چولپانلارنىڭ فىلىم مەيدانىدىكى تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-24 11:45:48

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى،

چولپانلار ئادەتتە ھەمىشە پارقىراپ تۇرىدىغان، كىرىمى مىليونلاپ يانچۇقىغا چۈشۈپ تۇرىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما بىزدەك ئاددىي ئادەملەر ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەدەل بىلەن ئاندىن چولپانلىق ماقامىغا يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولالمايمىز. ئەمەلىيەتتە چولپانلار فىلىم سۈرەتكە ئالسۇن ياكى پىروگىراممىغا قاتناشسۇن ھامان ناھايىتى جاپالىق جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ نام چىقىرىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك جەريان، ئۇلارنىڭ چولپان دېگەن نامغا لايىقلىشىشى ئۈچۈن ئۆزىنى تاۋلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاڭ باۋچياڭ راست ئىشلار پىروگىراممىسى «ھەقىقىي ئەركەك» نى ئىشلىگەندە ئويلىمىغان يەردىن پۇتىنى قايرىۋالىدۇ، ئوڭ پۇتىنى سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىدۇ، 8 مىخ  قويۇپ، پولات تاختا بىلەن تېڭىپ قويۇلىدۇ. بىر ئايدىن كۆپرەك دوختۇرخانىدا داۋالىنىپمۇ ئەسلىدىكى ھالىغا قايتالمايدۇ. ئۇ فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى سىرلىق رازۋېتكا1»(唐人街神探1)، «ئەنەتكەككە سەپەر» قاتارلىق ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرى چىقىدىغان فىلىملەرگە قاتنىشىۋەرگەن. ئۇنىڭ كەسىپچانلىقىنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ.

ياڭ يىڭ «يۈگرەيلى» پىروگىراممىسىدا ھەقىقەتەن ناھايىتى قەيسەرلىك قىلغان، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇ بەك نازۇك قىز. توپ دومىلىتىدىغان بىر كۆرۈنۈشتە ئېغىر توپ ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىپ، بەك قاتتىق دومىلاپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ تېخى يەڭگىپ ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتلار، پىروگىراممىنىڭ ۋاقىتغا كاشىلا يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇ يەڭگىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پىروگىراممىغا چىقىۋەرگەن. پىروگىراممىدا خېلى ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولۇپ، دىلرابادىن باشقا بىردىنبىر ئايال ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى خېلىلا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېيىشكە بولىدۇ.

ياڭ مى بالا چولپانلىقتىن كېلىپ چىققان، لېكىن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئوردا» بىلەن ھەقىقىي تونۇلغان، نام چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئارتىسلىق يولى راۋان بولمىغان. فىلىم مەيدانىدا رېژىسسور ئۇنى بىر شاپىلاق سالغان، يەنە تېخى باشقا يەرلىرىگىمۇ تاياق تەگكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا يىغلايدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ياخشى ئالالمىغان، ھەم رېژىسسورنىڭ گېپىنىمۇ تازا چۈشىنەلمىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ نام چىقىرىشتىن بۇرۇنقى جاپالىرى ئۇنىڭ قەلبىگە قارا سايە تاشلىغان. تەلىيىگە يارىشا ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق رېژىسسورغا ئۇچراپ قالمىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ياڭ مى دېڭ چاۋ بىلەن «ئايرىلىپ كېتىش پىرى»(分手大师) نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئۇ ئەمدى ھامىلدار بولغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، يۈگرەيدىغان، ئارغامچىغا ئېسىلىدىغان...كۆرۈنۈشلىرى بار ئىدى، لېكىن ئۇ سىياقداش ئىشلەتمەي ئۆزى بۇ ھەرىكەتلەرنى تاماملىغان، كەسپىچانلىقىنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ سېزىك مەزگىلىدە تۇرغاچقا قەي قىلىپ ياندۇرۇۋېتىپلا يەنە داۋاملىق رولغا كىرىشكەن، دېڭ چاۋ ئۇنىڭ قەيسەرلىكىگە قايىل بولغان. ئۇنىڭ ھازىرقىدەك نام چىقىرىشى ئاسان قولغا كەلمىگەن.

خۇ گې نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گرادۇسلۇق سوغۇقتا سۇغا چۈشىدىغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، ئالاقىدار سىن ھۆججىتىدە ئۇنىڭ ھەممە يېرى ھۆل بولۇپ كەتكەن، كىيىۋالغان پەلتوسىمۇ دالدا بولالمىغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتكەن. گەپ قىلىشىمۇ ئاسانغا توختىمىغان. لېكىن يەنە داۋاملىق كۆرۈنۈش ئېلىش لازىم بولغاچقا ئۇ بىر تەرەپتە شۈمشىيىپ تۇرۇۋەرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق روللارغا سىياقداش ئىشلەتسىمۇ بولاتتى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلماي جېنىنى تىككەن، خۇ گېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، كەسپىچانلىقى ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ.

جاۋ لىيىڭنىڭ تىنىمسىزلىقى تاماشا ساھەسىدە ھەممىگە مەلۇملۇق، فىلىم مەيدانىدىكى خېلى خەتىرى بار ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆزى تاماملايدۇ. لېكىن «ئوردا»(宫锁沉香) نىڭ كىنو نۇسخىسىدا ئاتتىن قاتتىق يېقىلىپ كەتكەن بولۇپ، بېلى ئېغىر يارىلانغان. ئەينى ۋاقىتتا جاۋ لىيىڭ ئورنىدىن مىدىرالماي قالغان، شۇنىڭدىن تارتىپ بەل ئاغرىقىنى تارتىپ كەلگەن، يەنە ئاتنى كۆرسە قورقۇنچ باسىدىغان پىسخىكىلىق ھالەت شەكىللەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، جاۋ لىيىڭ رول ئېلىش جەريانىدا كۆپىنچە ئولتۇرۇۋالىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆرە تۇرالمايدىكەن. يەنە كېلىپ قەدىمكى زامان تىياتىرىدا تۈپتۈز تۇرۇش شەرت قىلىنىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق تۇرۇشقا ئۇ ئەلۋەتتە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. لېكىن يەنىلا سىياقداش ئىشلەتمەسلىكى ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.

 

جاۋ لىيىڭ «چۇ چياۋ قىسسىسى» نى ئىشلەۋاتقاندا ئوخشاشلا جېنىنى تىككەن، پىژغىرىم ئىسسىقتا بۆرە بىلەن تىركىشىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار، بۆرە كۆرۈنۈشىگە ئادەم سەپلەنگەن بولسىمۇ لېكىن سېرىق قۇمدا يېتىپ، ناھايىتى قوپال ھەرىكەتلەر بىلەن كۆرۈنۈشنى تاماملىغان، نېپىز كىينىۋالغان جاۋ لىيىڭنىڭ پۇتلىرى ھەممىسى يارا بولۇپ كەتكەن بولۇپ، شۇنچە قىينالغان بولسىمۇ ۋايسىمىغان.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قېرىىشقا بوي بەرمىگەن ئۈچ ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بوكس شاھى رېمونتچىغا ياتلىق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابانىڭ مىلان كوچىسىدىكى ئەڭ يېڭى مودا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دېپىكا پادۇكون دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 100 شەخسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماننا باتىيا «Joh Rivaaj» ماركىسىدىكى سارىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ تەشۋىق سۈرەتلەرگە چۈشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 2018-يىللىق ۋىيېتنام ساھىبجامال ئىستۇدېنتىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا ۋە گۈلنەزەرنىڭ ئوقۇش تارىخى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015