پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سەككىز باينى بىلەمسىز؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-11 18:05:28

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :
بىرىنچى، بىل گەيتس، 61 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 90 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
20 ياشلىق بىل گەيتس دوستى پائۇل بىلەن مىكروسوفتنى قۇرغان. بىل گەيتس 31 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن مىكروسوفتنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىلياردېرغا ئايلاندى. ئۇ 2001-يىلى مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، 2014-يىلى باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىنمۇ ئىستېپا بەردى. گەرچە يەنىلا مۇدىرىيەت ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن شىركەتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشمايدۇ.
بىل گەيتس 2013-يىلى مايدىن 2017-يىلى ئىيۇلغىچە ئىزچىل دۇنيادىكى بىرىنچى بايلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن، يېقىندا بېزوس ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتتى. لېكىن، ئۇ يەنىلا ئەڭ سېخىي بىرىنچى باي. 1999-يىلىدىن بۇيان ئايالى بىلەن مېلاندا-گەيتس فوندىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەيرى-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرى. بۇ فوندى جەمئىيىتى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىئانە مەبلىغىنى باشقۇرىدۇ، مەقسىتى مىليونلىغان كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەيدىز، بەزگەك ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يوقىتىش. بۇ ئەر-خوتۇن يانفون بانكىسى كەسپىنى ھازىرغىچە بانكا ھېساباتى يوق 2 مىليارد قورامىغا يەتكەن كىشىگە كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

ئىككىنچى، جېف بېزوس، 53 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 105 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
بېزوس ئىلگىرى قىسقا ۋاقىت بىل گەيتستىن ھالقىپ دۇنيادىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان. ئۇ تور سودا كەسپى ئارقىلىق غايەت زور بايلىققا ئېرىشتى. 1994-يىلى سېئاتېلدىكى ئۆيىنىڭ ئاپتوموبىل ئامبىرىدا ئامازوننى قۇردى ھەم توردا كىتاب سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئامازوننىڭ پېيى بازارغا سېلىندى، ئارقىدىنلا تور سودا ماگناتىغا ئايلىنىپ، ئائىلە جاھازىلىرى، يېمەكلىك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا باشلىدى. ئامازون ھەتتا ئەمەلىي پارچە سېتىش كەسپىگىچە كېڭەيدى، ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا 13 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا WFM يېمەكلىك شىركىتىنى سېتىۋالدى.
ئامازوندىن باشقا، بېزوسنىڭ باشقا كەسىپلىرىمۇ بار، ئۇ شەخسىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى «Blue Origin»نى قۇرغان ھەم 2015-يىلى تۇنجى راكېتانى غەلىبىلىك قويۇپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىلى « ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نى سېتىۋالغان. 

ئۈچىنچى، مارك زاكېربېرگ، 33 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 70 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
2004-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 19 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى زاكېربېرگ فېيسبۇكنى ئېلان قىلدى، ئۇ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى كەڭ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئايلاندى. زاكىربىرگ ئوقۇشتىن چېكىنىپ، فېيسبۇكنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇشنى تاللىدى، بۇ تور بېكەت ھازىر پارتلاش خاراكتېرلىك ئاشتى. ھازىر ئىككى مىليارد ئاكتىپ ئابۇنتى بار، قىممىتى 480 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
33 ياشلىق زاكېربېرگنىڭ يېشى دۇنيادىكى 50 باينىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك. ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 20 مىليارد 500 مىليون دوللار ئاشتى. 2015-يىلى دېكابىردا، زاكېربېرگنىڭ ئايالى «چېن-زاكېربىرگ» ناملىق تەشكىلاتقا %99 بايلىقىنى ئىئانە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بەزى ئوبزورچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەشكىلات بىر پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا بۇ خەۋەرمۇ ئازدۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن.

