«سۆھبەت ئەمەلدارى»دىكى ياڭ مى مۇھەببەت ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-13 18:54:43

《谈判官》杨幂曝爱情观金句

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى:

ياڭ مى، خۇاڭ زىتاۋ باش رول ئالغان شەھەر كەسپ مەيدانى تەسۋىرلەنگەن مۇھەببەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سۆھبەت ئەمەلدارى» (谈判官) ھازىر خۇنەن تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئالتۇن بۈركۈت تاجىدارىدا قىزغىن قويۇلىۋاتىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ھېسسىيات تەرەققىياتى، تۈرلۈك ئوقۇشماسلىقلار كۆرۈرمەنلەرنى ھەرخىل ھېس-تۇيغۇلارغا باشلىسا، ئارتىسلارنىڭ كىيىنىش ئۇسلۇبىمۇ كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئارىسىدا، ياڭ مى رول ئالغان توڭ ۋېينىڭ يېڭى زاماندىكى مۇستەقىل قىز ئوبرازىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بەس-بەستە: «ياڭ مى ئىنتايىن قالتىس، ئاكىتپ ئېنرگىيەلىك توڭ ۋېي ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، بىزگە كەسىپ مەيدانىنىڭ ياشاش قائىدىسىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن ئەڭ مۇھىمى، مۇھەببەتتە مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە غوجا بولۇشنى ئۆگەتتى»، دېيىشتى.

《谈判官》杨幂曝爱情观金句

يېقىندا قويۇلغان بىر قانچە قىسىمدا، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەزەلدىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەرتىپلىك ياشاپ كېلىۋاتقان توڭ ۋېي ئىختىيارسىزلا شي شياۋفېينىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تۇرمۇش تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئەسىلىدىنلا بىر-بىرىگە باغلانمايدىغان ئىككەيلەن، قارشى تەرەپنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خاسلىققا مەپتۇن بولۇشۇپ، ئاجايىپ، ئۆزگىچە مۇھەببەت سەپىرىنى باشلايدۇ. باشقا ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئىككەيلەن تاشقى دۇنيا سەۋەبلىك روھىي دۇنياسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھەرخىل مۇھەببىتىنى ئۆزگەرتمەستىن، ئەكسىچە، بىر-بىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى، مۇھەببەت كۈچى قاتارلىقلارنىڭ تەڭلىشىپ قېلىشى بىلەن ۋەقەلىكنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرىدۇ. بەلكىم تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرىۋاتقان دوستلىرىمىز تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن ئوغۇل دوستى شيې شياۋفېينىڭ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن توڭ ۋېي ئۇنىڭ يۈزىدىن-يۈزىگە: «ئەگەر مېنى تۇتۇپ قالماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرسىڭىز توغرا بولىدۇ»، دېگەنلىكىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. توڭ ۋېي بۇنداق دېيىش ئارقىلىق شيې شياۋفېينىڭ ئۆزى ۋە خىزمىتىنى شۇنداقلا مۇھەببەت پوزىتسىيەسىنى قايتىدىن تونۇشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

《谈判官》杨幂曝爱情观金句

پەقەت بۇلا ئەمەس، يېقىن دوستى شيا شەنشەن مۇھەببەتنى دەپ كەسپىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، توڭ ۋېي سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ: «مۇھەببەت ئەسىلىدىنلا باراۋەر بولۇشى كېرەك»، دەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چىن تيەنيۈنىڭ ۋاز كەچمەستىن توختىماي قوغلىشىشىغا قارىتا، ئەزەلدىن گەپنى كېسىپ دەيدىغان توڭ ۋېي بىر ئېغىز سۆزىدە: «سىلەر ھەممىڭلار تىيەنيۈ بىلەن ئىككىمىزنى شۇنچىلىك ماسلىشىسىلەر دېسەڭلارمۇ، بىراق مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرسام، ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن قانداقسىغىمۇ بىرگە ئۆتەلىگۈدەكمەن؟»، دەيدۇ. مۇھەببەتكە قارىتا، توڭ ۋېي ئىزچىل مەجبۇرلىماسلىق، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك پوزىتسىيەدە بولۇپ: «مېنىڭچە، مۇھەببەت كۈندە يەيدىغان ئۈچ ۋاق تامىقىمىز ئەمەس، چوقۇم يېمىسەك بولمايدىغان، ھامىنى ماس كېلىدىغىنى ئۇچرايدۇ»، دەيدۇ.

《谈判官》杨幂曝爱情观金句

«سۆھبەت ئەمەلدارى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قارىماققا قىزىقارلىق، يۇمۇرسىتىكتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن تورداشلار: «مۇھەببەتنى دەپ ئالاقە چەمبىرىكىدىن ۋاز كەچمەسلىك»، «توڭ ۋېي راستتىنلا ئاخسا قىزكەن، قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىش قىلىشنى ئوبدان بىلىدىغان، پىرىنسپىچان قىز ئىكەن»، دېيىشىپ، ياڭ مىنىڭ بۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغانلىقىغا قايىل بولۇشتى.

