ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرى چولپىنى مۇنى روي بوللىۋود سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق باشلىدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تاماششا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-04-30 14:40:03

20180429150805441.jpg/

بوللىۋود خەۋەرلىرى، 

تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى مۇنى روي(Mouni Roy) نۆۋەتتە ئاكشاي كۇمارنىڭ تەنتەربىيە تېمىسىدىكى ۋەقەلىك فىلىمى «ئالتۇن مېدال»(Gold) دا رول ئېلىپ بوللىۋودتىكى تۇنجى ئەسىرىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغانىدى. ئۇ يەنە رانبىر كاپۇر، ئالىيە بات ۋە ئامىتاب باچچان باش رول ئالىدىغان فانتازىيەلىك تەۋەككۈلچىلىك فىلىمى «Brahmastra»غا قوشۇلدى. (ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ فىلىم ئۈچ تىرىلوگىيەدىن تەركىب تاپىدىكەن)

«Brahmastra» بولسا ھىندىستان براخما دىنىدىكى تەڭرىنىڭ قورالى بولۇپ، قەدىمدە ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، ئالىيە بات بۇ فىلىمدە شورپېشانە بىر قىزنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولۇپ، رانبىر كاپۇر بىلەن ئاشىق-مەشۇق بولۇپ چىقىدىكەن. مۇنى فىلىمدە سەلبىي رول ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ ياۋۇز ئايال ئوبرازىنى يارىتىدىكەن، ئۇنىڭ فىلىمدىكى ئوبرازى مۇدھىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن. بۇ فىلىم دەسلەپكى قەدەمدە سۈرەتكە ئېلىشنى 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، قويۇلۇش ۋاقتىنى ھازىرچە 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

ئىككى چوڭ فىلىمگە قاتنىشىش نەتىجىسىدە، 2018-يىلى مۇنى روي ئۈچۈن بوللىۋودقا يۈرۈش قىلىشتىكى ئەڭ قۇتلۇق يىل بولدى. يېقىندا، DNA تورى مۇنى روينىڭ سالمان خاننىڭ يېڭى فىلىمى «داباڭ 3» تە مېھمان رول ئالىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ يۈرۈشلۈك فىلىمنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى ئالدىنقى ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ فىلىمدە ئۇ سالمان خاننىڭ بۇرۇنقى مەشۇقىنىڭ رولىنى ئېلىپ، چۇلبۇل پاندېنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.

ئۈچىنچى بۆلۈمدە ئەسلىمە پارچىسى بۆلىكى بار بولۇپ، چۇلبۇل پاندېنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ كونتېكسىت بايانلىرىغا ئىگە بولىدۇ، ئاندىن قايتما ئەسلىمە بۇ فىلىمدە ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ بىراق مۇھىم رول ئوينايدۇ. باش قەھرىماننىڭ ئۆتمۈشتە يەتكەن مەنزىلى بىلەن ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى فىلىمنىڭ قىزىق نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

فىلىمدە مۇنى چىقىدىغان كۆرۈنۈش تەخمىنەن 15-20 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدىكەن، خۇددى چۇلبۇلنىڭ ئايالى رولىنى ئالغان سوناكشى سىنھاغا ئوخشاشلا. تاراتقۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، سوناكشى بىلەن سالمان ئارىسىغا قوشۇمچە قىستۇرۇپ قويۇلىدىغان بولسىمۇ بىراق بۇ ئارتىس پىتنە-ئېغۋالارغا زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ «داباڭ 3» نىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

DNA تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مۇنى راۋ «ئالتۇن مېدال»، «داباڭ 3» ۋە «Brahmastra» فىلىملىرىدىن كېيىن، ئۇ سالمان خاننىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى ئايۇش شارمانىڭ يېڭى فىلىمى «Raat Baaki» دا رول ئېلىشى مۇمكىن.

«داباڭ 3» فىلىمىگە پرابۇ دېۋا رېژىسسورلۇق قىلىدۇ، بۇ يىل 6-ئايدا سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇلىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • مۇكاپاتىنى رەت قىلغان ئالتە چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا رول ئالغان بەش چوڭ كىنو: قايسىسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەزەلدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالمايدىغان چولپانلار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى گۈزەل شىنجاڭلىق ساھىبجاماللار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تام كىرۇس 7260 مېتىر ئېگىزلىكتىن 106 قېتىم سەكرەپ كىنو ئىشلىگەنىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھوللىۋودتىكى ئەڭ قاۋۇل چولپان-دىۋايىن جونسون

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 13 ئەر چولپاننىڭ ياش ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان سۈرەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • 39 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ قېرىىشقا بوي بەرمىگەن ئۈچ ئايال چولپان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دىلرابا لايىق تاللاشتىكى تۆت شەرتىنى ئاشكارىلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015