دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارنىڭ «ئىقتىدار-باھا نىسبىتى» دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-12 14:15:18

تېڭشۈن تورى 12-فېۋرال خەۋىرى،: 

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئەقلىيفون بازىرى تازا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان چاغلاردا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلار ئىقتىدار-باھا نىسبىتىگە تايىنىپ بازار ئىگىلەپ، نۇرغۇن ئابۇنىتلار توپى ۋە بازار ئۈلۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى.

2017-يىلى يانفون بازىرى بىر كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى، ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرھال سەۋىيەدىكى يانفونلارنىڭ ئالقىشىنىش دەرىجىسى مىڭ يۈەنلىك ۋە تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ھازىر دۇنيادىكى مال چىقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ يانفونلار يەنىلا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلاردۇر. 

لېكىن شياۋمىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى يەنىلا خوڭمى يانفونى. 2017-يىلى شياۋمىنىڭ ئەڭ بازار تاپقان يانفونى باھاسى مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان خوڭمى note4X، بۇ يانفوننىڭ 2017-يىلىدىكى سېتىلىش مىقدارى 20 مىليوندىن ئاشتى. 

مېيزۇمۇ شياۋمىغا ئوخشاش مېيلەن يۈرۈشلۈكىگە تايىنىپ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇردى. گەرچە ھازىر كونكرېت سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، لېكىن 2017-يىلى مېيزۇنىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى يانفونى چوقۇم مېيلەن note 6.

دۆلىتىمىز يانفونلىرىنىڭ ئاتامانى خۇاۋېيمۇ ئوخشاشلا تارمىقىدىكى روڭياۋ يۈرۈشلۈكىگە تايىنىپ بازار ئىگىلەۋاتىدۇ، لېكىن بۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلات ياۋروپادا ھېچقانداق ئىش تەۋرەتەلمىدى. 

ھازىر مىڭ يۈەنلىك يانفونلار نوقۇل قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگىلا تايانمايدۇ، ئەكسىچە تېخنولوگىيەلىك سەۋىيە ۋە ID جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بار؛ مەسىلەن يىل بېشىدا ئېلان قىلىنغان خوڭمى 5Plus پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون، مېيلەن S6 ئەڭ كۆركەم مىڭ يۈەنلىك يانفون.

شۇڭا دۆلىتىمىز بازىرىدىكى مىڭ يۈەنلىك ۋە ئوتتۇرھال سەۋىيەدىكى يانفونلار كەلگۈسىدە يېڭى رىقابەتنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ رىقابەتتە نوقۇللا سەپلىمە ۋە قاتتىق دېتالغا تايىنىشقا بولمايدۇ. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئېلون ماسك توختىماي راكېتا قويۇپ بېرىپ دۇنيانىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلەتمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دوستلار چەمبىرىكى چىقارمايدىغان كىشىلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: ئوقۇغۇچىسى 100گە يەتمەيدىغان يېزا مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرىۋېتىش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققۇچى 45 يىل يوشۇرغان مەخپىيەتلىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما خۇاتېڭ: ئايالىم بىلەن QQ ئارقىلىق تونۇشقان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015