تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللارنىڭ iPhoneدا تارتىلغان سۈرەتلىرى ژۇرنال مۇقاۋىسىدا

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-12 20:52:04

ۋېيفېڭ تورى خەۋىرى:

iPhone ئارقىلىق ژورنال مۇقاۋا سۈرىتىنى تارتىش يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بىر قىسىم داڭلىق رىژىسسورلارمۇ iPhone ئارقىلىق كىنو ئىشلەپ باققان. لۇيىسا دور (Luisa Dorr) ئەمما «دەۋىر ھەپتىلىكى» ژورنىلى ئۈچۈن تارتقان دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئاياللارنىڭ بىر گۇرۇپپا سۈرىتى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. لۇيىسا دور iPhone ئارقىلىق 46 نەپەر تەسىر كۈچى بار ئايال شەخسنىڭ سۈرىتىنى تارتقان بولۇپ، «دەۋىر ھەپتىلىكى» بۇ سۈرەتلەرنىڭ 12 پارچىسىنى مۇقاۋىغا باسقان.

28 ياشلىق بۇ فوتوگراف 2012-يىلىدىن باشلاپ iPhone ئارقىلىق سۈرەت تارتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، iPhone ئارقىلىق ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا خالىغانچە سۈرەت تارتقىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ كامېرا، ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە باتارېيە ئېلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقكەن. بىز ئادەتتە كۆرىدىغان ئەڭ تەسىر كۈچى بار ئاياللارنىڭ سۈرىتى رەسىم تارتىلىپ بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىش قوشۇش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ، ئەمما لۇيىسا دورنىڭ بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرىتىگە كۆپ ئىش كەتمەيدۇ، پەقەت بىر نۇر قايتۇرغۇچ تاختا بولسىلا كۇپايە. iPhone فوتوگرافى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆزىنى چەكسىز يېنىك، ئەركىن ھېس قىلىدۇ.

لۇيىسا دور جەمئىي تۆت دانە iPhone نى ئۆزىنىڭ سۈرەت تارتىش قورالى قىلغان، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا  iPhone 5、iPhone 6、iPhone 6s Plus ۋە iPhone 7 قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ ھەر قېتىملىق سۈرەت تارتىشقا پەقەت 20 مىنۇتچە ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، يورۇقلۇق ئەھۋالى ئوخشىمىغاچقا، بەزىدە ئاپتوماتىك HDR ئىقتىدارى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

 تۆۋەندە بىز iPhone ئارقىلىق تارتىلىپ «دەۋىر ھەپتىلىكى» ژورنىلى مۇقاۋىسىغا بېسىلغان 12 نەپەر دۇنيادا ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئايالنىڭ سۈرىتىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ھىلارى كىلىنتون (Hillary  Clinton)، ئامېرىكىلىق ئادۋوكات، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىيونى، 67-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، نىيو يورك ئىشتاتى فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتوڭى بىل كىلىنتوننىڭ ئايالى.

مونې داۋىس (Mo'ne Davis) دۇنيا ئۆسمۈرلەر كالتەك توپ بىرلەشمىسىنىڭ ئايال ماھىرى. ئۇ 2014-يىلى دۇنيا ئۆسمۈرلەر كالتەك توپ بىرلەشمىسىگە تۆھپە قوشقان ئىككى ئايال ماھىرنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنيا ئۆسمۈرلەر كالتەك توپ بىرلەشمىسى مۇسابىقە تارىخىدا تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئايال، ئۇ تەنتەربىيە رەسىملىك ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.

ئوپرا ۋىنفرېي (Oprah Winfrey) ئامېرىكىلىق ئارتىس، فىلىم ئىشلىگۈچى، رىياسەتچى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئاياللارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ: Harpo Films كىنوچىلىق گوروھىنىڭ پېيىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بايلىققا ئېرىشكەن؛ ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسى «The Oprah Winfrey Show» نىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 33 مىليونغا يەتكەن، شۇنداقلا ئۇدا 16 يىل ئوخشاش تۈردىكى پىروگراممىلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان؛ 23 يىل داۋاملاشقان بۇ پىروگرامما 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلاشقان.

