تاماشا ساھەسىدىكى 3-شەخىس ئايرىۋەتكەن 10 جۈپ ئاشىق-مەشۇق

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-30 14:39:08

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، 

1.ليۇ جيالىڭنىڭ زېڭ خۇاچيەندىن لياڭ چاۋۋېينى تارتىۋېلىشى

ليۇ جيالىڭ بىلەن زېڭ خۇاچيەن ئىلگىرى دېيىشمەيدىغان گېپى يوق دوستلاردىن بولۇپ، ئەينى يىللىرى زېڭ خۇاچيەن بىلەن لياڭ چاۋۋېي يۈرۈۋاتقاندا، زېڭ خۇاچيەن ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەممە ئىشنى ليۇ جيالىڭغا دەپ بەرگەن. يەنە كېلىپ «ئۈجمە كۆڭۈل ئەر»(花心大丈夫) فىلىمىدە ليۇ جيالىڭ بىلەن لياڭ چاۋۋېي ھەمكارلىشىپ ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدۇ. كېيىن ئىككەيلەن مەخپىي مۇھەببەتلىشىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مەخپىيىتى ئۇزاققا پايلىمايدۇ، زېڭ خۇاچيەن بۇ ئىشنى بىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇلار ئەشەددىي رەقىبكە ئايلىنىدۇ. ليۇ جيالىڭنىڭ بۇ ئىشىنى مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەممىنى قايرىپ قويۇش دەپ سۈپەتلەش مۇۋاپىق.

2. تاڭ يىفېينىڭ ياۋ چېننىڭ قولىدىن لىڭ شياۋسۇنى تارتىۋېلىشى

ھەممىگە مەلۇملۇق، ياۋ چېن بىلەن لىڭ شياۋسۇ ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن، پۈتتۈرۈپلا توي خېتى ئالغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئالدىراڭغۇلۇقىدىن دوستلىرى ھەممىسى ھەيران قالغان، ئىككەيلەن يەتتە يىللىق نىكاھ مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھېچنېمىسى يوقلۇقتىن ھەممىگە ئېرىشكەن. ئەسلىدە بەختنىڭ تازا پەيزىنى سۈرىدىغان ۋاقىتلىرىدا تاڭ يىفېينىڭ ئارىغا قىستۇرۇلۇۋېلىشى سەۋەبلىك نىكاھ بۇزۇلغان. تاڭ يىفېي ئۈچىنچى شەخىس سۈپىتىدە پەيدا بولۇپ لىڭ شياۋسۇنى ياۋ چېندىن تارتىۋالغان. گەرچە ھازىر ئىككەيلەن توي قىلپ بولغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا پەسكەش ئۈچىنچى شەخس نامىنى يۇيۇۋېتەلمىدى.

3. چېن گۇەنشىنىڭ شيې تىڭفېڭنىڭ قولىدىن جاڭ بوجىنى تارتىۋېلىشى

شيې تىڭفېڭ بىلەن جاڭ بوجى مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغۇچە، ئاندىن بالىلىق بولغۇچە تاماشا ساھەسىدىكى قىززىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. نۇرغۇن ئسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ھەممە ئادەم ئۇلارنى ئاخىرىغىچە بىللە بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، لېكىن 2008-يىلى جاڭ بوجىنىڭ «سەتچىلىك» ۋەقەسى بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھى بۇزۇلدى. ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن شيې تىڭفېڭ جاڭ بوجىنى قوللىدى، لېكىن چېن گۇەنشى يەنىلا جاڭ بوجىنى بوش قويمىدى. 2011-يىلى شيې تىڭفېڭ يوق ئەھۋالدا چېن گۇەنشى يەنە بىر قېتىم جاڭ بوجىغا چاپلىشىۋېلىپ، بىللە چۈشكەن رەسىملىرىنى تورغا يوللىغاندىن كېيىن شيې تىڭفېڭ بىلەن جاڭ بوجىنىڭ ئاجرىشىش ۋەقەسى كېلىپ چىقتى، چېن گۇەنشى ئېرى بار ئايالنى بۇزغان پەسكەش ئەر ئاتىقىغا قالدى.

4. خۇاڭ ۋېيدېنىڭ يۈ چېڭچىڭنىڭ قولىدىن يى نېڭجىڭنى تارتىۋېلىشى

يېقىنقى يىلدىن بۇيان تاماشا ساھەسىدە ئەڭ قىززىغىنى خۇاڭ ۋېيدېنىڭ يۈ چېڭچىڭنىڭ قولىدىن يى نېڭجىڭنى تارتىۋېلىشى بولدى. يى نېڭجىڭ بىلەن يۈ چېڭچىڭ 1988-يىلى تونۇشقان بولۇپ، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشقان. گەرچە ئىككەيلەن ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىدە زور پەرق بولسىمۇ لېكىن مۇھەببەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولغاچقا نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويالىغان. لېكىن 2009-يىلى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاستىسى يى نېڭجىڭنىڭ ئەر چولپان خۇاڭ ۋېيدې بىلەن قول تۇتۇشۇپ بازار ئايلانغان رەسىمىنى تارتىۋالغان. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان مۇھەببىتىگە دەز كەتكەن، يى نېڭجىڭ باشقىلارنىڭ ئادىمى بولۇپ كەتكەن، يۈ چېڭچىڭ بولسا ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە بويتاق قالغان. خۇاڭ ۋېيدې ئۈچىنچى شەخىس ئاتىقى بىلەن ئۈچىنچى لىنىيەدىكى ئارتىسلىق سالاھىيىتىدىن ناھايىتى قىززىق تېمىلىق ئارتىس بولۇپ قالغان.

