«جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرەققىيات تارىخىي شەخسلىرى» قاتارىغا 66 ئايال ئارتىس كىردى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-18 23:48:19

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى،

جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇ يەردە بەك چوڭقۇر گەپلەرنى قىلالمايمىز. يېقىندا جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى گۇرۇپپىسى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان.

«جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرەققىيات تارىخىي شەخىسلەر توپلىمى» غا كىرگەن ئايال ئارتىسلار قاتارىدا جەمئىي 66 ئادەم بار بولۇپ، ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئارتىسلار، بۇ يەردە بىز ھەممىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت تورداشلارنى سەل ھەيران قالدۇرغان بىر قانچەيلەننىڭ گېپىنى قىلىپ ئۆتىمىز.

رەسىمدىكى رەت-تەرتىپنىڭ بېشىغا تىزىلغانلار ئىچىدە دىققىتىمىزنى تارتقىنى ما سۇ بولدى. بۇ ئارتىس كۆپ ئادەمگە تونۇشلۇق، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئالغان رولىمۇ ياخشى چىققان، رول ئېلىش ماھارىتى ياخشى. لېكىن سەل بۇرۇن چىققان لى شياۋلۇ ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالدى. بۇ قاتارغا كىرەلىگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ يېشى نىسبەتەن كىچىك ھېسابلىنىدۇ.

يەنە قاراپ باقساق، دىققەتنى تارتقىنى ليۇ تاۋ، ئۇمۇ بۇ قاتارغا كىرگەن نىسبەتەن ياش ئارتىسلارنىڭ بىرى. پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى تەبئىيلا كۆپ، ليۇ تاۋنىڭمۇ شۇلار قاتارىدا بولۇشىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە گەپ كەتمەيدۇ، مۇنەۋۋەر ئارتىس دېيىشكە بولىدۇ.

يەن نى «ۋۇلىننىڭ غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھالى» دىن باشلاپ، ئۇ نۇرغۇن تىياتىرلاردا رول ئالدى. ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى راستتىنلا قالتىس. ئۇ بۇرۇن ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال رولچى مۇكاپاتىنى ئالغان. ئەمما بۇ قاتارغا كىرەلىگەنلىك چوقۇم شەرەپ بولۇشى، بۇ قاتارغا كىرەلمىگەنلەرنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يوق بولۇشى ناتايىن.

جياڭ شەنمۇ مەن ئامراق ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئەگەر جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 10 ئايال ئارتىس كىملەر دېيىلسە جياڭ شەنمۇ شۇ قاتارغا كىرىدۇ. مەيلى ئوبراز يارىتىشتا بولسۇن ياكى ۋەقەلىككە ئىچكىرلەشتە بولسۇن جياڭ شەن بەك مۇنەۋۋەر، يەنە كېلىپ ئۇ ناخشىنىمۇ بەك ياخشى ئېيتىدۇ.

سۈن لىگىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. ئۇ دۆلتىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى بىر-بىرىدىن قالتىس چىققان. رول ئېلىش ماھارىتى ياكى ئائىلىسى جەھەتتىن بولسۇن ھەممە جەھەتتىن ئۈلگىلىك ئايال.

ياڭ مىنىڭ بۇ قاتارغا كىرىشىمۇ ئويلىمىغان ئىش بولدى. لېكىن ھازىرقى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ياڭ مى ھەقىقەتەنمۇ بىرىنچى نومۇرلۇق شەخىس بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۆزى شىركەت قۇرغاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك نېمە ئۇدۇل كەلسە شۇنىڭ رولىغا چىقماي ناھايىتى چېكىپ-تاللاپ رول ئالىدىغان بولدى.

جوۋ شۈنمۇ ناھايىتى ئالقىشلىق چولپان. ئۇ قانداقلا رول ئالسا شۇ رولغا ئوخشايدۇ. «قىزىل قوناقلىقتا» دا 40 ياشتا كىچىك بىر قىزچاقنىڭ رولىنى چاندۇرماي ئالالىغان. ئۇنىڭ ئالغان روللىرىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بار.

ئۇنىڭدىن باشقا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى خەي چىڭ. ئۇمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قالتىس ئارتىسلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئۇ يېقىندا چىققان «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» دىكى ئىپادىسى بىلەن سانسىز مەستانىگە ئىگە بولغان. يەنە بۇ قاتاردىكى جاۋ ۋېي، مېي تىڭلارمۇ ناھايىتى قالتىس ئارتىسلار.

كىشىنى يەنە بىر ھەيران قالدۇرغىنى جاۋ لىيىڭنى بۇ قاتارغا كىرىشى. ئۇ بۇ قاتاردىكى ئارتىسلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ بۇ يىللاردا بەك يامان بولۇپ كەتتى، نادىر تىياتىرلارنى كەينى-كەينىدىن ئىشلىدى، ئالقىشلىق دەرىجىسىمۇ بارغانچە ئاشتى. ئۇمۇ بۇ قاتارغا كىرىشكە سالاھىيەتلىك سانىلىدۇ.

يۇقارقى تىزىملىكتىكىلەر ئىچىدە قايسى ئارتىسنى ئەڭ ياقتۇرىسىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015