سيلۋىيا ئيېرلې (Sylvia Earle) ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىملىق ئېكىسپىدىيەچىسى، ئۇ «نىيۇ يوركلۇقلار» ۋە «نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن «دېڭىز ئايال شاھى» دەپ تەرىپلەنگەن؛ ئامېرىكا پارلامېنت كۈتۈپخانىسى ئۇنى «تېرىك رىۋايەت» دەپ تەرىپلىسە، «ۋاقىت ژورنىلى» ئۇنى تۇنجى «يەر شارى قەھرىمانى» دەپ ئاتىغان، ئۇ يەنە ئوكيانشۇناش، ئېكسپېدىتسىيەچى، يازغۇچى ۋە نۇتۇقشۇناس.

سېلېنا گومىز (Selena Gomez) ئامېرىكىلىق ئايال ئارتىس، ناخشىچى.

سېلىنې جېيسون، ئۇ ئىلگىرى نېۋادا ئىشتاتى ئېپىسكوپلار رايونىنىڭ 9-نۆۋەتلىك ئېپىسكوپى، ئامېرىكا ئېپىسكوپلار جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى ئايال ئېپىسكوپى بولغان.

ئېۋا دۇۋېرنېي (Ava DuVernay) ئايال رىژىسسور. ئۇ ئىلگىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن نۇرغۇنلىغان فىلىملەرگە رىژىسسورلۇق قىلغان.

نىككى خالېي (Nikki Haley)  ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى.

لوري روبىنسون (Lori Robinson) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئايال گېنېرالى، جەڭ قوماندانى، ئامېرىكا تېنچ-ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى.

ئېللېن دېگېنېرېس (Ellen DeGeneres) ئامېرىكىلىق رىياسەتچى، ئارتىس. 2007-يىلى 79-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش كېچىكىلىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2012-يىلى رەسمىي ھالدا ھوللىۋودتىكى چولپانلار يولىغا ئىسمى بېسىلغان. 2014-يىلى يەنە بىر قېتىم ئوسكارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇ ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلەر تاللاش مۇكاپاتىنى باھالاشتا ئەڭ ياخشى كومېدىيە ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۆز ئىسمى بىلەن نام بېرىلگەن «Ellen Show» تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن.

ئارخان ئۆمەر، سىياسىيون.

جانېت يېللېن (Janet L. Yellen ھازىرقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە نامزاتلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىلىم يۇرتى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي تارماق مەكتىپى ئىقتىساد ۋە سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى. ئۇ ئامېرىكا نامزاتلار ھەيئىتى قۇرۇلغان 100 يىللىق تارىخىدىكى تۇنجى ئايال رەئىس.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • تولۇق ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئەۋزەللىك ۋە كەمچىلىكلىرى
  • مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئەر-ئايال 10 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خاڭجۇغا كېلىپ ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى
  • ما يۈن راستتىنلا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنمۇ؟
  • ئەلى بابانىڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟
  • 14 يېشىدا ئايروپىلان ياسىغان كۇبالىق قىز «قايتا تۆرەلگەن ئېينىشتىيىن» دەپ ئاتالدى
  • بىل گەيتىس بىلەن ماسكنىڭ ئوخشاش بىر ئادىتى بار
  • ياپونىيەدىكى يانفونخۇمار ئۈچ يىگىتنىڭ يېڭى كەشپىياتى
  • دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەش ئىزدەش ماتورى شىركىتىگە نەزەر
  • ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن كېيىنكى يېڭى ماكانى — ئالەم كېمىسى
  • ئالما شىركىتى جيۇجەيگوۋ ئاپەت رايونىغا يەتتە مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى
  • يانفون ئەپ دېتالى جيۇجەيگوۋدىكى يەر تەۋرەشتىن 71 سېكۇنت بۇرۇن سىگنال بەرگەن
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا
  • يەر شارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق 25 چوڭ شەھەر: بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىن تىزىملىككە كىردى
  • ئەلى بابادا يىلدا نەچچە ئادەم نېمە سەۋەبتىن ئىستىپا بېرىدۇ؟
  • 8-ئاۋغۇست ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاينىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ
  • تېلېفون كەزمە ھەققىلا ئەمەس، بۇ ھەقلەرمۇ بىكار قىلىنىدۇ
  • گۇگول تەتقىقاتچىسى: يەر شارىدىكى ھاياتلىق 2045-يىلى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ12 ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺩﯦﻠﻮﻧﻰبىر تەرەپ قىلدى
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ iPhoneىدا پەقەت بىر تاللا ئەپ بار

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئومان قۇملۇقىدا تەقلىدىي مارس ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تەۋرەشتە جانلىق مەزگىلدە تۇرماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 10 غەيرىي كەسپ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015