لېي جۈننىڭ ئۈچ چوڭ پەرىزىنىڭ قانچىسى ئەمەلگە ئاشتى؟

تەۋە تۈر : خەۋەر > تىخنىكا >       مەنبە : نۇر تورى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2018-02-12 18:37:36

تېڭشۈن تورى 12-فېۋرال خەۋىرى،: 

شياۋمى كەلگۈسىدە قاياققا تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ ھازىر ئەقلىيفون تارىخىغا يېزىلغان ماركىغا ئايلاندى. ئەگەر ئەينى يىلى شياۋمى بولمىغان بولسا، دۆلىتىمىز يانفون ماركىلىرى قەد كۆتۈرۈپ ئەقلىيفون ساھەسىدە ئۆزگىرىش ياسىيالمىغان بولاتتى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارمۇ خەلقئارا سەھنىدە نامايان بولمىغان بولاتتى. شياۋمى يانفونىنى تىلغا ئالغاندا، شياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈننى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. دەل ئۇ شياۋمى يانفونىنى كىشىلەرگە تونۇتتى، دۆلىتىمىز يانفون ماركىلىرىنى ئويغاتتى. لېي جۈننىڭ يانفون ھەققىدىكى ئۈچ پەرىزىنىڭ ئىككىسى ئەمەلگە ئاشتى. 

بىرىنچى، شياۋمى يانفون كەسىپىدىكى ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەقلىيفوننىڭ ئومۇملىشىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. 

لېي جۈن 2011-يىلى 16-ئاۋغۇست 1999 يۈەن باھانى ئوتتۇرىغا قويغاندا، نەق مەيداندىكىلەرلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا زىلزىلىگە كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەر شياۋمىنىڭ يانفون ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ھىچكىممۇ شياۋمىنىڭ بۇنداق ئۇسۇل بىلەن يانفون كەسپىگە قەدەم قويىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بىلىشىمىز كېرەككى، ئەينى ۋاقىتتا ئوخشاش دەرىجىدىكى، ئوخشاش سەپلىمىلىك يانفونلارنىڭ باھاسى 3000 يۈەندىن يۇقىرى ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن لېي جۈن كۆپ قېتىم شياۋمى يانفونىنىڭ قاتتىق دېتالدىن پايدا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مەقسىتى ئەقلىيفوننىڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكا ئاتا قىلغان خۇشاللىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئىدى. بۈگۈن لېي جۈننىڭ بۇ پەرىزى ئەمەلگە ئاشتى، ھازىر شياۋمىنىڭ باشچىلىقىدا ئەقلىيفوننىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ئېشىۋاتىدۇ. 

ئىككىنچى، كەلگۈسىدىكى يانفونلارغا پۈتۈن ئېكران سەپلىنىدۇ.

2016-يىلى نويابىردا شياۋمى Note2 بىلەن تۇنجى ئەۋلاد شياۋمى MIX ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدىن بۇرۇن شياۋمىنىڭ شياۋمى MIXنى ئېلان قىلىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىدى. بۇ يانفون ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆركەم سىرتقى كۆرۈنۈشىگە تايىنىپ دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭدىن كېيىن لېي جۈن كەلگۈسىدىكى يانفونلار پۈتۈن ئېكران بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شياۋمى MIX پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىياتىنى سىلجىتتى، شۇنىڭدىن كېيىن، 2017-يىلى مارتتا سامسۇڭ S8 رەسمىي ئېلان قىلىندى، بولۇپمۇ، 2017-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ بارلىق يانفونلارغا پۈتۈن ئېكران سەپلەندى. 

ئۈچىنچى، شياۋمى ئىككى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىز يانفون بازىرىدا بىرىنچى بولىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى پەرەز ئەقلىيفون بىلەن كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك، ھازىر ئۇلار ئەمەلگە ئاشتى، پەقەت ئۈچىنچى پەرەزلا شياۋمى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك، بۇ نىشاننى شياۋمى ئۈچ قېتىم ئاشكارا سورۇندا ئوتتۇرىغا قويدى. نەتىجىسىنى ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن بىلىمىز. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • پەقەت ما يۈنلا بۇ خىل زىياپەتتە قارت ئوينىيالايدۇ
  • دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى سەككىز چوڭ تېخنىكا شەھىرى
  • دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق: باھاسى 170 مىڭ يۈەن
  • بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر ۋە دوۋيىننىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ يىمىڭ: ياش مىليادىرنىڭ «تىركىشىش» پەلسەپەسى
  • ئەرلەرنىڭ توردىكى ئىستېمال سوممىسى تۇنجى قېتىم ئاياللاردىن ئېشىپ كەتتى
  • قوشنىمىز ئاي شارىغا مۇناسىۋەتلىك ھەيران قالارلىق سىرلار
  • نېمە ئۈچۈن يىجيا 5T يانفونى ئابۇنتلارنى %100 رازى قىلالىدى؟
  • 250 مىليون يىلدىن كېيىن يەر شارىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟
  • پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى سەككىز باينى بىلەمسىز؟
  • شياۋمىنىڭ 2017-يىلىغا نەزەر
  • ئىنسانلار مارستا پەقەت 60 كۈنلا ياشىيالايدۇ
  • ھەقىقىي پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون قانداق بولىدۇ؟
  • لېشى كۆچمە تارمىقىنىڭ سابىق CEOسى ئابلىكىم ليەنشياڭغا كىردى
  • ئەلى بابا 2017-يىلى مەبلەغ سالغان 10 چوڭ تۈر
  • ئامېرىكا ئالىملىرى: تاشقى پىلانېت ئۇچار كېمىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇت
  • تېخنىكا ساھەسىدىكى چوڭاملاردىن كىم پېشقەدەم كادىرغا ئەڭ ئوخشايدۇ؟
  • ما يۈن: كەلگۈسى 30 يىلدا ماشىنا ئادەم راسىت ئادەمگە ئۆزگىرىدۇ ئىنتېرنېت «يوق»لۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ
  • ﻧﻮﻛﯩﻴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ؟
  • تەۋسىيە قىلغىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

    مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

    مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • دوستلار چەمبىرىكى چىقارمايدىغان كىشىلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما يۈن: ئوقۇغۇچىسى 100گە يەتمەيدىغان يېزا مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرىۋېتىش كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققۇچى 45 يىل يوشۇرغان مەخپىيەتلىك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ما خۇاتېڭ: ئايالىم بىلەن QQ ئارقىلىق تونۇشقان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئەلى بابا 2017-يىلى مەبلەغ سالغان 10 چوڭ تۈر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «دەۋر» ژۇرنىلى 2017-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 25 كەشپىياتنى باھالىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايسى جانلىقنىڭ نەسلى قۇرۇمايدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنياۋى سودا ماگناتلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى قانداق يانفون ئىشلىتىدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015