تاڭ يەن گىرىمچىكىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆزتارتىم سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-17 17:59:47

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى،:

16-ئاپرېل كەچ، تاڭ يەن مىكرو بىلوگى ئارقىلىق ئۆز تارتىم سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، گىرىمچىكىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى ھەمدە: «@ چۇن نەن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك، خۇشال بولدىڭىزمۇ؟»، دەپ يازدى. 

سۈرەتتە، تاڭ يەننىڭ كاشتان رەڭلىك ئۇزۇن بۈدۈرە چېچى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇچىسىغا ئاق يوللۇق مايكا كىيىپ، يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىچە تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ كەتكەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى گىرىمچىك ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان بولۇپ، تورتنى كۆتۈرۈپ، كامېراغا قاراپ غەلىتىلا قاقاقلاپ كۈلگەنىدى. قارىغاندا، ئۇلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئوخشايدۇ.

بىردەمدىن كېيىن، گىرىمچىك تاڭ يەن بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ بەخت تىلىگىنىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە: «ئىنتايىن خۇشال بولدۇم... رەھمەت ئەڭ تاتلىق كەمپۈت، قارىغاندا، يۈزى چوڭراق كۆرۈنىدىغان ئىشلارنى مەن قىلسام بولغۇدەك»، دېدى. سۈرەتتە، تاڭ يەن تاتلىق كۈلۈمسىرىگىنىچە، گىرىمچىكنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، ئوماقلىق قىلىق چىقارغانىدى.

تورداشلارمۇ ئۆز تارتىم سۈرىتىنى ئاشكارىلىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان تاڭ يەننىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە ئىنكاس يېزىشىپ: «تۇيۇقسىزلا كەلگەن ئۆز تارتىم سۈرىتى»، «ۋاۋ، نېمىدىگەن گۈزەل»، دېيىشتى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «خىسلەتلىك ئايال پالۋان 2» 2019-يىلى 11-ئايدا قويۇلىدىكەن، تەقەززامۇسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بۇ يىلدىكى بوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ ناچار مودا تاللاشلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ياپونىيەدىكى تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن قىز ماختاشقا ئېرىشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015