«يېۋىن»دىن بۇرۇن بۇ فىلىم جېن زىدەننىڭ ئەڭ ياخشى فىلىمى ھېسابلىناتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 13:32:04

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى،:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جېن زىدەننىڭ كىنو ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى كۈنسايىن ئۆرلىمەكتە. بولۇپمۇ ئۇ ھوللىۋودتا «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش: 1-نومۇرلۇق قاراقچى» ۋە «ئالاھىدە خادىم» دېگەن ئىككى فىلىمدە رول ئېلىپ تېخىمۇ زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى.

ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئۇ لى ليەنجيې، ۋۇ جىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ «گۇمپا» (功守道) فىلىمىدە رول ئالدى، بۇ فىلىمدە جېن زىدەن «يېۋىن» ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم ياراتتى.

جېن زىدەننىڭ تەسىر كۈچى قاچاندىن باشلاپ ھازىرقىدەك بولدى دېسەك، ئەمەلىيەتتە «يېۋىن» دىن باشلانغان. جېن زىدەن بىلەن يې ۋېيشىن خېلى كۆپ فىلىملەردە ھەمكارلاشقان، «杀破狼»، ئۇندىن كېيىنكى «يېۋىن» يۈرۈشلۈكى، بۇلار ئىنتايىن قالتىس فىلىملەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ «يېۋىن»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، جېن زىدەننى «رول ئالالمايدۇ» دەپ قارايدىغان ئادەملەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. ئۇ بۇ كىنوسى بىلەن «ئالتۇن ھەيكەل ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

لېكىن، جېن زىدەن بىلەن يې ۋېيشىننىڭ يەنە بىر مۇھىم بولغان كىنوسى بار، دوۋ بەن تورىدىكى باھا نومۇرى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. لېكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ فىلىم كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن فىلىم، ئۇ بولسىمۇ جېن زىدەن، شيې تىڭفېڭ ۋە يۈ ۋېنلې باش رول ئالغان «لوڭخۇ سارىيى» (龙虎门)، بۇ بىر ھەجۋىي رەسىمدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم.

كۆپلىگەن ئادەملەر بۇ فىلىمنى «ياخشى ئەمەسكەن» دەپ قارىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇ فىلىمنىڭ تارتىلىش ئۇسلۇبىنى چۈشەنمىگەن. ھەجۋىي رەسىمدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىملەر ئادەتتە مۇشۇنداق شەكىلدە بولىدۇ، لېكىن شياڭگاڭ فىلىمىنى ۋە ھەجۋىي رەسىمىنى چۈشەنمىگەن ئادەمنىڭ، بۇ فىلىمنىڭ ئۇسلۇبىنى چۈشۈنىشى تېخىمۇ تەس.

مەسىلەن، جېن زىدەننىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇشقان كۆرۈنۈشلىرىنى تەتۈر يورۇقلۇقتا تارتقان بولۇپ، رېئاللىقتا كۆرۈنگەن ھەجۋىي رەسىمدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

يەنە، فىلىمدىكى جېن زىدەننىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇشقان كۆرۈنۈشلىرىنى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. بۇلار ئۇ فىلىمنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بولۇپ، ئەگەر سىز مەزمۇنىغىلا قىززىققان بولسىڭىز، بۇ ناھايىتى ناچار فىلىم ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، «لوڭخۇ سارىيى»نىڭ مەزمۇنىنىلا كۆرۈشكە بولمايدۇ.

جېن زىدەننىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇشقان كۆرۈنۈشلىرى، يەنە كېلىپ قوشۇلغان ئالاھىدە ئۈنۈملىرى بۇ فىلىمنى رەڭدار قىلىۋەتكەن. بىلمىدىم سىز بۇ كىنونى ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمىكىن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ جېن زىدەننىڭ كىنو تارىخىدىكى كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىپ قېلىنغان فىلىمى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • چولپان ئەر-ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ
  • چولپانلاردىن چىرايلىق ۋاستىچىلار
  • 2018-يىل يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل 13 كۆرۈنۈش
  • 2018-يىلى «ئېكران زومىگىرى»گە ئايلىنىدىغان گۈزەل چولپانلار
  • كىنو-تىياتىرلاردا ھازىرغىچە بايقالغان 40 يوچۇق (1)
  • ياڭ مى، تاڭ يەن، baby لاردىنمۇ گۈزەل چولپاننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
  • ۋۇ جىڭ «جەڭ بۆرىسى 2» ئۈچۈن قىسىمدا 18 ئاي مەشىق قىلغان
  • 17-نۆۋەتلىك جۇڭگو كەسپي مودېل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بوللىۋود چولپانلىرى ئانۇشكا ۋە ۋىراتنىڭ بومبايدىكى كاتتا توي چېيىغا قاتناشتى
  • جاڭ خەننىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى ئاشكارىلاندى
  • ياپونىيەدىكى 20 ياشلىق ئارغۇن قىز «ئالەمدىكى 1-ئوماق» دەپ تەرىپلەندى
  • دىلرابا يېڭى كىنوسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
  • بوللىۋود ئارتىسى ئامرىتا راۋنىڭ بىر يۈرۈش ژۇرنال سۈرەتلىرى
  • «ئىپارخان»نىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرغىچە توي قىلمىدى
  • شياڭگاڭدىكى 6 نەپەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس
  • ئىۋانكانىڭ ھارغىن كۆزلىرى گۈزەللىكىگە يەنىمۇ «ھۆسن» قوشتى
  • 2018-يىلى بوللىۋودقا كىرىدىغان يېڭى ئارتىسلار
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى قارا گۇرۇھ ئەۋلادلىرى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • «لۇسى» فىلىمى قانچىلىك قالتىس؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دونالد تىرامپنىڭ «ئۆسەك سۆز لايىقى»مۇ بوش ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود يېڭى ئارتىسى ئەۋېلىن شارما ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مالايسىيالىق 16 ياشلىق قىزنىڭ چىرايى دىلرابا بىلەن Angelababy غا ئوخشىتىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەنە مازغاپ تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2017-يىلى ژۇرنال مۇقاۋىسىغا ئەڭ كۆپ چىققان كورېيەلىك ساھىبجامال--ئىم يۈنئا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «ھۆسن تۈزەش تەلۋىسى» ئۆزىنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىلى بىز توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بوللىۋود ئاشىق - مەشۇقلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق ساھىبجامال ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى دىسنېي مەلىكىسىنى نامايەن قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015