نېمىشقا ئايال چولپانلار ئىچىدە فەن بىڭبىڭنىڭ چېچى ئەڭ جىق؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-20 13:51:36

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، 

90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ چاچلىرىمۇ خېلىلا شالاڭلاپ، چاچ چۈشۈش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر ھەممىمىز كېچىسى تۈنەيدىغان، بۇيرۇتما تاماقلا يەيدىغان، ئەخلەت يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغان بولۇپ كەتتۇق. دېمەك يېگەن نەرسىمىزنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق. شۇنىڭ بىلەن چاچ چۈشۈشمۇ ئېغىرلاپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە چولپانلار ئارىسىدىمۇ بۇنداق مەسىلە ئېغىر. ياڭ مىنىڭ چېكە چاچلىرى شالاڭ، خۇ شىنئېر، توڭ لىيا، دوڭ شۈەن قاتارلىق ئايال چولپانلارنىڭ چاچلىرى شالاڭلاۋاتقانلىقى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھازىرقىدەك دەۋردە بىز چېچى قويۇق كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ھەۋەس قىلىمىز.

چوڭ ئېسمۇ چېچىنى بەك ئاسرايدۇ، چېچىنى بوياتمايدۇ، ھەتتا كېسىشكىمۇ قىيمايدۇ. ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاسرايدۇ. لېكىن ھامىلدار بولغاندىن كېيىن كەستۈرۈۋەتمەي بولمىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا چېچىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولغىنى فەن بىڭبىڭدۇر. ئۇنىڭ چېچى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، بۇ ئىككى رەسىمدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ چاچ ئاسراش مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، جەريانىغا يېرىم سائەت كېتىدىكەن، بىزگە نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بىلىنىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «چاچنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تۇغما بولىدۇ، مەن دادامنىڭ ماڭا چاچ ئېرسىيىتى قالدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يەنە كېلىپ مەن شىماللىق بولغاچقا دېڭىز بويىدىلا چوڭ بولغان. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يەيمەن. بۇلارنىڭ چاچقا پايدىسى بارمۇ يوق بىلمەيمەن.

ئارتىس بولغانكەنمىز چوقۇم رول ئېھتىياجى ئۈچۈن چېچىمىزنى ھەر خىل بوياپ، بۈدرە قىلىپ يەنە تۈزلەپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ قەدىمكى زامان تىياتىرى ئۈچۈن چېچىمىز زور بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇدا سەككىز ئاي ناھايىتى قويۇق شىلىم بىلەن چاچنى قاتۇرۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم بولغان. ئىشقىلىپ ھەر قېتىم قەدىمكى زامان تىياتىرىدا رول ئېلىپ بولغاندىن كېيىن چېچىم تۇتاملاپ چۈشۈپ كېتەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن چاچ لايىھەلىگۈچىنى تېپىپ چېچىمنىڭ ئۇچلاپ قالغان يېرىنى كەستۈرۈۋېتىمەن. لېكىن مېنىڭ چېچىم ئۇزۇن ھەم كۆپ بولغاچقا ھەر قېتىم ئاسراشقىلا 3-4 سائەت كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىچىم پۇشىدۇ، شۇڭا ئۆيدىلا ئاسرايمەن.

تورلاردا مېنىڭ چاچ يۇيۇشقا ئۆچلۈكۈمنى مېنىڭ مەخپىي رېتسىپىم دەپ تارىلىپتۇ، توغرا، مەن چېچىمنى يۇيۇشقا ئۆچ، مېنىڭ قارىشىمدا باش تېرىسىمۇ تېرە، كۈندە يۇسا ئەسلىدە بار بولغان ماي يۇيۇلۇپ كېتىپ، ئىممۇنېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ چېچىمنى كۈندە يۇيۇپ قۇرۇتۇشقىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. (يۈز چاپلاق چاپلايدىغان ۋاقتىممۇ شۇنىڭغا كېتىدۇ) ئۇخلايدىغان ۋاقتىممۇ يوق بولىدۇ.

چاچ يۇغاندا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قولۇمغا قۇيۇپ، ماغزاپ چىقىرىپ، باش تېرەمگە سۈرىمەن، تىرناق بىلەن ئەمەس بارماق ئۇچى بىلەن ئۇۋۇلايمەن. چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىمۇ بەك مۇھىم، شۇڭا تىرناقتا تاتىلىماي، مىجىپ، ئۇۋۇلاپ يۇغان ياخشى. ئاندىن چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى بەش-ئالتە مىنۇت تۇرغۇزۇپ يەنە چايقىۋېتىمەن. چوقۇم تېگىگە ئۆتكۈزمەيمەن، چاچنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە ئۇچىغىلا سۈرىمەن.

بەك ئالدىرمىسام يەنە بىر قات چاچ ئوزۇقى سۈرۈپ، مۇنچا بۆكىنى كىيىۋالىمەن 15 مىنۇتتىن كېيىن يەنە چايقىۋېتىمەن. ۋاقىت يېتەرلىك بولسا بۆكنى قىزىتسىڭىز تېخى ياخشى. »

مۇشۇنداق ئاسرىغاندىن سىرت، فەن بىڭبىڭ چاچقا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى ئەسلا قىلمايدۇ، ئەگەر رول ئېھتىياجى بولمىسا ئەزەلدىن ئۆزى چېچىنى بويىمايدۇ. ھەممەيلەن بىلىمىز چاچ بوياشنىڭ چاچقا زىيىنى بار. شۇڭا ئۇنىڭ بىر ھەۋىسى بار، يەنى يالغان چاچ ساقلايدۇ، بۇ تەرىپىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇ ئۆزىنىڭ چېچىنى ئاسراشقا كىرىدۇ.

شۇڭا قىزچاقلار ياش ۋاقتىڭلاردا چېچىڭلارنىڭ يىلدا 5-6 خىل بوياپ يۈرسەڭلار چېچىڭلار تۇتاملاپ چۈشۈپ كەتسە ئاغرىنماڭلار. بۇ جەھەتتە فەن بىڭبىڭدىن ئۆگەنسەك بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • تاماننا باتىيا «Joh Rivaaj» ماركىسىدىكى سارىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ تەشۋىق سۈرەتلەرگە چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق ۋىيېتنام ساھىبجامال ئىستۇدېنتىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا ۋە گۈلنەزەرنىڭ ئوقۇش تارىخى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فەن بىڭبىڭ گۈلنەزەرگە يۈز چاپلاق سوۋغا قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر تال چىش قېپى بىلەن قايتىدىن گۈزەللىككە ئېرىشكەن «سەنەم»لەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق رۇسىيە خانقىزى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • نازاكەت ۋە لاتاپەتنى مۇجەسسەملىگەن چىرايلىق خانىش

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015