دوستلار چەمبىرىكىدە تۆھمەت قىلىشمۇ جىنايەت

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-09 22:54:17

ۋۇ xx جۇخەي شەھىرىدىكى بىر پەن-تېخنىكا شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى، ۋاڭ xx بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ئىدى. يېقىندا ۋۇ xx شىركەتكە خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىش دوكلاتى سۇنغان، بىراق شىركەتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا شىركەت ئۇنىڭ مائاشى بىلەن شېرىنكانىنى تۇتۇپ قالغان، ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، شىركەت ئاندىن  ۋۇ xxنىڭ مائاشىدىن 6199.19 يۈەننى بەرگەن.

سوتتا ۋاڭ xx: «ۋۇ xx ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە مېنىڭ ئۈستۈمدىن پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى، ھەتتا بۆھتان چاپلاپ تۆھمەت قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ نام-ئاتاق ھوقۇقۇم دەخلىگە ئۇچرىدى، شۇڭا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋۇ xxنىڭ قىلمىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، نام-ئاتاق ھوقۇقۇمنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن؛ بىراق ۋۇ xx مۇنداق دەپ قارىغان: «شىركەت ماڭا مائاشىمنىڭ بىر قىسمىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا ماڭا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۈندىداردىكى سۆھبەت داۋامىدا ئىنتايىن قوپال سەت گەپلەرنى قىلدى، شۇڭا قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ، ۋاڭ xx بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ئېلان قىلىۋەتتىم».

ئۇنداقتا ۋۇ xxنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن ۋاڭ xxنىڭ نام-ئاتىقىغا تەھدىت پەيدا قىلدىمۇ؟ 

سوتتا ۋاڭ xمۇنداق دەپ قارىدى: «بۇلتۇر 16-فېۋرال ۋۇ xx ئۆزىنىڭ شەخسىي سەۋەبى بىلەن خىزمەتتىن ئايرىلدى، مارت كىرگەندىن كېيىن ئۇ شېرىنكانەمنى بەرمىدى دەپ، مېنىڭ ئۈستىمدىن ئېغۋا تارقاتتى، بۆھتان چاپلاپ تۆھمەت قىلدى ۋە ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتتى. مېنىڭچە، ۋۇ xنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن شىركەت خېرىدارلىرى، خىزمەتداش ۋە دوستلار ھەتتا جەمئىيەت ماڭا بەرگەن باھادا سەلبىي ئامىل كۈچىيىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن نام-ئاتىقىم ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى».

ۋۇ xx مۇنداق دەپ قارىدى: «2017-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ۋاڭ xxتىن شېرىنكانەمنى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم، ئەمما شېرىنكانىنى ئۈچ ئايچە سۆرىگەندىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە 5-فېۋرال 6199.19 يۈەن بەردى، بىراق 7-ئاپرېل ۋاڭ xx مەندىن قىساس ئېلىشنى باشلىدى، ئالدى بىلەن ئۈندىداردا مەن ۋە ئانامنىڭ ئىززىتىگە تېگىدىغان گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى، شۇ كۈنى كەچتە ھەتتا ئانامغا تېلېفون بېرىپ پاراكەندىچىلىك سالدى، ئۇنى قاتتىق تىللىدى ھەم جىسمانىي ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئىشلاردىن مەن بەكلا ئاچچىقلاندىم، شۇڭا ۋاڭ xx بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان گەپلەرنىڭ خاتىرىسىنى دوستلار چەمبىرىكىگە ئېلان قىلىۋەتتىم».

خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق دەپ قارىدى:«ۋاڭ xx بىلەن ۋۇ xx نىڭ سۆھبىتىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتىلغان چەكتىن ئاشقان سۆزلەر بار، ۋۇ xxنىڭ قارىشى بويىچە، شىركەت ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق شېرىنكانىسىنى بەرمىگەن، شۇڭا بۇ سەۋەبلەردىن قاتتىق ئاچچىقلانغان ئۇ ئۈندىداردا كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلغان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايانلىرىدا شىركەت ۋە ۋاڭ xx ھەققىدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان باھالارمۇ بار، گەرچە ئۇنىڭ گەپلىرىدە چەكتىن ئاشقان تەرەپلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەتنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغانلىق ۋە ۋاڭ xxنىڭ گېپىگە ئىنكاس قايتۇرغانلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ xxنىڭ ئېيتىشىچە، ۋۇ xx ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان پاراڭنىڭ خاتىرىسىنى ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ئېلان قىلىپ، شىركەت خېرىدارلارنىڭ ۋاڭ xx كە بەرگەن باھاسىغا تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ نام-ئاتىقى مۇناسىپ زىيانغا ئۇچرىغان. ئەمما ۋاڭ xبۇ گەپلىرىنى دەلىللەيدىغان پاكىت كۆرسىتەلمىدى، شۇڭا مەھكىمىمىز ۋاڭ xx نىڭ ۋۇ xx نام -ئاتاق ھوقوقۇمغا زىيان سالدى، دېگەن قارىشىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلدى.