«سۆھبەت ئەمەلدارى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىزغىن قويىلىۋاتىدۇ، ياڭ مى رول ئالغان توڭ ۋېي يەنە قانداق ئىشلارغا يولۇقۇپ، كىشىلىك ھاياتىدا يەنە قانداق تاللاشلارنى ئېلىپ بارىدىغاندۇ؟ قېنى دىققىتىڭلار داۋاملىق مۇشۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بولسۇن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • «تىتانىك» كۆپ تۈردە «ئەڭ» نى ياراتتى
  • گۈلنەزەر ۋە دىلرابالار مىلان مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە قاتنىشىدۇ
  • ئاشۋارىيا راي باچچاننىڭ ئەڭ يېڭى مودا سۈرەتلىرى
  • گۈزەل چولپانلار ئۆزىدىنمۇ گۈزەل مەستانىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندە...
  • ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە كىيىم ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى
  • ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ قىزى بىر مۇنچە ئادەملەر ئارىسىدا چۆچۈپ كەتتى
  • بۇ «دىلرابا»لار ئىچىدىن ھەقىقىي دىلرابانى تاپالامسىز؟
  • جوۋ شىڭچىنىڭ ئەڭ ئۇزاق ھەمكارلاشقان ھەمكارلاشقۇچىسى كىم؟
  • ھالقىنى مۇۋاپىق تاقاش بىلەنمۇ يۈزىڭىزدىكى نۇقساننى ياپالايسىز
  • بۇ بەش چوڭ «سەنەم» كىنوسىنىڭ قايسىسىنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟
  • توردا باشقىلارنىڭ يالغان سۈرىتىگە ئىشىنىپ ئالدانغان ئايال ئاخىرى چىن سۆيگۈگە ئېرىشتى
  • ھىندىستان دۆلەت گۆھىرى ئامىر خاننىڭ گۆھەردەك قىزى
  • دىلرابا ياراتقان 9 ئوبراز: ھاكاۋۇر، زومىگەر، دۆت، ساددا، ئوماق...
  • «يولۋاس ھەرىكىتى 2»نىڭ بېلەت كىرىمى 5 مىليارد رۇپىيەدىن ئاشتى
  • ئۆتكەن ئون يىلدىكى فىلىمفەر قىزىل پاياندازىدىكى ئەڭ گۈزەل بوللىۋود ئايال چولپانلىرى
  • ئەڭ يىڭى تور تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت›› تارقىتلماقچى
  • ئۆزى جىم يۈرىدىغان ئەمما رولدىن ئوت چىقىرىدىغان كىنو شاھى-لياۋ فەن
  • ئەگەر ئوغۇل دوستى ئۆلۈپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ چېڭلوڭنى ياخشى كۆرمىگەن بولاتتى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

  • «مەلىكە خۇەنجۇ»دىكى چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەرنى بايقىدىڭىزمۇ؟

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • دىلرابا قاتارلىق چولپانلارنىڭ كەسپى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • سالمان خان كەترىنا كەيىفنىڭ سىڭلىسى ئىسابېللې كەيىفنى بىر قوللۇق يېتەكلىمەكچى بولدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • بۇ مەغلۇپ ئارتىس شاھرۇھ خاننىڭ چولپان بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • دىلرابا باش رول ئالغان قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • رانى ئۈچ خان توغرۇلۇق پىكرىنى بايان قىلدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • كىلاسسىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ» ھەققىدە يېڭى پاراڭلار

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • قايسى بوللىۋود ئايال چولپىنى بەكرەك كىيىم ياراشتۇرۇپ كىيەلەيدۇ؟

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر دىلرابانىڭ تېرىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • ياڭ مىنىڭ مەيدىسىنى توسۇۋالىدىغان ھەرىكىتى تورداشلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىۋەتتى

    ئاۋات خەۋەرلەر
  • مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • كورېيەلىك 41 ياشلىق ئايال چولپان جۇڭگولۇق 23 ياشلىق تور چولپىنى بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياڭ مى بىر ئاي سەرپ قىلىپ «قەرز» قايتۇرماقچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا قاتارلىق چولپانلارنىڭ كەسپى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قايسى بوللىۋود ئايال چولپىنى بەكرەك كىيىم ياراشتۇرۇپ كىيەلەيدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 18 ياشلىق مودېل قىز قىپيالىڭاچ ھالەتتە بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ مەغلۇپ ئارتىس شاھرۇھ خاننىڭ چولپان بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپىنى دپېىكا پادۇكون ۋە رانۋېر سىڭ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە توي قىلىشى مۇمكىن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىلاسسىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ» ھەققىدە يېڭى پاراڭلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا ساھەسىدىكى يەتتە قېرىماس چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015