ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

تەۋە تۈر : خەۋەر > خەلقئارا >       مەنبە : nur tori      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2017-09-10 13:57:27

كرودىيەدىكى بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن نېۋان سىگانوۋىك (Nevan Ciganovic) ئىسىملىك بۇ ئەر لايىھىلىگۈچى بولۇپ، بۇ ئەر ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان. ئۇ بۇرنىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەم پۈتۈن بەدىنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان. نېۋاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر قېتىملىق ھۆسن تۈزىتىش ئوپېراتسىيەسىدە بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى توختىماي تۆۋەن تەرەپكە ئېقىپ بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئىزچىل قان تىقىلغان ھالەتتە تۇرۇپ قالغان.

نېۋان مۇنداق دېگەن: <مەن ئىراندا ھۆسن تۈزىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان، ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 4-قانىلى مېنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ تۇرمۇشۇمنى كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشتۇرغان>. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: <ھۆسن تۈزىتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ جەريانى سىنغا ئېلىنمىغان، دوختۇرلار پۈتۈن بەدىنىمنى ناركوزلاپ ئوپېراتسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئوپېراتسىيە جەريانىدا يەنىلا بىئاراملىق ھېس قىلدىم>. نېۋان ھۆسن تۈزىتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن سېربىيە پايتەختى بېلگىرادتىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋالانغان، ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن گەرچە پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

نېۋان ئسىملىك بۇ ئەر ھازىرغا قەدەر بۇرۇن، كالپۇك، ئاستىنقى ئېڭەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە قېتىملىق ھۆسن تۈزىتىش ئوپېراتسىيەسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدىنى ھەر خىل چەكمىلەرگە تولغانىدى، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بۇرۇن ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارادىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: <مەن كىنولاردا رول ئېلىشقا تەقەززامەن، مەن بۇنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىياتىمنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن>.

بەزى كىشىلەر نېۋاننى تەنقىدلەپ توختىماي ھۆسن تۈزىتىشنىڭ ئۇنى تېخى قامەتلىك كۆرسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئىلگىرىكىدىنمۇ سەت كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ قىلچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا: <مەن دائىم باشقىلارنىڭ مېنى بۇرۇنقىدىنمۇ قامەتلىك بولۇپ كېتىپتۇ دەپ ماختىغانلىقلىرىنى دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن> دېگەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

تەۋسىيە قىلغىنى

تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق

تەۋسىيە ۋېدىئولار

ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەر

مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى

مۇشۇ تۈردىكى مۇھىم خەۋەر
  • گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىر يىگىت 20 مېتىر كېلىدىغان سۈرەتنى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئېسىپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھۆسن تۈزىتىشكە خۇمار بولۇپ قالغان كرودىيەلىك ئەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق «پۇلدار ئايال» دەردىنى ئېلىش ئۈچۈن 13 ئەر بىلەن توي قىلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئۆلۈۋالغان ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆچۈرۈلگەن ئادەم 12 يىلدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈۋالدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • زاماننىڭ 200 يىل ئالدىدا تۇرالىغان ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تايلاندلىق ئايال 2 يىلدا 8 ئەر بىلەن توي قىلىپ تويلۇقنى ئالداپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىككى ياشنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015