گۇاڭدۇڭ«شىننەن» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ ئەيدۇڭ بۇ دېلو ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى:«ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشمۇ جىنايەت، بىراق جىنايەت بېكىتىشنىڭ شەرتلىرى قالدۇرۇلمىسا بولمايدۇ. نام-ئاتاق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئالاقىدار تەرەپنىڭ قىلمىشى باشقىلارغا بېرىلگەن ئىجتىمائىي باھادا بولماسلىققا تېگىشلىك ئېغىر تەسىرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دەرىجىگە يەتمىسە جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە نىسبەتەن كۆپ يۈز بېرىدىغان نام- ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ھاقارەتلەش ۋە تۆھمەت قىلىش شەكلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ دېلونى چېقىش قىلىپ مۇھاكىمە يۈرگۈزسەك، جاۋابكار ئېلان قىلغان يازما باھادا<يۈزسىز>، <پۇلخۇمار> دېگەندەك خەتلەر ئۇچرايدۇ، بۇلارنىڭ نام-ھوقۇقىغا زىيان سېلىش ئېھتىماللىقى بار. ئەمما نام-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، خاتالىق، قىلمىش، زىيان سېلىش، ئاقىۋىتى ۋە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت تۆت نۇقتىدىن ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دېلودا كېڭەشمە سوت دەۋاگەرگە بېرىلگەن ئىجتىمائىي باھانىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان پاكىت يوق دەپ قاراپ، نام-ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنمىغان، دەپ ھۆكۈم چىقارغان، بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن».

 

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • پەقەت ما يۈنلا بۇ خىل زىياپەتتە قارت ئوينىيالايدۇ
  • دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى سەككىز چوڭ تېخنىكا شەھىرى
  • دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق: باھاسى 170 مىڭ يۈەن
  • بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر ۋە دوۋيىننىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ يىمىڭ: ياش مىليادىرنىڭ «تىركىشىش» پەلسەپەسى
  • ئەرلەرنىڭ توردىكى ئىستېمال سوممىسى تۇنجى قېتىم ئاياللاردىن ئېشىپ كەتتى
  • قوشنىمىز ئاي شارىغا مۇناسىۋەتلىك ھەيران قالارلىق سىرلار
  • نېمە ئۈچۈن يىجيا 5T يانفونى ئابۇنتلارنى %100 رازى قىلالىدى؟
  • 250 مىليون يىلدىن كېيىن يەر شارىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟
  • پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سەككىز باينى بىلەمسىز؟
  • شياۋمىنىڭ 2017-يىلىغا نەزەر
  • ئىنسانلار مارستا پەقەت 60 كۈنلا ياشىيالايدۇ
  • ھەقىقىي پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون قانداق بولىدۇ؟
  • لېشى كۆچمە تارمىقىنىڭ سابىق CEOسى ئابلىكىم ليەنشياڭغا كىردى
  • ئەلى بابا 2017-يىلى مەبلەغ سالغان 10 چوڭ تۈر
  • ئامېرىكا ئالىملىرى: تاشقى پىلانېت ئۇچار كېمىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇت
  • تېخنىكا ساھەسىدىكى چوڭاملاردىن كىم پېشقەدەم كادىرغا ئەڭ ئوخشايدۇ؟
  • ما يۈن: كەلگۈسى 30 يىلدا ماشىنا ئادەم راسىت ئادەمگە ئۆزگىرىدۇ ئىنتېرنېت «يوق»لۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ
  • ﻧﻮﻛﯩﻴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دوستلار چەمبىرىكى چىقارمايدىغان كىشىلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: ئوقۇغۇچىسى 100گە يەتمەيدىغان يېزا مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرىۋېتىش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققۇچى 45 يىل يوشۇرغان مەخپىيەتلىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما خۇاتېڭ: ئايالىم بىلەن QQ ئارقىلىق تونۇشقان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەلى بابا 2017-يىلى مەبلەغ سالغان 10 چوڭ تۈر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دەۋر» ژۇرنىلى 2017-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 25 كەشپىياتنى باھالىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايسى جانلىقنىڭ نەسلى قۇرۇمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋى سودا ماگناتلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى قانداق يانفون ئىشلىتىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015