20 ياشلىق بۇ يىگىت يۈرىكىگە بىر قېتىم توك قاچىلىسا 8 سائەت ياشىيالايدۇ

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-09 19:56:09

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: 

بۈگۈنكى كۈندە يانفون ھەممىمىزنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى بولۇپ قالدى، ئەمما ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ توك ئۇزۇن يەتمىگەچكە، كۆپىنچە چاغدا توكدان ئېلىپ يۈرىدىغان بولدۇق. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى، ئەنگلىيەدىكى 20 ياشلىق بۇ يىگىت كۈندە ئۆزىگە توك قاچىلاپ تۇرىدۇ، بولمىسا ئۆلۈپ قالىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىگىت ئەنگلىيەدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىكەن. ئۇ تۇغما كېڭىيىشچان يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى بولغاچقا، يۈرىكى نورمال ئادەمنىڭكىدىن خېلى ئاجىزكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن توختىماستىن دورا يەپ تۇرۇشى كېرەككەن. 

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن دورىلارمۇ ئۇنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالالمىغان، يىگىت ھەتتا نەپەسلىنىشتىمۇ قىينىلىدىغان بولۇپ قالغان، بەزىدە يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ سوقۇشتىن توختاپ قالغان. تەلىيىگە يارىشا، ئۆيىدىكىلەر ئۇنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، دوختۇرلار بار ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. 

ئۇنىڭغا دورا كار قىلماس بولۇپ قالغاچقا، دوختۇر ئۇنىڭغا يۈرەك سىلكىتكۈچ ئورنىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، مۇبادا ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالسا بەدىنىدىكى يۈرەك سىلكىتكۈچ بىلەن ئۆز ۋاقتىدا قۇتقۇزغىلى بولىدىكەن. 

بۇ ئۇسۇلدا ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولسىمۇ، ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن يۈرەكنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارنىڭ ھامان چېكى بار-دە! ئۈچ يىل بۇرۇن كۆپ قېتىم يۈرەك سىلكىتكۈچ ئىشلەتكەچكە، يۈرىكىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ كاردىن چىققان، ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغان بىردىنبىر ئامال يۈرەك كۆچۈرۈش بولۇپ قالغان. 

بىراق، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يۈرەك تېپىش ۋە يۈرەك ئىئانە قىلغۇچى بىلەن كېلىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ۋاقتىنچە ئۇنىڭغا مېخانىك يۈرەك سېلىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان. بىراق، مېخانىك يۈرەك توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا، يىگىت ھەر ۋاقىت يېنىدا زەرەتلىگىلى بولىدىغان باتارېيە ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك ئىدى. 

باتارېيەنىڭ توكى ئەڭ ئۇزۇن دېگەندىمۇ سەككىز سائەت يېتەتتى، مۇبادا باتارېيەنىڭ توك تۈگەپ كەتسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يىگىت يەنە توك ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ھەر قاچان دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ۋە ئۆز ۋاقتىدا توك قاچىلاپ تۇرۇشى لازىم ئىدى. ئۆيىدىكىلەر دېيىشىچە، يىگىتنىڭ بالدۇرراق يۈرەك كۆچۈرۈپ يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قالغان ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇسى باركەن. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى
  • مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئەر-ئايال 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خاڭجۇغا كېلىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى
  • ما يۈن راستتىنلا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنمۇ؟
  • ئەلى بابانىڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟
  • 14 يېشىدا ئايروپىلان ياسىغان كۇبالىق قىز «قايتا تۆرەلگەن ئېينىشتىيىن» دەپ ئاتالدى
  • بىل گەيتىس بىلەن ماسكنىڭ ئوخشاش بىر ئادىتى بار
  • ياپونىيەدىكى يانفونخۇمار ئۈچ يىگىتنىڭ يېڭى كەشپىياتى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەش ئىزدەش ماتورى شىركىتىگە نەزەر
  • ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن كېيىنكى يېڭى ماكانى — ئالەم كېمىسى
  • ئالما شىركىتى جيۇجەيگوۋ ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى
  • يانفون ئەپ دېتالى جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتىن 71 سېكۇنت بۇرۇن سىگنال بەرگەن
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا
  • يەر شارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق 25 چوڭ شەھەر: بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىن تىزىملىككە كىردى
  • ئەلى بابادا يىلدا نەچچە ئادەم نېمە سەۋەبتىن ئىستىپا بېرىدۇ؟
  • 8-ئاۋغۇست ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاينىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ
  • تېلېفون كەزمە ھەققىلا ئەمەس، بۇ ھەقلەرمۇ بىكار قىلىنىدۇ
  • گۇگول تەتقىقاتچىسى: يەر شارىدىكى ھاياتلىق 2045-يىلى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ12 ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺩﯦﻠﻮﻧﻰبىر تەرەپ قىلدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ iPhoneىدا پەقەت بىر تاللا ئەپ بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئومان قۇملۇقىدا تەقلىدىي مارس ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 غەيرىي كەسپ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015