جاۋ ۋېي نېمە ئۈچۈن 13 يىل كۈتكەن خۇاڭ شياۋمىڭغا ياتلىق بولمايدۇ؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-16 19:24:17

جاۋ ۋېي تەقى-تۇرقىنىڭ گۈزەللىكى، بىر جۈپ بۇلاقتەك كۆزىنىڭ ئويناپ تۇرىدىغانلىقى بىلەن «مەلىكە خۇەنجۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا شياۋيەنزىنىڭ رولىنى ھەق-دادىغا يەتكۈزۈۋەتكەن. ھازىر «شياۋيەنزى» دېسە، تونۇمايدىغانلار يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىمۇ تالانتلىق ۋە مۇنەۋۋەر بولغاچقا، قوغلىشىدىغانلارمۇ تەبئىيلا كۆپ.

شۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جاۋ ۋېيمۇ ئۆز بەختىنى تاپتى. 2009-يىلى ئۇ يولدىشى خۇاڭ يوۋلۇڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇپ، تۇرمۇشىنى شادلىققا تولدۇردى. بەلكىم، بۇمۇ خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ بىردىنبىر قايىل بولىدىغان بىر تەرىپى بولسا كېرەك.

جاۋ ۋېي بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ ساۋاقداشلاردىن، بىراق خۇاڭ شياۋمىڭ ئىلگىرى جاۋ ۋېينىڭ ئەگەشكۈچىسىگە ئوخشاش، ئىزچىل ئۈن-تىنسىز جاۋ ۋېيغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، قوغلىشىپ يۈرگەن. بەلكىم جاۋ ۋېيغا ئەڭ ئۇزاق ئاشىق بولغان كىشىدىن پەقەت خۇاڭ شياۋمىڭلا بولسا كېرەك. بىراق، ئەپسۇس، ئۇلار يەنىلا ئاخىرىغىچە ماڭالمىدى. كېيىن جاۋ ۋېي خۇاڭ يوۋلۇڭنى ئۇچرىتىپ، نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

خۇاڭ شياۋمىڭ ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا جاۋ ۋېينى ئۇچراتقاندىلا، تا ھازىرغىچە ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىراق بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جاۋ ۋېي خۇاڭ شياۋمىڭنى پەقەت ئەڭ ياخشى دوستى دەپ قارايدىغان بولۇپ، تاماشا چەمبىرىكىدىكى: «شۇنداق بىر دوستلۇق بار، ئۇ بولسىمۇ خې جيوڭ بىلەن شيې نا» دېگەندەك، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارغا قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە يەنە «شۇنداق بىر ھەمراھ بولۇش ۋە قەدىرلەش بار، ئۇ بولسىمۇ، خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن جاۋ ۋېي» دېگەن سۆزنىڭمۇ بىكارغا تارقالمىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، خۇاڭ شياۋمىڭ جاۋ ۋېيغا ئۈچ قېتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، جاۋ ۋېي باشتىن-ئاخىرى ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ پۇرسەت بەرمىگەن. خۇاڭ شياۋمىڭ بىر قېتىملىق زىيارەتتە: «شۇنچە ئۇزۇن يىللار بولدى، پەقەت ئۇ ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن چوقۇم پەيدا بولىمەن! يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن جاۋ ۋېينى يەنىلا قويۇپ بېرەلمىدىم، نېمىلا دېگەنبىلەن، شۇنچە ئۇزۇن يىل بولغان تۇرسا»، دېگەن.

تاكى جاۋ ۋېي خۇاڭ يوۋلۇڭغا ياتلىق بولۇپ، ئۆز بەختىنى تاپقاندىن كېيىن، خۇاڭ شياۋمىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، Angelababyنى ئۇچرىتىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن، نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بەزى تورداشلار Angelababyنى جاۋ ۋېينىڭ ئورنىنى ئالغان، دېيىشىدۇ.

جاۋ ۋېينىڭ يېقىن دوستى لىن شىنرۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ خۇاڭ شياۋمىڭنى ئىزچىل ئىنىسىنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەتتىن پەقەتلا ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، جاۋ ۋېي بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماس كېلىدىغان كىشىنىڭ يەنىلا پىشقان، قابىل ئەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىزچىل ئۈن-تىنسىز 13 يىل جاۋ ۋېينى كۈتكەن خۇاڭ شياۋمىڭنى بىر مەجنۇن، دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە Angelababyنىڭ ئۇنىڭغا ياتلىق بولالىشىمۇ بىر بەخت.

شۇنداق بىر ئەپسۇسلىنارلىق بار، «سىز ئاخىرى خۇاڭ خانىم بولدىڭىز، بىراق يولدىشىڭىز خۇاڭ شياۋمىڭ ئەمەس». بىزمۇ بۇ يەردە جاۋ ۋېي بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ دوستلۇقىنىڭ ئەبەدىي بولۇشىنى، شياۋيەنزىنىڭ ئىزچىل بەختىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015