رانۋېر سىڭ بىلەن دېپىكا پادۇكوننىڭ مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىشتىكى پەيتلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-23 19:12:30

 

رانۋېر سىڭ بىلەن دېپىكا پادۇكون ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مەن دېمسىەممۇ كۆپچىلىككە ئايان. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا سىرتقى ساھەدىكىلەرگە رەسمىي ئاشكارىلىمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپاتلار تولۇق. ئۇلار دائىم كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىپ، بويتاقلارنىڭ ئىچىنى قىزدۇرۇپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ «سىزنى سۆيىمەن» دېگەن سۆز بولمىغاندىكى مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن ئون پەيتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى:

مۇھەببەت ۋاقىت چىقىرىپ بىرگە ئۆتۈش دېگەنلىك. ھەتتا پاراڭلاشمىغان ئەھۋالدىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئوي-خىيالىنى ئۆز-ئارا كۆرۈپ تۇرۇش.

(بىز بىرگە بولغاندا، باشقا نەرسە ياكى ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولمايمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىزنى شۇنچىلىك خاتىرجەم قىلىدۇ. بەزىدە پاراسەت بىلەن گەپلەشسەك، بەزىدە پەقەت سۈكۈت ئىچىدىلا ئۆتىمىز، يەنە بەزىدە تېخى ساددىلىقىمىز تۇتۇپ كېتىدۇ. بىز بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ تۇرىمىز، بۇ خىل مۇناسىۋەتمۇ ئىنتايىن ياخشى- دېپىكا پادۇكون)

مۇھەببەت ھەمراھىڭىزنى ھەرقانداق ئالاھىدە ئورۇن ۋە ۋاقىتتا ئالاھىدە ھېس قىلدۇرۇشتۇر.

مۇھەببەت بىر-بىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى سۆيۈش دېمەكتۇر.

(مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئىنتايىن، ئىنتايىن يېقىن ئۆتىمەن. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى مېنىڭ بومبايدىكى ئائىلەم- دېپىكا پادۇكون)

بىلەمسىز، تۇنجى قېتىم ئۇنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنى ئۇنتۇشقا ئامالسىز قالىسىز، بۇ دەل مۇھەببەت.

(تۇنجى قېتىم ئۇنى كۆرگىنىمدە، تىنچلىنىشىمغا ئىمكان بولمىدى. ئادەم ئاشۇ ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشنى قانداقمۇ ئۇنتالىسۇن دەيسىز؟- رانۋېر سىڭ)

مۇھەببەت مۇناسىۋىتىڭلارغا ھېچقانداق بەلگە سالمىسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەلبىگە يېقىن تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىكتۇر.

(بىز دائىم B، A ياكى C ئۆزىمىزنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سولاپ قويىدۇ، دەيمىز. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، تۇرمۇش بارلىق نەرسىلەردىن ھالقىش دېمەكتۇر. مېنىڭچە، كىشىلەرگە نىسبەتەن، مېنىڭ بويتاق ياكى توي قىلغان ياكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىمنى بىلىش، بۇ بىر ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىش، بۇ دەل ئۇنىڭ مەنىسى. دېپىكا پادۇكون)

مۇھەببەت ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا، ئىككىڭلار ئارىسىدىكى ئارىلىققا پەرۋا قىلماستىن ھەمراھىڭىز بىلەن كۆرۈشۈش دېمەكتۇر.

(بۈگۈن سۈرەتكە چۈشكەندە ئالاھىدە مېھمان كەلدى، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۈيۈك روھ ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرەش)

مۇھەببەت دېمەك «ئۇ مېنىڭ» دەيدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك.

(مەستانە: دېپىكا، سىزنى سۆيىمەن. ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەت ھىندى تىلى، رىم تەلەپپۇزى، بۇنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا، جۆيلۈپ سالدىم... سىز نېمە دېمەكچى؟ ئۇ مېنىڭ، پەقەت مەنلا ئۇنى سۆيۈشۈم كېرەك- رانۋېر سىڭ)

مۇھەببەت ھەمراھىڭىز يېنىڭىزدا بولغاندا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز گۈزەل تۇيغۇدۇر. 

«ئۇنى سۆيۈپ، ھۆرمەتلىشىمدىكى سەۋەب بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەڭ ھەقىقىي ئۆزۈم بولالمايمەن، بۇ مۇناسىۋەت ئىنتايىن راھەت. ئەگەر بۇ بۈيۈك بىرىكىش بولسا، بۇ ئۇنىڭ مەنىسى- دېپىكا پادۇكون)

(ئۇ ئىنتايىن ئالاھىدە، مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئامالسىزمەن- رانۋېر سىڭ)

مۇھەببەت سىزدە «بۇنىڭدىن كېيىن، بەختلىك، خۇشال ھالدا بىرگە ئۆتىمىز» دەيدىغان گۈزەل غايە بولىدىغان ۋاقىتتۇر.

(ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغىنىم ئۇنىسى مۇقەررەر، چۈنكى ھايات بولساملا، دېپىكا بىلەن بولغان بەختلىك خاتىمەمنى كۆرەلەيمەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، بىز بەختلىك، خۇشال ياشايمىز. بىراق دېپىكا بىلەن ھەمكارىلاشقان كۆپىنچە كىنولاردا مەن ئۆلۈپ كېتىمەن- رانۋېر سىڭ)

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قېرىىشقا بوي بەرمىگەن ئۈچ ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بوكس شاھى رېمونتچىغا ياتلىق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ مىلان كوچىسىدىكى ئەڭ يېڭى مودا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دېپىكا پادۇكون دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 100 شەخسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماننا باتىيا «Joh Rivaaj» ماركىسىدىكى سارىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ تەشۋىق سۈرەتلەرگە چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق ۋىيېتنام ساھىبجامال ئىستۇدېنتىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا ۋە گۈلنەزەرنىڭ ئوقۇش تارىخى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015