ياڭ مىنىڭ ئىئانە قاقتى-سوقتىچىلىق ۋەقەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-17 17:58:57

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

يېقىندا ياڭ مىنىڭ ئىئانە ساختىپەزلىك ۋەقەسى پۈتكۈل مەملىكەتكە پۇر كەتتى، گەرچە ياڭ مى تەرەپ توختىماستىن ئىئانىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرىۋېلىپ، نۆۋەتتە، بۇ ۋەقە تېخىچىلا بىر تەرەپ قىلىنمىدى.

12-ئاپرېل ياڭ مى ئىشخانىسى مىكرو بىلوگىغا ماقالە ئېلان قىلىپ، ياڭ مىنىڭ ئىئانە جەريانى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنىڭ لى مېڭدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ياڭ مى ئىشخانىسى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، «ۋاڭيى تورى» ۋە لى مېڭنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇرز قىلىش قىلمىشنى توختىتىشنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سوراپ، بارلىق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ئىشقا ئالاقىدار لى مېڭمۇ ياڭ مى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 17-ئاپرېل، لى مېڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ياڭ مى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇمۇ ياڭ مىدىن ئوچۇق-ئاشكارا كەچۈرۈم سوراپ، بىر يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى مېڭ جياشىڭ مېدىياسىنىڭ 2018-يىلى 23-مارتتىكى ئۇنىڭغا قارىتىلغان رەسمىي باياناتنامىسىدىكى قىسمەن نامۇۋاپىق سۆز-جۈمىلىلەردىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى.

لى مېڭ يەنە ئۆزىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئىشىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ ئىشنىڭ تولىمۇ بىمەنىلىكىنى، جياشىڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نومۇرى بار تۇرۇقلۇق بىراق ئۇلار يەنىلا ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغان يانفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىش ئاشكارىلغاندىن كېيىن، جياشىڭدىكىلەر بىۋاستە ئۇنىڭ ئۈندىدارى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشقان.

ئىز-دېرەكسىز يوقالغان كىشىلەر تىزىملىكىدىكى ئۇچۇرغا نىسبەتەن، لى مېڭ ئۆزىنىڭ قانۇنسىز نازارەت ئاستىدا مەجبۇرىي ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۇل قەرز ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بۇ ئىككى ھۆججەت ساختا، ئەينى ۋاقىتتا مەجبۇرلانغان شارائىتتا ئىمزا قويغان»، دېگەن.

قارىغاندا، بۇ ئىشقا راستتىنلا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارسا بولغۇدەك.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015