ئەلى چىقىمدانى قاتارلىقلار ئابۇنتلار مەخپىيەتلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك سۆھبەتكە چاقىرتىلدى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-01-14 19:49:37

techweb تورى 14-يانۋار خەۋىرى، :

يېقىندا يانفون يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئابۇنتلار شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلسىى توردا شىددەت بىلەن تارقالدى، بۇنىڭغا قارىتا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بېيجىڭ بەيدۇ تور خەۋەرلىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھى شىركىتى (ئەلى چىقىمدانى)، بېيجىڭ بىت سەكرىتىش پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى (بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر)نى سۆھبەتكە چاقىردى. 

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى قارارى»، «تېلېگراف ۋە ئىنتېرنېت ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداش بەلگىلىمىسى» (سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 24-نومۇرلۇق بۇيرۇقى)دىك ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۈچ كارخانىدا بىردەك ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ئىشلىتىش قائىدىسى، ئىشلىتىش مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانغان بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ ئۈچ كارخانىدىن ئابۇنتلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەلەپ قىلدى. 

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى ئۈچ كارخانا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەر ۋە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاپ ئىشلىتىش قىلمىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئالاقىدار بىخەتەرلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە يۇقىرىقى ئۈچ شىركەتنىڭ ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە يېتەرلىك پاكىت كەمچىل ئىكەن. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • 250 مىليون يىلدىن كېيىن يەر شارىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟
  • پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سەككىز باينى بىلەمسىز؟
  • شياۋمىنىڭ 2017-يىلىغا نەزەر
  • ئىنسانلار مارستا پەقەت 60 كۈنلا ياشىيالايدۇ
  • ھەقىقىي پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون قانداق بولىدۇ؟
  • لېشى كۆچمە تارمىقىنىڭ سابىق CEOسى ئابلىكىم ليەنشياڭغا كىردى
  • ئەلى بابا 2017-يىلى مەبلەغ سالغان 10 چوڭ تۈر
  • ئامېرىكا ئالىملىرى: تاشقى پىلانېت ئۇچار كېمىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇت
  • تېخنىكا ساھەسىدىكى چوڭاملاردىن كىم پېشقەدەم كادىرغا ئەڭ ئوخشايدۇ؟
  • ما يۈن: كەلگۈسى 30 يىلدا ماشىنا ئادەم راسىت ئادەمگە ئۆزگىرىدۇ ئىنتېرنېت «يوق»لۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ
  • ﻧﻮﻛﯩﻴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ؟
  • ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ مەخپىي نومۇر ئىشلىتىش ئادىتىدە زور پەرق بارلىقى بايقالدى
  • كىتابنى قانداق ئوقۇش كېرەك؟ بىل گەيتىس مۇنداق دەيدۇ
  • ماخۇتېڭ : ئۈندىدارنىڭ QQ غا زەربە بېرىشى ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەت
  • «iPhone دەۋرى»دىن بۇرۇن بىزگە ھەمراھ بولغان يانفونلار
  • تاۋباۋ سودىگىرى 320 مىليون يۈەنگە بوئىن 747 ئايروپىلانىدىن ئىككىنى ساتتى
  • جۇڭگو يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان تەتقىق قىلماقتا 14 مىنۇتتا جۇڭگودىن ئامېرىكىغا بېرىپ بولغىلى بولىدۇ
  • خۇاۋېي CEOسى: دۇنيادا نامراتلار جىق، شۇڭا تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونغا ئېتىبار بېرىش كېرەك
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققۇچى 45 يىل يوشۇرغان مەخپىيەتلىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما خۇاتېڭ: ئايالىم بىلەن QQ ئارقىلىق تونۇشقان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەلى بابا 2017-يىلى مەبلەغ سالغان 10 چوڭ تۈر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دەۋر» ژۇرنىلى 2017-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 25 كەشپىياتنى باھالىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايسى جانلىقنىڭ نەسلى قۇرۇمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋى سودا ماگناتلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى قانداق يانفون ئىشلىتىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: ياسىنىشنى ياقتۇرمايمەن، گالىستۇكنىمۇ باشقىلار سوۋغا قىلغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: مېنىڭ ئىشخانىدا ئۆلگۈم يوق

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015