دونالد تىرامپنىڭ «ئۆسەك سۆز لايىقى»مۇ بوش ئەمەس

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-13 19:45:29

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :

جۈمە كۈنى (12-يانۋار) ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ 2006-يىلى داڭلىق ئايال چولپان سىتورمىي دەنېلس بىلەنمۇ ئۆسەك سۆزلىرى تارقالغان بولۇپ، يەنە تېخى 2016-يىلى ئادۋوكاتى ئارقىلىق 130 مىڭ دوللار «ئېغىزىنى يۇمۇش ھەققى» تاپشۇرغان. ئۇنداقتا، بۇ دەنېلس زادى قانداق ئايال؟

دەنېلسنىڭ ئەسلى ئىسمى سىتەفانيې كىلىفورد بولۇپ، 1979-يىل 17-مارت لۇئىزانا ئىشتاتىنىڭ باتون روئۇجدا تۇغۇلغان. ئۇ ئون نەچچە يېشىدىلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ناھايىتى تېزلا قۇرامىغا يەتكەنلەر كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قەدەم قويغان.

دەنېلسنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.70 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 56.6 كىلوگىرام. 2002-يىلى ئۇ لوس ئانجىلىستىكى داڭلىق كىنو ئىشلەش شىركىتىگە كېلىپ، ناھايىتى تېزلا بۇ شىركەتنىڭ گۈلىگە ئايلانغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، رېژىسسورى، سېنارسىتى بولۇپ كەلگەن دەنېلس سانسىزلىغان كەسپىي مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى شەخس، يىللىق چولپان، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئارتىس، يىللىق سەنئەت مۇكاپاتى، ئەڭ مۇنەۋۋەر سېنارىيە مۇكاپاتى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس قاتارلىق مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسگە ئېرىشىپ باققان.

قۇرامىغا يەتكەنلەر كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدىن باشقا، دەنېلس ئېكران يۈزىدىمۇ بىر قىسىم روللارنى ئالغان مەسىلەن: «40 يىگىت»، «بىر كېچىدىلا قورساق كۆتۈرۈش»، «بىلىسنى ئىزدەش» قاتارلىقلار.

دەنېلس ئاللىبۇرۇنلا ئۈچ قېتىم توي قىلغان، ئۇ 2004-يىلى پەت ماينېغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، 2-يولدىشى ئارتىس مايك موزغا ياتلىق بولغان. ھازىر ئۇ يولدىشى بىرېندون مىللېر بىلەنمۇ كەسپداش.

مىللېر بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، دەنېلس ئۆزىنىڭ قىزى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، جامائەتنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغاندا، بۇ ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىم، ياخشى ئانا بولالماسلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەن.

2009-يىلى دەنېلس ھەربىي سىياسىي مۇنبەرگە يۈرۈش قىلىپ، لۇئىزانا ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ۋىتتېرغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنى پاھىشە بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلىگەن. دەنېلس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولمايدىغانلىقىنى، بىراق ھازىرقى پالاتا ئەزالىرىدىن خېلىلا پاكىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 2010-يىلى دەنېلس ئەڭ ئاخىرىدا پالاتا سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ، بۇ ئويۇننىڭ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ھازىر دەنېلس كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇسۇلدا سىياسىي مۇنبەرگە يۈرۈش قىلدى. گەرچە ئۇ تىرامپ بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىش تېخىمۇ «ئېچىتىلماقتا». بەلكىم مۇخبىرلارنىڭ قولىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بولۇشى مۇمكىن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ
  • چولپانلاردىن چىرايلىق ۋاستىچىلار
  • 2018-يىل يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل 13 كۆرۈنۈش
  • 2018-يىلى «ئېكران زومىگىرى»گە ئايلىنىدىغان گۈزەل چولپانلار
  • كىنو-تىياتىرلاردا ھازىرغىچە بايقالغان 40 يوچۇق (1)
  • ياڭ مى، تاڭ يەن، baby لاردىنمۇ گۈزەل چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
  • ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئۈچۈن قىسىمدا 18 ئاي مەشىق قىلغان
  • 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپي مودېل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بوللىۋود چولپانلىرى ئانۇشكا ۋە ۋىراتنىڭ بومبايدىكى كاتتا توي چېيىغا قاتناشتى
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى
  • ياپونىيەدىكى 20 ياشلىق ئارغۇن قىز «ئالەمدىكى 1-ئوماق» دەپ تەرىپلەندى
  • دىلرابا يېڭى كىنوسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى
  • «ئىپارخان»نىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرغىچە توي قىلمىدى
  • شياڭگاڭدىكى 6 نەپەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس
  • ئىۋانكانىڭ ھارغىن كۆزلىرى گۈزەللىكىگە يەنىمۇ «ھۆسن» قوشتى
  • 2018-يىلى بوللىۋودقا كىرىدىغان يېڭى ئارتىسلار
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارا گۇرۇھ ئەۋلادلىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دونالد تىرامپنىڭ «ئۆسەك سۆز لايىقى»مۇ بوش ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود يېڭى ئارتىسى ئەۋېلىن شارما ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق 16 ياشلىق قىزنىڭ چىرايى دىلرابا بىلەن Angelababy غا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەنە مازغاپ تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىلى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا ئەڭ كۆپ چىققان كورېيەلىك ساھىبجامال--ئىم يۈنئا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» ئۆزىنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى بىز توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بوللىۋود ئاشىق - مەشۇقلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ساھىبجامال ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دىسنېي مەلىكىسىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئايال چولپانلارنىڭ 18 ياش ۋاقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015