مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئەر-ئايال 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خاڭجۇغا كېلىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 13:58:04

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: 

6-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، مېكسىكا زۇڭتۇڭى نېتو خاڭجۇغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن ئۇدۇللا ئەلى بابانىڭ شىشى باغچە رايونىغا كېلىپ كونا دوستى ما يۈەن بىلەن كۆرۈشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى قېتىم كۆرۈشۈشى ئىدى. كونا دوستلار كۆرۈشۈپلا ناھايىتى خۇشال بولدى، ئىككىلىسىنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى، ئۇلارنىڭ پارىڭى قىزىپ كېتىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكىلى تاس قالدى. 

نېتو ما يۈن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتىپ: «ھازىرقى ئەلى بابا پەقەتلا جۇڭگونىڭ شىركىتى ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى شىركەت بولۇپ قالدى» دېدى. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، ئەلى بابا ھازىر جۇڭگودىكى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى داڭلىق شىركەت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ۋە ياشلارنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنىدى. 

ئەلى بابانىڭ «ئالاقە تورى سودا ئۇل ئەسلىھەسى» يەر شارىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى ھەرىكەتلەندۈرمەكتە. شۇنىڭدەك، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلىرىنى بۇلۇت ھېسابلاش، يەر شارى ئوبوروت سىستېمىسى، دۆلەت ھالقىغان تور سودا سۇپىسى قاتارلىق چوڭ سېلىنمىلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئەلى بابانىڭ ھازىرقى ھالىتى «ئامازون» غا بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، پۇرسەتتىن دۇنيا ئەھلى بىلەن بىللە بەھرىمەن بولدى. ئۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇن قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما قىلالمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقاردى. 

نېتو بىلەن ئايالى خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى زەن سېلىپ ئاڭلىماقتا. 

ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلگەن نېتو ئەر-ئايال جۇڭگونىڭ مول مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە چاي سەنئىتىگە قىزىقىپ قالدى. ما يۈن بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭداشتى. 

زۇڭتۇڭ نېتو مېكسىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئەلى بابا بىلەن ئالاقە تورى ئارقىلىق مېكسىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى يەر شارىلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. مۇبادا، بۇ تۈرلەر ئۇتۇقلۇق يولغا قويۇلۇپ قالسا، مېكسىكىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىپ تور سودىسى قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەلقئارا بازارنى ئېچىش، دۇنياۋى پۇرسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

ئەلى بابانىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى قويۇق جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەنىدى. نېتو ئەر-ئايال بۇ قۇرۇلۇشلارغا باشقىچىلا قىزىقىپ قالدى. 

نېتو بامبۇكتىن ياسالغان ماۋۇ ۋېلىسىپىتقا بەكلا قىزىقىپ قالدى. چۈنكى، بۇ ۋېلىسىپىت ھەم مۇھىت ئاسرايدۇ ھەم ناھايىتى زامانىۋى، كوچىغا مىنىپ چىقسا قارىمايدىغان ئادەم قالماسلىقى مۇمكىن. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى
  • مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئەر-ئايال 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خاڭجۇغا كېلىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى
  • ما يۈن راستتىنلا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنمۇ؟
  • ئەلى بابانىڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟
  • 14 يېشىدا ئايروپىلان ياسىغان كۇبالىق قىز «قايتا تۆرەلگەن ئېينىشتىيىن» دەپ ئاتالدى
  • بىل گەيتىس بىلەن ماسكنىڭ ئوخشاش بىر ئادىتى بار
  • ياپونىيەدىكى يانفونخۇمار ئۈچ يىگىتنىڭ يېڭى كەشپىياتى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەش ئىزدەش ماتورى شىركىتىگە نەزەر
  • ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن كېيىنكى يېڭى ماكانى — ئالەم كېمىسى
  • ئالما شىركىتى جيۇجەيگوۋ ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى
  • يانفون ئەپ دېتالى جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتىن 71 سېكۇنت بۇرۇن سىگنال بەرگەن
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا
  • يەر شارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق 25 چوڭ شەھەر: بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىن تىزىملىككە كىردى
  • ئەلى بابادا يىلدا نەچچە ئادەم نېمە سەۋەبتىن ئىستىپا بېرىدۇ؟
  • 8-ئاۋغۇست ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاينىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ
  • تېلېفون كەزمە ھەققىلا ئەمەس، بۇ ھەقلەرمۇ بىكار قىلىنىدۇ
  • گۇگول تەتقىقاتچىسى: يەر شارىدىكى ھاياتلىق 2045-يىلى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ12 ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺩﯦﻠﻮﻧﻰبىر تەرەپ قىلدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ iPhoneىدا پەقەت بىر تاللا ئەپ بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئومان قۇملۇقىدا تەقلىدىي مارس ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 غەيرىي كەسپ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015