تۆتىنچى، لارىي ئېلىسون، 72 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 50 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
ئېلىسون 1977-يىلى بىر ئېلېكتىرون شىركىتىدىكى ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش شىركىتىنى قۇردى، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ شىركەت CIA (مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى) ئۈچۈن مۇناسىۋەت تىپلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ بەردى، بۇ تۈرنىڭ ۋاكالەت نومۇرى «ئورەكول» ئىدى. كېيىن بۇ تۈر تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ئورەكول شىركىتىگە ئايلاندى، بۇ شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىلقى تىجارەت كىرىمى 37 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.
ئېلىسون 2010-يىلى ئۆزىنىڭ يىللىق مائاشىنى بىر مىليون دوللاردىن بىر دوللارغا تۆۋەنلەتتى، لېكىن پاي چېكى مۇكاپاتى بار بولغاچقا، ئۇ يەنىلا 60 مىليون دوللارغا ئېرىشەلەيدۇ. 2014-يىلى 38 يىل ئۆتىگەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلىسون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، شىركەتنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ تېخنىكا ماگناتىمۇ بىر سېخىي خەيرى-ساخاۋەتچى، ئۇنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ھەم ئېلىسون فوندى تەشكىلاتى ئارقىلىق قېرىلىشىش ۋە يەر شارى يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقاتىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ بىل گەيتىس ۋە باففېت قۇرغان «ئىئانە قىلىش قەسەمنامە»سىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ يېرىم بايلىقىنى ئىئانە قىلىدۇ.

بەشىنچى: لاررىي پېيج، 44 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 48 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
1998-يىلى ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان لاررىي پېيج ساۋاقدىشى بىرىن بىلەن دەسلەپكى ئىزدەش موتورى BackRubنى بەرپا قىلدى. كېيىن بۇ تۈر تەرەققىي قىلىپ گۇگولغا ئايلاندى، ھازىر ئالفابېت دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ زور شىركەتنىڭ بىرى، بازار قىممىتى 660 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا پېيجنىڭ بايلىقى 8 مىليارد 50 مىليون دوللار ئاشتى.
2015-يىلى، پېج گۇگۇلنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چوڭ تەڭشەشنى نازارەت قىلىپ، ئالدى بىلەن گۇگولنى ۋە باشقا ئالاقىدار كارخانىلارنى باشقۇرىدىغان پاي كونترول شىركىتىنى قۇردى. گۇگولنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پېج ئالفابېتنى ئىلىكىگە ئېلىپ، تەتقىقاتنى تۇرالغۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن ئادەمسىز ھەيدەشكىچە، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ساھەسىگىچە كېڭەيتتى.
پېيج بەك ھەشەمەتچىلىك قىلمايدۇ، لېكىن بۇ يېڭى ئېنېرگىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ بىر سەيلە كېمىسى بىلەن يەر ئىسسىقلىقىنى ئىشلىتىدىغان ۋە يامغۇر سۈيىنى يىغىپ مۇھىت ئاسرايدىغان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ بىر تەلۋە دولقۇن يارغۇچى.

ئالتىنچى: سېرگىي بىرىن، 43 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 46 مىليارد 800 مىليون دوللار
2015-يىلى گۇگولنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى لارىي پېج بىلەن سېرگىي بىرىن گۇگولغا ياردەملىشىپ زور كۆلەملىك قايتا تەشكىللەشنى تاماملايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. قايتا تەشكىللەشتىن كېيىن گۇگول ئالفابېتنىڭ قارمىقىدىكى بالا شىركەتكە ئايلاندى، بىرىن ئالفابېتنىڭ لېدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولدى. Nest ۋە Google X قاتارلىق گۇگولنىڭ باشقا شىركەتلىرىمۇ ئالفابېتنىڭ قارمىقىدىكى مۇستەقىل شىركەتكە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى قايتا تەشكىللەشتىن كېيىن، بىرىن پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ «ئاي شارى ئۈستىدە ئىزدىنىش» پىلانى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئالفابېت داڭلىق ئىختىساسلىقلار ۋە مول بايلىققا تايىنىپ، تۇرالغۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ئادەمسىز ھەيدەشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
كىچىك ۋاقتىدا موسكۋادىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بىرىن 1995-يىلى ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا لارىي پېيج بىلەن تونۇشقان، ئۇ ۋاقىتتا ئىكەيلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتاتتى. ئۈچ يىلدىن كىيىن گۇگولنى قۇردى، ھازىر گۇگول دۇنيادىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور شىركەتكە ئايلاندى. ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇنىڭ بايلىقى 7 مىليارد 620 مىليون دوللار ئاشتى.