5. جياڭ ۋېن چېن گوجۈننىڭ قولىدىن ليۇ شياۋچىڭنى تارتىۋالغان

ليۇ شياۋچىڭ بىلەن رېژىسسور چېن گوجۈن 1981-يىلى «قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدا»(心灵深处) ناملىق فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا تونۇشۇپ، بىللە تۇرۇشقا باشلىغان. ليۇ شياۋچىڭ ئۈچۈن چېن گوجۈن ئەسلىدىكى ئايالىدىن ئاجراشقان، 1986-يىلى ئىككەيلەن توي قىلىش رەسمىيىتى بېجىرگەن، ئەمما ئىككەيلەننىڭ نىكاھى جياڭ ۋېننىڭ ئارلىشىشى بىلەن بۇزۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، جياڭ ۋېن بىلەن ليۇ شياۋچىڭ «فۇروڭ كەنتى»(芙蓉镇) نى سۈرەتكە ئالغان ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان بولۇپ، كېيىن يەنە «باھاردىكى شاپتۇل»(春桃) فىلىمىنى بىللە ئىشلەش جەريانىدا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن. چېڭ گوجۈن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئاجرىشىشنى تاللىغان، ليۇ شياۋچىڭ بىلەن جياڭ ۋېن بېسىم تۈپەيلى ئاخىرىغىچە بىللە بولالمىغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ليۇ شياۋچىڭ كېيىن باج ئوغىرلاش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ قالغاندا جياڭ ۋېن ھەر تەرەپكە قاتراپ يول ماڭغان، ليۇ شياۋچىڭنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ليۇ شياۋچىڭغا ئەڭ ياخشى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ بەرگەن.

6. پەن ۋېينىڭ مەي خوڭمېينىڭ قولىدىن سۈن نەننى تارتىۋېلىشى

2000-يىلى تازا ئالقىشلانغان مەي خوڭمېي بىلەن سۈن نەن توي قىلغان. مەي خوڭمېي كەسپىنى تاشلاپ ئائىلە ئايالى بولغان. 2008-يىلىنىڭ بېشىدا مەي خوڭمېي رىياسەتچىلىك سالاھىيىتىدە دوڭنەن تېلېۋىزىيەسىگە قوشۇلغان، كېيىن ئۇ سۈن نەننىڭ ناخشا كېچىلىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا يولدىشىنى ئائىلە ۋە كەسىپتە تەڭ تىرىشىدىغان ياخشى ئەر دەپ ماختىغان. ئىككەيلەن ھەممىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگەن. 2009-يىلى 3-ئايدا ئىككەيلەن ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبى سۈن نەننىڭ ئايال رىياسەتچى پەن ۋېينى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، سۈن نەن بىلەن پەن ۋېي بىر گولف توپ پائالىيىتىدە تونۇشۇپ قالغان بولۇپ، بىر كۆرۈشۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن بىللە بولغان بولسىمۇ پەن ۋېيگە ئۈچىنچى شەخىس تامغىسى بېسلىغان.

7. گاۋ يۈەننىڭ ۋاڭ فېينىڭ قولىدىن دوۋ ۋېينى تارتىۋېلىشى

گاۋ يۈەننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ۋاڭ فېي ۋە دوۋ ۋېينىڭ نىكاھى بۇزۇلغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق. باشتا دوۋ ۋېي گاۋ يۈەن بىلەن تونۇشقان، گاۋ يۈەن ناھايىتى داڭلىق فوتوگىراف بولۇپ، دوۋ ۋېينىڭ پىلاستىنكىلىرىغا مۇقاۋا لايىھەلەپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالغان، ئەمما بۇ چاغدا ۋاڭ فېي دوۋ ۋېينىڭ بېيجىڭدا ئىجارە ئالغان ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىپ، قىزىنى تۇغماقچى بولغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاڭ فېي شياڭگاڭدا تەرەققىي قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئىچكى قۇرۇقلۇقتا تۇرمىغان بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتى بەك ئاز ئىكەن. لېكىن ۋاڭ فېي بۇ جەرياندا ئۇلارنى ئىش ئۈستىدە تۇتۇۋالغان بولۇپ، ۋاڭ فېي ئاجرىشىشنى تاللىغان. گاۋ يۈەن بىلەن دوۋ ۋېي نۇرغۇن ئادەمنىڭ لەنىتىگە قېلىپ توي قىلغان.

