مالايسىيا 2018-يىللىق يەر شارى خانقىزى تاللاپ چىقىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 13:23:12

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :

يېقىندا 2018-يىللىق مالايسىيا يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقان بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ مودىل مېڭىش، نومۇر ئورۇنداش، نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا مالايسىيا پېناڭ (Penang) شەھىرىدىن كەلگەن 20 ياشلىق جەين تېئو (Jane Teoh) بۇ قېتىمقى مالايسىيا يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

يۇقارقى سۈرەتتىكىسى بولسا بۇ قېتىمقى مالايسىيا يەر شارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى 18 كۈچلۈك ماھىر بولۇپ، تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدەن فىگۇرىسى كېلىشكەن ساھىبجامال قىزلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۆت كۈچلۈك ماھىرنىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرلاردىن توققۇزىنچى نومۇرلۇق ماھىر جەين تېئو (Jane Teoh)، تۆتىنچى نومۇرلۇق ماھىر ئەلىكىس سۇئان سېئوۋ سۇيىن (Alexis SueAnn Seow Su-Yin)،  ئون ئىككىنچى نومۇرلۇق ماھىر لىلىيانا فېرناندېز (Liliana Fernandez) ۋە 14-نومۇرلۇق ماھىر جاسېبېل شالانى روبېرت (Jasebel Shalani Robert).

مالايسىيالىق تورداشلار ماھىرلارغا بەس-بەستە باھا بېرىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن 4 كۈچلۈك ماھىرنىڭ پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، 9-نومۇرلۇق ماھىر جەين تېئودىن باشقا ئۈچ نەپەر كۈچلۈك ماھىرنىڭ مۇسابىقە بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەكلا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بەزى كىشىلەر مۇنداق دېيىشكەن:«بۇلارنى ھەتتا قارىغۇلارمۇ تاللىيالايدۇ، 9-نومۇرلۇق ماھىردىن باشقا 3 ماھىرنى ئۇنچە چىرايلىق دېگىلى بولمايدۇ!»

 

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن جەين تېئونىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر سودا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنت ئىكەن.

جەين دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا قوشۇمچە مودىللىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ توردىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

جەين تېئو ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

جەين بۇ يىل مالايسىياغا ۋاكالىتەن دۇنيا خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مودىللىق ھاياتىمۇ بۇ يىلدىن باشلانغۇسى.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ
  • چولپانلاردىن چىرايلىق ۋاستىچىلار
  • 2018-يىل يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل 13 كۆرۈنۈش
  • 2018-يىلى «ئېكران زومىگىرى»گە ئايلىنىدىغان گۈزەل چولپانلار
  • كىنو-تىياتىرلاردا ھازىرغىچە بايقالغان 40 يوچۇق (1)
  • ياڭ مى، تاڭ يەن، baby لاردىنمۇ گۈزەل چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
  • ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئۈچۈن قىسىمدا 18 ئاي مەشىق قىلغان
  • 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپي مودېل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بوللىۋود چولپانلىرى ئانۇشكا ۋە ۋىراتنىڭ بومبايدىكى كاتتا توي چېيىغا قاتناشتى
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى
  • ياپونىيەدىكى 20 ياشلىق ئارغۇن قىز «ئالەمدىكى 1-ئوماق» دەپ تەرىپلەندى
  • دىلرابا يېڭى كىنوسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى
  • «ئىپارخان»نىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرغىچە توي قىلمىدى
  • شياڭگاڭدىكى 6 نەپەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس
  • ئىۋانكانىڭ ھارغىن كۆزلىرى گۈزەللىكىگە يەنىمۇ «ھۆسن» قوشتى
  • 2018-يىلى بوللىۋودقا كىرىدىغان يېڭى ئارتىسلار
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارا گۇرۇھ ئەۋلادلىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «لۇسى» فىلىمى قانچىلىك قالتىس؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دونالد تىرامپنىڭ «ئۆسەك سۆز لايىقى»مۇ بوش ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود يېڭى ئارتىسى ئەۋېلىن شارما ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق 16 ياشلىق قىزنىڭ چىرايى دىلرابا بىلەن Angelababy غا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەنە مازغاپ تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىلى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا ئەڭ كۆپ چىققان كورېيەلىك ساھىبجامال--ئىم يۈنئا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» ئۆزىنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى بىز توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بوللىۋود ئاشىق - مەشۇقلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ساھىبجامال ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دىسنېي مەلىكىسىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015