فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-16 11:12:13

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

يېقىندا فەن بىڭبىڭ مەلۇم ئەپ دېتالىدا تېرە ئاسىراشتىكى تەسىراتىنى سۆزلەپلا قالماستىن، يەنە تېخى خۇسۇسىي ماركىسىنى تەسىس قىلدى. شۇ كۈنى، ئۇنىڭ ئۆز ماركىسى ئۈچۈن تەشۋىق قىلغاندىكى ئەينەن سۈرەتلىرى كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

داڭلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ماركىسىدىكى نۇقسانلارنى تېز سۈرئەتتە چۈشىنىش ئۈچۈن، فەن بىڭبىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى كۆپلىگەن سەنئەتكارلارغا سوۋغات بۇيۇمى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى. يېقىندا گۈلنەزەرمۇ فەن بىڭبىڭنىڭ سوۋغىتىنى  تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خۇشال بولغىنىدىن: «سەنەم، چوقۇم قوللىشىمىز كېرەك»، دەپ يازدى.

سوۋغات بويۇمىدا بىر تال لەۋسۇرۇخ ۋە ھۆسن تۈزەش ئەسۋابى بولۇپ، يەنە تېخى ئىنچىكلىك بىلەن كىچىك كارتىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى يېزىپ قويغانىدى.

كارتىغا: «گۈلنەزەر، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، سىزنى سۆيىمەن، كۆپرەك پىكىر بېرىپ تۇرۇڭ جۇمۇ»، دېگىنىچە، خېلىلا يېقىنلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە فەن بىڭبىڭ سەنئەت ئىمزاسىنى قويغانىدى.

تورداشلار بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن فەن بىڭبىڭ بىلەن گۈلنەزەرنىڭ قانداقلارچە قىلىپ باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن فەن بىڭبىڭنىڭ خېتىنىڭ بۇنچىلىك رەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىنكاس رايونىدا تورداشلار فەن بىڭبىڭنىڭ خېتنى ئۆزىگە ئوخشاشلا چىرايلىقكەن دەپ ماختىشىپ، بەس-بەستە، گۈلنەزەرگىمۇ خەت يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندى. بىراق بەزى تورداشلار خەت يېزىشنى ئۆگەتكەندىن كۆرە يەنىلا ئىشەنچىلىك لايىق تونۇشتۇرۇپ قويغىنى ئەۋزەل دېيىشتى.

 

نېمىلا دېگەنبىلەن، مەستانىلەرنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئېيتقاندا، گۈلنەزەرنىڭ خېتى راستىنلا ئاجايىپ، يەنە كېلىپ، بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قەلەم تۇتقاندىكى ھالىتى سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان. بىراق بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

گۈلنەزەر بۇلتۇر روژدېستۋو بايرىمىدا جاڭ خەن بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى جاكارىلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى سۈرەتكە تارتىۋېلىندى. فەن بىڭبىڭ بولسا لى چېندىن ئىبارەت كۆيۈمچان ئوغۇل دوستىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ۋە قوللىشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىۋاتقانىدى.

بىلمىدۇق، گۈلنەزەر بىلەن فەن بىڭبىڭنىڭ دوستلۇقى قاچاندىن باشلاندىكىن؟

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015