مالايكا شېراۋات بوللىۋودقا كىرىشتىن بۇرۇن كاران سىڭ جىل بىلەن توي قىلغان. لېكىن مالايكا ئارتىس بولۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نىكھاى بىر يىلمۇ داۋاملاشمىغان
دىۋيا بارتى 18 ياش ۋە ئەمدىلا داڭلىق چولپانغا ئايلانغان ۋاقىتتا ساجىد نادىيادۋالا بىلەن توي قىلغان. لېكىن دىۋيانىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھى بىر يىلمۇ داۋاملاشماي ئاياغلاشقان.
مانىشا كويرالا 2010-يىلى نېپاللىق سودىگەر سامرات داھال بىلەن توي قىلغان، لېكىن بۇلار توي قىلغاندىن كېيىن مىجەزى كېلىشمەي بىرنەچچە ئاي ئۆتە ئۆتمەي ئايرىلىپ تۇرغان ۋە ئاجرىشپ كەتكەن.
پۇلكىت سامرات 2014-يىلى ئۇزۇن يىللىق قىز دوستى شۋېتا روھىرا بىلەن توي قىلغان. لېكىن ئۇلار توي قىلىپ 11ئاي بولغاندا ئاجرىشىپ كەتكەن.
رېيكا 1990-يىلى سودىگەر مۇكەش ئاگاراۋال بىلەن توي قىلغان. ئۇلار توي قىلىپ بىر يىل بولار بولماي مۇكەش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !