تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-12 02:23:04

يېقىندىن بۇيان يانفون ساھەسىدە «تولۇق ئېكرانلىق» دېگەن ئۇقۇم تازا ئەۋج ئالدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا خەۋىرى تارقالغان ئالمىنىڭ تولۇق ئېكرانلىق يانفونىدىن باشقا يەنە شياۋمى، خۇاۋېي، vivo، جىنلى قاتارلىق يانفون شىركەتلىرىمۇ بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ تولۇق ئېكرانلىق يانفونلىرىنى ئېلان قىلدى، دېمەك تولۇق ئېكران بۇنىڭدىن كېيىنكى يانفون تەرەققىياتىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشكە ئايلاندى. ئۇنداقتا تولۇق ئېكران دېگەن زادى نېمە؟ تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ قانداق كەمچىلىكلىرى بار؟ بۈگۈن مەزكۇر ماقالىمىزدە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:

تولۇق ئېكران دېگەن نېمە؟

ئالدى بىلەن بىز زادى قانداق يانفوننىڭ تولۇق ئېكرانلىق يانفون دېگەن نامغا لايىق كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم، گەرچە ئەمەلىيەتتە ھەر قايسى يانفون ماركىلىرىنىڭ تولۇق ئېكرانغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى ئانچە ئوخشىمىسىمۇ بىراق كۆپچىلىك شۇنى ئېتىراپ قىلىدۇكى، «تولۇق ئېكران» دېگەن بۇ ئۇقۇم بۇلتۇر شىياۋمى MIX يانفونىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەينى ۋاقىتتا شياۋمى ئوتتۇرىغا چىقارغان تولۇق ئېكرانلىق MIX يانفونىنىڭ ئۈچ تەرەپ رامكىسى ئىنتايىن تار گىرۋەكلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن، ھەتتا ئارىلىق سېنزورى تۆشۈكى، ياڭراتقۇ تۆشۈكى ۋە ئالدى كامېرانىمۇ يانفوننىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن شياۋمى MIX يانفونىنىڭ ئېكران نىسبىتى %91.3كە يەتكەن ئىدى.

 بىراق، ئارقىدىنلا سامسۇڭ باشقىچە بىر جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلارنىڭ لايىھەسى ئاستى-ئۈستى تار رامكىلىق، ئىككى يېنى ئەگرى ئېكرانلىق لايىھە بولۇپ، ئەگرى ئېكرانلىق لايىھە ئارقىلىق ئېكراننىڭ ئىككى تەرىپىنى پۈتۈنلەي رامكىسىز قىلىش ئۈنۈمىنى ياراتتى. ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى تولۇق ئېكرانلىق يانفون ياساۋاتقان شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان لايىھەلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ بىراق ئەگرى ئېكرانلىق لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى.

تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئۈچىنچى خىلى شارپ S2 ۋە iphone8 يانفونلىرىغا ئوخشاش لايىھە بولۇپ، بۇ خىل لايىھەدە گەرچە ئاڭلاش تۇرۇپكىسى، كامېرا قاتارلىقلارنى يوقىتىۋېتەلمىگەن بولسىمۇ بىراق غەيرى شەكىللىك ئېكران لايىھەسىنى قوللانغاچقا ئېكران نىسبىتىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە iphone 8 يانفونىغا AMOLED ماتېرىياللىق ئېكران ئىشلىتىلگەچكە، ئاستى تەرىپى گىرۋەكسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، پەقەت ئاڭلاش تۇرۇپكىسىلا ئېكراننىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

گەرچە ھەر قايسى يانفون شىركەتلىرىنىڭ تولۇق ئېكرانلىق لايىھەسىدە پەرق بولسىمۇ بىراق ھازىرقى لايىھەلەردىن قارىغاندا تولۇق ئېكرانلىق يانفونلار ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:

1. ئېكراننىڭ يانفوندىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

2. 16:9 نىسبەتتىكى ئېكراندىنمۇ ئۇزۇن بولغان ئېكران سەپلەنگەن بولىدۇ.

1. كۆرسىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ.

شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئادەتتىكى ئېكرانلارغا قارىغاندا تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ، ھەتتا قالتىسلىقىدىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرالايدۇ، ھازىرقى 18:9 نىسبەتتىكى تولۇق ئېكرانلىق يانفونلار ئىلگىرى چىققان تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ «پاكار، توم، سېمىز» بولۇشتەك ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە قارىماققا يانفوننى تېخىمۇ نېپىز ۋە ئۇزۇن كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل يانفونلارنىڭ قولدا تۇتۇش سېزىمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

