىڭ چىرايى دىلرابا بىلەن Angelababy غا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەنە مازغاپ تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىلى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا ئەڭ كۆپ چىققان كورېيەلىك ساھىبجامال--ئىم يۈنئا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» ئۆزىنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى بىز توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بوللىۋود ئاشىق - مەشۇقلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ساھىبجامال ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دىسنېي مەلىكىسىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايال چولپانلارنىڭ 18 ياش ۋاقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىۋانكا ئەزەلدىن شۇنداق چىرايلىقمۇ ياكى ھۆسن تۈزەتكەنمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • خەلقئارالىق نازىنىن دېڭ ۋېندىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشى قانداق؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015