دىلرابا: ھەممىگە تەڭ يانىدىغان كوچا چىرىغى بىلەن خوشۇم يوق

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-03-19 13:35:17

سىنا تورى 19-مارت خەۋىرى،:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىلرابا ئالدىنقى كۈنلەردە كۆڭلىدىكىدەك ھەمراھى توغرىسىدىكى ئوي-خىيالىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ: «مەن پەقەت مېنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن. ئەلۋەتتە، مەن خاتالىق ئۆتكۈزسەم ئۇ مېنى كەچۈرۋەتسە، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇمۇ ۋاقتىدا تەربىيە ئىشلىسە»، دېگەن. دىلرابانىڭ قارىشىچە، يەنە بىر ھەمراھىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، چوقۇم ۋاپادار، ئالغا ئىنتىلىشچان يەنە ئاقكۆڭۈل بولۇشى كېرەك. ئۇ يەنە مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن دەيمەن. ھەرگىزمۇ ئېنىقسىز بىر ۋاقىتلاردىلا ئاشكارىلىمايمەن. بولمىسا، بۈگۈن مۇھەببەتلىشىپ، ئەتىسىلا ئايرىلىپ كەتسەمچۇ؟»، دېگەن.

دىلرابانىڭ ياقتۇرىدىغان تىپتىكى يىگىتلەر بولسا، «زاماندىن ھالقىغان رىشتە» (三生三世十里桃花) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى «دۇڭخۇا دىجۈن» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باتۇرلۇق بىلەن مۇھەببىتىنى قوغلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، بىراق مۇھەببەتلەشكەندە پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغان بەي فېڭجيۇنىڭ رولىنى ئالغان. دىلرابامۇ ئۇنىڭ بىرلا قەلبكە ئاشىق بولىدىغان تەرىپىگە ئىنتايىن قايىل بولغاچقا، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قىز بالىنىڭ ئوغۇل بالىنى قوغلىشىدىغاندەك كۆرۈنۈشلەرگە قارىتا بۆلەكچىلا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلرابا رول ئالغان «بەي فېڭجيۇ» شوخ، ئوماق بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى «بەي فېڭجيۇ»، غەم-ئەندىشسىز كىچىك تۈلكىچاق، يول ماڭغاندا تاساددىپىي دەرەخكە ئۈسسىۋالىدىغان، تاشقا پۇتلىشىپ كېتىدىغان بىرسى بولۇپ، ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرپ: «ئۇ زېرەك، ئەقىللىق، بەزىدە يەنە ھاڭۋاقتىلىقمۇ قىلىپ قويىدۇ، بەزى ئوماق تەرەپلىرى راستىنلا ماڭا ئوخشاپ قالىدۇ»، دېگەن.

دىلرابا يەنە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئاشكارىلاپ، مۇشۇ جەرياندا تاماق ئېتىشنى يەنە ئاسما سىمنىمۇ ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى چۈنكى بۇنىڭغا ئېسىلىپ تۇرسا، بەئەينى ئۇچار ماشىنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا: «بىر قېتىم ئويناپلا قانمىدىم، يەنە بىر قانچە قېتىم ئوينىغۇم كەلدى»، دېگەن.

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015