«لۇسى» فىلىمى قانچىلىك قالتىس؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 13:22:12

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، :

سىكارلېت جوھانسون باش رول ئالغان «دەرىجىدىن تاشقىرى تەن»(超体)ياكى «لۇسى»(露西) فىرانسىيەلىك رېژىسسور لۇك بېسسون رېژىسسورلۇق قىلغان ھوللىۋود فىلىمى. فىلىم جۇڭگو تەيۋەندە سۈرەتكە ئېلىنغان، بىرودۋېي كىنو چولپىنى مورگىن فىرىيمەن، كورېيەلىك داڭلىق ئارتىس چوي مىنسىك قاتارلىقلار رول ئالغان. بۇ فىلىم 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلغان، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقتا قويۇلغان.

ساھىپجامال سىكارلېت جوھانسون تەيۋەندە ئوقۇۋاتقاندا بىر زەھەر سودىسىغا چېتىلىپ كىرىپ قالىدۇ، زەھەر خالتىسى تېشىلىپ كېتىپ، كۆپ مىقدادىكى سىرلىق كۆك تالقانسىمان ماددا ئۇنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ئىقتىدار X جەڭچىنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ھۇجۇم ئىقتىدارى، ھەممە نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىش، ھەتتا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق دولقۇنى ۋە ئېنىرگىيەنىڭ خورىشىغىچە كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇيالايدۇ. چوڭ مېڭىنىڭلا ئەمەس سىزنى شۇنداقلا سىلاپ قويسا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى بارلىق ھۈجەيرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئوقۇيالايدۇ. سىزنىڭ ئۆپكىڭىز ياكى بۆرىكىڭىز ياخشى بولمىسا شۇ زامان بىلىۋالالايدۇ. بۇمۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس تېخى، سىزگە بىرلا تېلېفون قىلىش بىلەن مېڭە ئېلىكتىر دولقۇنى ئارقىلىق سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن كونتروللاپ سىزنىڭ مېڭە دولقۇنلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ، كۆزىڭىز كۆرەلىگەنلىكى نەرسىنى ئۇمۇ كۆرەلەيدۇ. ئىشقىلىپ مۇشۇنداق بىر دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارلىق ئادەم باشقا نەرسە ئەمەس.

فىلىم نوچى ئىشلەنگەن، قايتا كۆرۈشكىمۇ ئەرزىيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يوقاپ كېتىدۇ، چوڭقۇر تېخنىكا نەزەرىيىسى ۋە كۋانت ھەققىدىكى نەزەرىيىلەرنى تۈزۈك بىلمىگەندىكىن بۇ ھەقتە توختاپ قالاي.

رېژىسسور لۇك بېسسون زوراۋانلىق سەنئىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرگە، كائىناتقا بولغان چۈشەنچىسىنى فىلىمگە سىڭدۈرۈپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان.

فانتازىيەلىك فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن «دەرىجىدىن تاشقىرى تەن» گە لۇك بېسسون ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھەرىكەتلىك ۋە قارا جەمئىيەت ئېلمىنىتلىرى بولغان فىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، زوراۋانلىق ئىستىتىكىسى لۇك بېسسون ئىپادىلەپ كەلگەن بىر خىل ئۇسلۇب بولۇپ، سىكارلېتنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىسىزلىك بۇ تەرەپكە بەك چۈشكەن، كورېيەلىك كىنو شاھى چوي مىنسىك ئاسىيالىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ ھوللىۋود ئارتىسلىرىغا يېڭىلىپ قالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. لۇك بېسسون ئىلگىرى «بۇ قاتىل ئانچە رەھىمسىز ئەمەس» نى ئىشلىگەن.

نەپىس ھەرىكەت ۋە فانتازىيە ئېلمىنىتلىرى بىلەن ئورالغان بۇ فىلىم ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت ۋە كائىناتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپەككۇرغا باشلايدۇ، ئادەمدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەت ۋە پېشانىسىدىكى تەقدىرى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ.

فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا سىكارلېت رولىنى ئالغان لۇسىنى ئوغۇل دوستى ئالداپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ كاتتىبېشىغا ئەكىلىپ بېرىدۇ، بۇ يەردە لۇك بېسسون ئۇستىلىق بىلەن ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولىدۇ دېگەن قائىدىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. قارىماققا شۇنداق مەدەنىيەتلىك كۆرۈنىدىغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە ئىپتىدائىي زاماندىكى ئادەملەر بىلەن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئۇسۇل فىلىمنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ رول ئوينىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي كېسەللىكلىرىنى تارتىپ چىققان.

زەھەر ئۇنىڭ بەدىنىدە تارالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدار پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ. بىردەمدىلا ئۇنىڭ مېڭە تەرەققىياتى 10 پىرسەنتتىن 99 پىرسەنتكە بارىدۇ، خۇددى ئىلاھ كەبى ھەممىگە قادىر بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئىنساندىكى ئاجىزلىق ۋە ئازابنى ھېس قىلالايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ مېڭىسى ئېچىلىپ 100 پىرسەنتكە يەتكەندە ئۇ زاماندىن ھالقىپ، كائىنات بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەخپىيىتىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنى ئېلىكتىر دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇلدىمۇ ياكى ئۆزى خالاپ ئېلىكتىر دولقۇنى بولۇپ كەتتىمۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن ئومۇمەن ئۇ بىردىنبىر ئەمما ھەممىلا يەردە مەۋجۇت، قارىسا يوقتەك ئەمما ھەممىلا جايدا بولغان بىر ئۇقۇمغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ
  • چولپانلاردىن چىرايلىق ۋاستىچىلار
  • 2018-يىل يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل 13 كۆرۈنۈش
  • 2018-يىلى «ئېكران زومىگىرى»گە ئايلىنىدىغان گۈزەل چولپانلار
  • كىنو-تىياتىرلاردا ھازىرغىچە بايقالغان 40 يوچۇق (1)
  • ياڭ مى، تاڭ يەن، baby لاردىنمۇ گۈزەل چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
  • ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئۈچۈن قىسىمدا 18 ئاي مەشىق قىلغان
  • 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپي مودېل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بوللىۋود چولپانلىرى ئانۇشكا ۋە ۋىراتنىڭ بومبايدىكى كاتتا توي چېيىغا قاتناشتى
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى
  • ياپونىيەدىكى 20 ياشلىق ئارغۇن قىز «ئالەمدىكى 1-ئوماق» دەپ تەرىپلەندى
  • دىلرابا يېڭى كىنوسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى
  • «ئىپارخان»نىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرغىچە توي قىلمىدى
  • شياڭگاڭدىكى 6 نەپەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس
  • ئىۋانكانىڭ ھارغىن كۆزلىرى گۈزەللىكىگە يەنىمۇ «ھۆسن» قوشتى
  • 2018-يىلى بوللىۋودقا كىرىدىغان يېڭى ئارتىسلار
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارا گۇرۇھ ئەۋلادلىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «لۇسى» فىلىمى قانچىلىك قالتىس؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دونالد تىرامپنىڭ «ئۆسەك سۆز لايىقى»مۇ بوش ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود يېڭى ئارتىسى ئەۋېلىن شارما ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق 16 ياشلىق قىزنىڭ چىرايى دىلرابا بىلەن Angelababy غا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەنە مازغاپ تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىلى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا ئەڭ كۆپ چىققان كورېيەلىك ساھىبجامال--ئىم يۈنئا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» ئۆزىنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى بىز توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بوللىۋود ئاشىق - مەشۇقلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ساھىبجامال ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دىسنېي مەلىكىسىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015