بوللىۋودتىكى ئون چوڭ پۇلدار ئەر ئارتىسقا نەزەر

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-29 02:16:04

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

بوللىۋود كىنولىرى نەپس ھېكايە ۋەقەلىكلىرى بىلەن دۇنيادا داڭق قازانغان. ئالاھىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت ۋە چولپانلارنىڭ ئارتىسلار سېپى بۇنىڭدىكى مۇنەۋۋەر كىنولارنى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كىنو بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان. بوللىۋودنىڭ چولپىنى بولۇش سىزنىڭ فىلىم ئىشلەش ھاياتىڭىزدا ئىنتايىن يۇقىرى فىلىم ئىشلەش ھەققىگە ئىگە بولۇشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە بوللىۋودتىكى ئون چوڭ پۇلدار ئەر ئارتىس توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتمەكچى:

10. رىتىك روشان 45 مىليون دوللار.

رىتىك روشان بوللىۋودىكى ئون چوڭ كېلىشكەن ئەر ئارتىسنىڭ بىرى، ئۇنى بوللىۋودتىكى كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان چولپانلارنىڭ بىرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. رىتىك روشان قابىلىيىتى ئۇرغۇپ تاشقان ھىندىستان كىنو چولپىنى بولۇپ، بوللىۋودتىكى ئۇتۇق قازانغان كەسپى ئۇنى تۈرلۈك مەدھىيە، ئالقىش، مال-دۇنيا ھەمدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتۈرگەن.

9. ئىرفان خان 50 مىليون دوللار. 

ئىرفان خان بوللىۋود كىنوچىلىقىدا قالتىس خىزمەت ئىپادىسى بىلەن داڭلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ھوللىۋودتىمۇ خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلەن داڭلىق. بوللىۋود ۋە ھوللىۋودنىڭ بىر قىسىم كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ 2015-يىلى قاتناشقان «يۇرا دەۋرى» (侏罗纪世界) ناملىق كىنو پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا 511 مىليون دوللارلىق غايەت زور بېلەت كىرىمى ياراتقان.

8. جون ئابراھام 55 مىليون دوللار. 

جون ئابراھام ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى، رېژىسسورى، فىلىم ئىشلىگۈچىسى يەنە شۇنداقلا چېنىقىش مودېلى. ئۇ تۇنجى كىنوسىدىلا ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ كەسپتىكى كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان چولپاننىڭ بىرى.

7. رانبىر كاپور 66 مىليون دوللار. 

رانبىر كاپور 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ ئىلگىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا يەنە بەش كىنو مۇكاپاتىمۇ بار. رانبىر كاپور نۆۋەتتە كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭغا 66 مىليون دوللارلىق بايلىققا ئىگە بولۇشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن.

6. دېھا مېندىرا، 70 مىليون

1935-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1960-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل بوللىۋودتا خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا بولغان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى سەۋەبلىك، تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، 1997-يىلى كىنو ئۆمۈرلۈك ئۇتۇق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.

5. ئاكشاي كۇمار 200 مىليون دوللار.

ئاكشاي كۇمار ئاسىيادىكى ئون چوڭ «فەرھاد»نىڭ بىرى. ئۇ 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان. تالانتلىق ئارتىس بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى فىلىم ئىشلىگۈچى، يۇقىرى ساپالىق ئاشپەز شۇنداقلا جامبازچى. ئاكشاي كۇمار 100 دىن ئارتۇق كىنوغا قاتنىشىپ، كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى كىنوسى يەنە تېخى كىنو مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.

4. ئامىر خان 200 مىليون دوللار.

ئامىر خان 1965-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ تالانتلىق ئارتىس بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، جەمئىيەت پائالىيەتچىسى. ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بوللىۋود ھاياتىدا، بوللىۋودنىڭ مۇكەممەللىككە ئىنتىلگۈچىسى دەپ تەرىپلەنگەن.

3. سالمان خان 220 مىليون دوللار.

سالمان خان 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ ھىندىستان كىنو ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچىسى، رېژىسسور شۇنداقلا ئەڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە ئەربابىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بوللىۋودقا قوشقان تۆھپىسى غايەت زور بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى بازارلىق كىنولىرى بۇ گىگانت ئارتىسنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى بىر سەۋەبكە ئايلانغان.

2. ئامىتاب باچچان 405 مىليون دوللار.

شەك-شۈبىھسىزكى، ئامىتاب باچچان دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە باي «فەرھاد» ئەربابىنىڭ بىرى. ئۇ رىۋايەت تۈسىگە ئەڭ باي ئارتىسنىڭ بىرى بولۇپ، بوللىۋود كىنوچىلىقىغا پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىۋەتكەن. بۇ رىۋايەتلىك ئارتىس ئىزچىل غايىگە تويۇنغان ئارتىسلارنىڭ ئىلھامى. تا ھازىرغا قەدەر، ئۇنىڭ ساپ بايلىقى 405 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ.

1. شاھرۇھ خان  740 مىليون دوللار.

شاھرۇھ خاننىڭمۇ «بوللىۋود شاھى» دېگەن نامى بار. ئۇ بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئون چوڭ ئەر ئارتىسنىڭ بىرى. شاھرۇھ خاننىڭ ھىندىستاندىلا نامى بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئارتىسنىڭ بىرى. ئۇ 300 نەچچىدىن ئارتۇق كىنوغا قاتنىشىپ، تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دىلرابا رول ئالغان بەش چوڭ كىنو: قايسىسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەزەلدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالمايدىغان چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى گۈزەل شىنجاڭلىق ساھىبجاماللار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تام كىرۇس 7260 مېتىر ئېگىزلىكتىن 106 قېتىم سەكرەپ كىنو ئىشلىگەنىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھوللىۋودتىكى ئەڭ قاۋۇل چولپان-دىۋايىن جونسون

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 13 ئەر چولپاننىڭ ياش ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قېرىىشقا بوي بەرمىگەن ئۈچ ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بوكس شاھى رېمونتچىغا ياتلىق بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015