دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-22 12:06:12

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،:

يېقىندا داڭلىق چولپان دىلرابا يېڭى فىلىمى قويۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، زىيارەت داۋامىدا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 25 ياشقا كىرگەن دىلرابا ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقىي مۇھەببەت كۆز قارىشى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى. نۆۋەتتىكى داڭلىق چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن دىلرابا نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنىڭ قەلبىدىكى نازىنىنغا ئايلاندى، ئېھتىمال خېلى كۆپ كىشىلەر دىلرابانىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمىگە قىزىقىشى مۇمكىن، بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا دىلرابا ئۆز ئاغزى بىلەن شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تەلىپى ئىنتايىن تۆۋەن قىز ھېسابلىناتتى.

زىيارەت داۋامىدا رىياسەتچى ئالدى بىلەن ئەگىتىپ تۇرۇپ دىلرابادىن بېخىل ئەرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سورىدى، ئويلىمىغان يەردىن ساددا دىلرابا لايىق تاللاشتىكى ئۆلچىمىنى ئېيتتى. دىلرابا ئۆزىنىڭ يىگىتىنى تۆۋەندىكىدەك تۆت تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن: بېخىل بولماسلىق، شاللاق بولماسلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بولۇش، سۇيۇق بولماسلىق، قىز-ئوغۇل ھەر ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش، ھەممە ئادەم ئۇلارنى ناھايىتى ماس كەلگەن بىر جۈپلەردىن بوپتۇ، دەپ قاراش.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دىلرابا ھېسسىياتقا نىسبەتەن ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۇ ئاشىق-مەشۇقلار بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتمەكچى بولسا چوقۇم بىر-بىرىنى بەك چوڭ كۆرمەسلىكى ياكى بەك تۆۋەن كۆرمەسلىكى، بىر تەرەپ كۈچلۈك بىر تەرەپ ئاجىز بولماسلىق كېرەك دەپ قارايدىكەن. لايىق تاللاش شەرتى ئىچىدە نېمە ئۈچۈن ماددىي شەرت يوقلۇقىنى سورىغاندا، دىلرابا «بولكا» نىڭ ئۆزىدە بارلىقى، ئۇنىڭغا پەقەت مۇھەببەت لازىملىقى، بەختنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكى، بىرلىكتە كىنو كۆرۈش، بىر ۋاخ غىزا تەييارلاپ ئۆيدە ئۇنى كۈتۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بەختى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بوكس شاھى رېمونتچىغا ياتلىق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ مىلان كوچىسىدىكى ئەڭ يېڭى مودا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دېپىكا پادۇكون دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 100 شەخسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماننا باتىيا «Joh Rivaaj» ماركىسىدىكى سارىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ تەشۋىق سۈرەتلەرگە چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق ۋىيېتنام ساھىبجامال ئىستۇدېنتىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا ۋە گۈلنەزەرنىڭ ئوقۇش تارىخى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا يارىشىملىق گۈللۈك كۆينەك كىيگەن ھالدا يېڭى فىلىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015