پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر مېتىر چىقىدىغان شىۋېتسىيەلىك مودېل

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-16 11:54:12

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېتسىيەدىكى بىر ئايال مودېل ئاجايىپ ئۇزۇن پاچىقىغا تايىنىپ ئالاقە تورىدا 150 مىڭ مەستانىگە ئېرىشكەن، بىراق ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بەدەن شەكلى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان.

34 ياشلىق ئىئا ئوستېرگىرېن ھازىر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.80 مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز پاچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا بىر مېتىردەك كېلىدۇ. (بۇ ئايالنى سېپى ئۆزىدىن «شادى پاچاق» دېيشىكە بولىدىغۇ دەيمەن). ئۇ ئالاقە تورىدا مەخسۇس بەت ئاچقاندىن كېيىن، دائىم دېگۈدەك گۈزەل سۈرەتلىرىنى يوللاپ، يالغۇز شۇ پاچىقى بىلەنلا 143 مىڭ مەستانىنى جەلپ قىلدى، ھازىر ئۇنىڭ ھەربىر سۈرىتىلا مىڭلىغان مەدھىيەلەرگە ئېرىشىدۇ. يالغۇز بۇ سۈرەتتىنلا ئۇنىڭ پاچىقىنىڭ يېنىدىكى ئەرنىڭ بېلىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا، ئوستېرگىرېن ئەزەلدىن ھازىرقىغا ئوخشاش، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ياكى بولمىسا ئۇزۇن پاچىقىدىن پەخىرىلىنىدىغان ئايال ئەمەس. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، غەلىتە بەدەن شەكلى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەن ئۇ دائىم ئۆزىنى «سەت ئۆردەك چۈجىسى»گە ئوخشاتقان ئىدى.

ئوستېرگىرېن 2013-يىلىدىن باشلاپ، بەدەن شەكلىنى ياقتۇرۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. ھازىر ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئورۇق، زىلۋا بولۇپلا قالماستىن يەنە كېلىپ ئىنتايىن ساغلام ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان سانىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىش پىلانىغا پايدىلىق.

ھازىر ئۇنىڭمۇ بەختلىك ئائىلىسى بار. ئۇ ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى Torbjorn Ostergren بىلەن توردا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويۇپ، ئىككى ئوماق بالىسىنى ئاپىرىدە قىلدى.

ئوستېرگىرېننىڭ ئاجايىپ بەدەن شەكلى رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئالقشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالاقە تورىغا: «ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت بىرلا قېتىم بولىدۇ، بۇنى قانداق ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئالغا ئىنتىلىڭ، بۇ ھاياتىڭىز بولغانىكەن، ئۇنىڭدىن ھوزرۇلىنىڭ»، دەپ يازدى.

تورداشلار ئۇنىڭ بۇ سۈرەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە ماختىشىپ: «رۇسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىنتايىن زور ئالقىشقا ئېرىشتىڭىز، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۇزۇن پاچىقىڭىزنى ياقتۇرىدۇ»، «سۈرەتلىرىڭىزنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ، ھەممىمىز سىزنى ياخشى كۆرىمىز»، دېيشىتى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015