«مەلىكە خۇەنجۇ»دا شياۋيەنزى بىلەن يوڭچى تۇنجى مەيدان كۆرۈنۈشنى مۇنداق ئالغان

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-30 14:36:45

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :

«مەلىكە خۇەنجۇ»نىڭ قويۇلغىنىغا 20 يىل بولدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئەسلىمىسىدۇر. ئىلگىرى سانسىز قېتىم قايتا قويۇلغان بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھازىر ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلى كۆز ئالدىمىزدىن بارا-بارا يوقاپ، پەقەت ۋە پەقەت خاتىرىمىزدىكى ئەسلىمىلىرىلا قالدى، خالاس. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئالغان ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى سەنئەت ساھەسىدىكى كاتتا چولپانلارغا ئايلىنىپ، جاۋ ۋېي، سۇ يوۋپېڭ، لىن شىنرۇ، چېن يىڭ، جاڭ تيېلىن، چيوڭ ياۋ، جۇ خوڭجيا قاتارلىقلار ئەڭ يۈكسەك باھالارغا ئېرىشتى.

ئەسلى نۇسخىدىكى سېنارىيەنىڭ كۆپىنچىسى تەيۋەن تەلەپپۇزىدا سۆزلىنىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى بىۋاستىلا ئورۇندىغاچقا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كۆرۈرمەنلەر چۈشىنەلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىجادىيىلىققا تولغان بىرەيلەن بۇنى قايتىدىن ئۆزلەشتۈرگەن. جاۋ ۋېي دەل مۇشۇنداق كىشى، ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن رول ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چۈشىنەلەيدىغان تەلەپپۇزنى ئىشلەتكەن. شۇڭا بىز ئېكراندا زېرەك، شوخ شياۋيەنزىنى كۆرەلىگەن. بىراق ئۇنىڭ سۇ يوۋپېڭ بىلەن تۇنجى قېتىم سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشى دەل چىملىقتا سۆيۈشكەندىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ئىككەيلەن ئانچە تونۇشۇپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، رېژىسسور مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرىدا ئىككەيلەن يەنىلا توسالغۇنى يېڭىپ، بۇ كۆرۈنۈشنى ئورۇندىغان.

ئەمەلىيەتتە، «مەلىكە خۇەنجۇ»نى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا كۆپلىگەن توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر تۈركۈم ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا سىناقتىن ئۆتۈپ، «مەلىكە خۇەنجۇ»دىن ئىبارەت بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىزچىل قويۇلۇپ كېلىشىگە ئاساس ياراتقان. چۈنكى بۇ شۇ بىر ئەۋلاد ئارتىسلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئارتىسلاردە كەمچىل بولغان ھېسسىياتنىڭ سىڭدۈرۈلۈشى. «مەلىكە خۇەنجۇ»غا بولغان ئامراقلىقىمىزنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭغا پەقەت چەكسىز ھۆرمىتىمىز ۋە چوڭقۇر ئەسلىمىمىز بار.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • مۇكاپاتىنى رەت قىلغان ئالتە چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا رول ئالغان بەش چوڭ كىنو: قايسىسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەزەلدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالمايدىغان چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى گۈزەل شىنجاڭلىق ساھىبجاماللار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تام كىرۇس 7260 مېتىر ئېگىزلىكتىن 106 قېتىم سەكرەپ كىنو ئىشلىگەنىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھوللىۋودتىكى ئەڭ قاۋۇل چولپان-دىۋايىن جونسون

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 13 ئەر چولپاننىڭ ياش ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قېرىىشقا بوي بەرمىگەن ئۈچ ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015