ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ iPhoneىدا پەقەت بىر تاللا ئەپ بار

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-09 23:21:19

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: 

بۇ يىل 3-ئايدا تىرامپ ئاخىرى كونا نۇسخىدىكى سامسۇڭ يانفونى بىلەن خوشلىشىپ، iPhone7 ئىشلەتتى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ يانفونىدا پەقەت بىرلا ئەپ باركەن، يەنى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تىۋىتتېركەن. بىراق، بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ يانفونىدا تىۋىتتېردىن باشقا ھېچقانداق ئەپ يوقكەن، ھەتتا تور كۆرگۈچمۇ يوق. 

«نىيويورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېللىي ئەپەندىم زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ فوكىس ئاخباراتىنى كۆرۈشىنى توسمايدىكەن، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسىكەن. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، تىرامپ ھەتتا خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىمۇ ئۇقمايدىكەن. شۇڭا ئۇ ئاق ساراينىڭ سابىق باش ئىستراتېگىيەچىسى سىتىفىن باننوننىڭ ياردىمىدە مۇتەئەسسىپ تاراتقۇلارنىڭ ماقالىسىنى كۆرىدىكەن. 

باننون ئاق سارايدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق تىرامپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بۇ «ئۇچۇر مەنبەسى» ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. باننون ئىستېپا بېرىدىغان چاغدا: «مەن تىرامپ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا دېگەن گېپى راستتەك قىلىدۇ. 

ئوبامانىڭ زامانىدا، ئاق سارايدىكى مۇھىم ئەمەلدارلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قارا بۆلجۈرگەن ماركىلىق يانفون ئىشلىتەتتى. بۇ يانفونلارغا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ئىش قوشقان بولۇپ، خاككېرلارنىڭ ۋە جاسۇسلارنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىشىدىن ساقلىنالايدۇ. ئوباما چاقچاق قىلىپ: «بۇ ناھايىتى ئۇلۇغ يانفون، ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ئىشلىتىلگەن، بىراق بۇ يانفوندا سۈرەتكە تارتقىلى، پاراڭلاشقىلى، مۇزىكا قويغىلى بولمايدۇ، بۇنى يانفون دېگەندىن كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقى دېگەن تۈزۈكرەك» دېگەنىدى. 

تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ كونا نۇسخىدىكى سامسۇڭ يانفونىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يانفونى Galaxy S3 ئىدى. بۇ يىل 3-ئايدا، ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى بىلەن ئۇ سامسۇڭدىن ۋاز كېچىپ iPhone 7نى ئىشلەتكەن. ھالبۇكى، سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما: «مەن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ iPhone ئىشلەتمەيمەن» دېگەنىدى. ئۇنداقتا تىرامپ نېمە ئۈچۈن iPhone 7 ئىشلىتىشنى تاللايدۇ؟ ئەجەبا، تىم كۇك پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىرەر ئىش قىلغانمىدۇ؟!

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىرامپنىڭ iPhone 7سىدە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى ياساپ چىققان كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى باركەن، بۇ دېتالدا يانفوننى يىراقتىن تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىرامپنىڭ رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. چۈنكى، ئۇنىڭغا iPhone 30 ئېلىپ بەرسىمۇ تىۋىتتېرغا يازما يوللاشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى
  • مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئەر-ئايال 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خاڭجۇغا كېلىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى
  • ما يۈن راستتىنلا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنمۇ؟
  • ئەلى بابانىڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟
  • 14 يېشىدا ئايروپىلان ياسىغان كۇبالىق قىز «قايتا تۆرەلگەن ئېينىشتىيىن» دەپ ئاتالدى
  • بىل گەيتىس بىلەن ماسكنىڭ ئوخشاش بىر ئادىتى بار
  • ياپونىيەدىكى يانفونخۇمار ئۈچ يىگىتنىڭ يېڭى كەشپىياتى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەش ئىزدەش ماتورى شىركىتىگە نەزەر
  • ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن كېيىنكى يېڭى ماكانى — ئالەم كېمىسى
  • ئالما شىركىتى جيۇجەيگوۋ ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى
  • يانفون ئەپ دېتالى جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتىن 71 سېكۇنت بۇرۇن سىگنال بەرگەن
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا
  • يەر شارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق 25 چوڭ شەھەر: بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىن تىزىملىككە كىردى
  • ئەلى بابادا يىلدا نەچچە ئادەم نېمە سەۋەبتىن ئىستىپا بېرىدۇ؟
  • 8-ئاۋغۇست ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاينىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ
  • تېلېفون كەزمە ھەققىلا ئەمەس، بۇ ھەقلەرمۇ بىكار قىلىنىدۇ
  • گۇگول تەتقىقاتچىسى: يەر شارىدىكى ھاياتلىق 2045-يىلى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ12 ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺩﯦﻠﻮﻧﻰبىر تەرەپ قىلدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ iPhoneىدا پەقەت بىر تاللا ئەپ بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئومان قۇملۇقىدا تەقلىدىي مارس ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 غەيرىي كەسپ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015