2. ئۈنۈملۈك كۆرسىتىش يۈزى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ

يەنە بىر تەرىپى تولۇق ئېكران سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ كۆرسىتىش يۈزى تېخىمۇ كەڭرى بولىدۇ، سامسۇڭ S8+ نى مىسالغا ئالساق گەرچە ئۇنىڭ ئېكرانى 6.6 دىيۇملۇق بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن يانفوننىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئېكرانى 5.5 دىيۇملۇق iphone 7 Plus تىنمۇ كىچىك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى تولۇق ئېكران يانفوننىڭ ئېكرانىنى كىچىكلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يانفون  گەۋدىسىنى تېخىمۇ چاققان قىلالايدۇ، ياكى يانفون گەۋدىسىنى چوڭايتماي تۇرۇپمۇ ئېكراننى تېخىمۇ چوڭ قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

3. يانفون بىلەن ئىشلەتكۈچىنى يېڭىچە ئالاقە شەكلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا تولۇق ئېكراننىڭ مەيدانغا كېلىشى يانفون شىركەتلىرىنى ھازىرقى بارماق ئىزىنى ئاساس قىلغان يانفون بىلەن ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە شەكلىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن يانفون شىركەتلىرى ئالدى بىلەن تولۇق ئېكرانلىق يانفونلاردا بارماق ئىزى ئارقىلىق تونۇش ئورنىنى زادى ئېكرانغا توپلاشتۇرىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى يانفوننىڭ ئارقا تەرىپىگىمۇ؟ ئۇنىڭدىن قالسا چىراي تونۇش، كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇش قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋاقتى كەلدىمۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئويلىشىشقا باشلىدى.

تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ كەمچىلىكلىرى

بىراق ھازىر تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا قارىغاندا تۆۋەندىكى كەمچىلىكلىرى تېخىمۇ روشەن بولۇۋاتىدۇ.

1. تەننەرخى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى

ئادەتتىكى ئېكرانلارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر تولۇق يۈزلۈك ئېكرانلارنىڭ تەننەرخى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەقىقەتەنمۇ بىر مەسىلىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ iphone 8 يانفونى ۋە شارپ S2 يانفونىغا ئوخشاش غەيرى شەكىللىك ئەگرى ئېكرانلارنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش تەس بولغاچقا، بۇ ئامىللار تېخى بازارغا سېلىنمىغان iphone 8 يانفونىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىۋېتىشى ۋە مال يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2. ئاسان سۇنۇپ كېتىدۇ.

ئېكراننىڭ يانفوندا ئىگەللىگەن نىسبىتىنىڭ چوڭىيىشى يەنە ئېكراننىڭ سۇنۇپ كېتىش  خەۋپىنىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ، بۇ تەرىپىنى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز.

3. رېمونىت قىلىش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ

تەننەرخ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان ئەھۋالدا تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئېكرانىنى ئالماشتۇرۇش ھەققى تەبىئى ھالدا يۇقىرى بولىدۇ.  سامسۇڭ S8+ يانفونىنى مىسالغا ئالساق ئۇنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئېكران ئالماشتۇرۇش ھەققى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئورگان تەرەپنىڭ باھاسى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ، راستىنى ئېيتقاندا بۇنچىلىك پۇلغا خېلى يامان ئەمەس يېڭى يانفوندىن بىرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى
  • مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئەر-ئايال 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خاڭجۇغا كېلىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى
  • ما يۈن راستتىنلا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنمۇ؟
  • ئەلى بابانىڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟
  • 14 يېشىدا ئايروپىلان ياسىغان كۇبالىق قىز «قايتا تۆرەلگەن ئېينىشتىيىن» دەپ ئاتالدى
  • بىل گەيتىس بىلەن ماسكنىڭ ئوخشاش بىر ئادىتى بار
  • ياپونىيەدىكى يانفونخۇمار ئۈچ يىگىتنىڭ يېڭى كەشپىياتى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەش ئىزدەش ماتورى شىركىتىگە نەزەر
  • ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن كېيىنكى يېڭى ماكانى — ئالەم كېمىسى
  • ئالما شىركىتى جيۇجەيگوۋ ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى
  • يانفون ئەپ دېتالى جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتىن 71 سېكۇنت بۇرۇن سىگنال بەرگەن
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا
  • يەر شارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق 25 چوڭ شەھەر: بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىن تىزىملىككە كىردى
  • ئەلى بابادا يىلدا نەچچە ئادەم نېمە سەۋەبتىن ئىستىپا بېرىدۇ؟
  • 8-ئاۋغۇست ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاينىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ
  • تېلېفون كەزمە ھەققىلا ئەمەس، بۇ ھەقلەرمۇ بىكار قىلىنىدۇ
  • گۇگول تەتقىقاتچىسى: يەر شارىدىكى ھاياتلىق 2045-يىلى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ12 ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺩﯦﻠﻮﻧﻰبىر تەرەپ قىلدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ iPhoneىدا پەقەت بىر تاللا ئەپ بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئومان قۇملۇقىدا تەقلىدىي مارس ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 غەيرىي كەسپ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015