8. لياڭ يوڭچىنىڭ شاۋ مېيچىنىڭ قولىدىن جېڭ يىجيەننى تارتىۋېلىشى

شاۋ مېيچى جېڭ يىجيەن بىلەن تونۇشقان ۋاقىتتا TVB نىڭ داڭلىق چولپىنى ئىدى. جېڭ يىجيەننىڭ ئانچە نامى چىقمىغان ئىدى. جېڭ يىجيەن شاۋ مېيچىنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 1999-يىلى جېڭ يىجيەن شاۋ مېيچىگە ئاسىيلىق قىلىپ، دەسلەپكى ۋەدىسىنى چۆرىۋېتىپ، لياڭ يوڭچى بىلەن دىراممىدا رول ئالغاندا ئىش-پەش تارتىشىپ قالغان. جېڭ يىجيەن بىلەن شاۋ مېيچىنىڭ سەككىز يىللىق مۇھەببىتى ئاخىرلاشقان. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تاماشا ساھەسى ۋە شياڭگاڭ خەلق ئارىسىدا غايەت زور دولقۇن كۆتۈرۈلگەن. ھەممە ئادەم جېڭ يىجيەننى ئالا كۆڭۈل، لياڭ يوڭچىنى تۈلكە جىن دەپ ئاتىغان. جېڭ يىجيەننىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن..

9. زېڭ باۋيىنىڭ كىچىك ئېسنىڭ قولىدىن خۇاڭ زىجياۋنى تارتىۋېلىشى

زېڭ باۋيى بىلەن كىچىك ئېس بەك يېقىن دوستلاردىن سانالمىسىمۇ لېكىن مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس دوستلاردىن. باشتا كىچىك ئېس بىلەن خۇاڭ زىجياۋ ئارىلاشقان بولۇپ، مۇھەببىتى بەك چوڭقۇر بولغان. كېيىن كىچىك ئېسنىڭ زېڭ باۋيىنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەنلىك خەۋىرى تارقالغان. لېكىن زېڭ باۋيى ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، خۇاڭ زىجياۋ بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق دېگەن. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي خۇاڭ زىجياۋ كىچىك ئېس بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، زېڭ باۋيى بىلەن تېپىشقان. شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئېس بىلەن زېڭ باۋيى رەقىبكە ئايلانغان. يېقىندا ئۇلار بىر قېتىملىق ئالتۇن ئات مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ئۇچرىشىپ قالغان بولۇپ، كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشكەن.

10. جاڭ بوجىنىڭ ۋاڭ فېينىڭ قولىدىن شيې تىڭفېڭنى تارتىۋېلىشى

جاڭ بوجى ناخشا خانىشى ۋاڭ فېينىڭ قولىدىن ئىككى قېتىم شيې تىڭفېڭنى تارتىۋالغانلىقى بىر مەھەل قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. 2000-يىلى 6-ئايدا لياڭ چاۋۋېي يىغىلىش قىلغاندا «گۈلدەك ياشلىق» فىلىمى بىلەن كىنو شاھى بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ ۋاڭ فېي بىلەن شيې تىڭفېڭنى تەكلىپ قىلغان. ۋاڭ فېي بىلەن شيې تىڭفېڭنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكى ئاشكارىلانغان. 2001-يىلى شيې تىڭفېڭ بىلەن جاڭ بوجى فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قېلىپ، شۇ يىلى 3-ئايدا تايلاندقا ساياھەتكە بارغان. شيې تىڭفېڭ ۋاڭ فېي بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 2003-يىلى 6-ئايدا شيې تىڭفېڭ بىلەن ۋاڭ فېي يارىشىپ قالغان. شۇ يىلى 9-ئايدا ۋاڭ فېي بىلەن شيې تىڭفېڭ تويلۇق ئۈزۈكى ئالغان، 11-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ كەتكەن. شيې تىڭفېڭ جاڭ بوجى بىلەن ئەپلىشىپ قالغان. 2006-يىلى 9-ئايدا شيې تىڭفېڭ بىلەن جاڭ بوجى فىلىپپىندا تېز سۈرئەتتە توي قىلغان.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • مۇكاپاتىنى رەت قىلغان ئالتە چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا رول ئالغان بەش چوڭ كىنو: قايسىسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەزەلدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالمايدىغان چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى گۈزەل شىنجاڭلىق ساھىبجاماللار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تام كىرۇس 7260 مېتىر ئېگىزلىكتىن 106 قېتىم سەكرەپ كىنو ئىشلىگەنىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھوللىۋودتىكى ئەڭ قاۋۇل چولپان-دىۋايىن جونسون

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 13 ئەر چولپاننىڭ ياش ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قېرىىشقا بوي بەرمىگەن ئۈچ ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015