يەتتىنچى، ما يۈن، 52 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 43 مىليارد 800 مىليون دوللار
دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى باي، ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما يۈن 1988-يىلى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىنتېرنېت شىركىتى «جۇڭگو تۇرمۇش بېتى»نى قۇردى. 1996-يىلى بۇ شىركەتنىڭ پاي كونترول ھوقۇقىنى جۇڭگو دۆلەت ئىلىكىدىكى تېلېگراف شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئۈچ يىلدىن كېيىن ما يۈن 60 دوللارلىق روي خەتكە ئالدۇرۇش كاپىتال بىلەن ئەلى بابانى قۇردى. بۇ تور سودا شىركىتى قۇرۇلۇپ 15 يىلدىن كېيىن 25 مىليارد دوللار بازار قىممىتى بىلەن دۇنيا IPO تارىخىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش رېكورتىنى ياراتتى. لېكىن، IPOدىن كېيىن ئەلى بابانىڭ ئامىتى قاچتى. 2015-يىلى ئەلى بابانىڭ پاي چېكى باھاسى %22 چۈشۈپ كەتتى، بۇ بەلكىم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقى ۋە شىركەت سۇپىسىدىكى ساختىلىقتىن ئەنسىرەشلەرنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ما يۈن ئەنسىرىمەيدۇ، ئۇ 2016-يىلىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەلى بابانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك غەلىبىسىگە ئىشەنچىسى بار. ئۆتكەن بىر يىلدا ما يۈننىڭ بايلىقى 10 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشتى.

سەككىزىنچى، ستېۋ بالمېر، 61 ياش، بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 30 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
بالمېر 1980-يىلى ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنستىتۇتىدىن چېكىنىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تونۇشقان بىل گەيتىس بىلەن مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ، شىركەتنىڭ تۇنجى كەسىپ لېدىرى بولغان ھەم 50 دوللار مائاش ۋە بىر قىسىم پاي چېكىگە ئېرىشكەن. مىكروسوفتتىكى مەزگىلدە، بالمېر بازار تىجارىتى مۇئاۋىن لېدىرى، سىستېما يۇمشاق دېتال مۇئاۋىن باش لېدىرى، سېتىش ۋە قوللاش ئىجرائىيە مۇئاۋىن لېدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، باشقىلار دائىم ئۇنى «the numbers guy» دەپ ئاتايدۇ.
بىل گەيتس 2001-يىلى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئۇ مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولدى، 2014-يىلى ساتىيا نادېللا ئۇنىڭ ئورنىغا چىقتى. مىكروسوفتنى باشقۇرغان مەزگىلدە، مىكروسوفتنىڭ تىجارەت كىرىمى %294، پايدىسى %181 ئاشتى، گەرچە مىكروسوفتنىڭ بازار ئۈلۈشى ئالما بىلەن گۇگولنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىسىمۇ، لېكىن بالمېر دەسلەپ سېتىۋالغان شىركەتنىڭ پاي چېكىگە تايىنىپ ناھايىتى بېيىپ كەتتى. باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بالمېر بىر NBA كوماندىسىغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا لوس ئانجىلىس كاتېر كوماندىسىنى سېتىۋالدى، ھازىر بۇ كوماندا ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى بالمېرنىڭ بايلىقى 4 مىليارد 180 مىليون ئاشتى.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دوستلار چەمبىرىكى چىقارمايدىغان كىشىلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: ئوقۇغۇچىسى 100گە يەتمەيدىغان يېزا مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرىۋېتىش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققۇچى 45 يىل يوشۇرغان مەخپىيەتلىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما خۇاتېڭ: ئايالىم بىلەن QQ ئارقىلىق تونۇشقان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015